باش بەت

مەستان

245يوللانما
6مەستانە

ھىندىستانلىق ئەرنىڭ ئاشقازىنىدىن چىققان نەرسىلەر دوختۇرنى چۆچۈتىۋەتتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-04 17:20 11 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، ھىندىستاندىكى سىنگىر ئىسىملىك بىر ئەر ئاشقازىنى ئاغرىپ چىدىيالماي دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتكەن. باشتا دوختۇر ئۇنى بەلكىم مەينەت نەرسىلەرنى يەۋالغان چېغى دەپ ئويلىغان، لېكىن ئەرنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن.

دوختۇر تېزدىن ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرگەن، نەتىجىدە ئەرنىڭ ئاشقازىنىدىكى نەرسىنى كۆرۈپ ھەممەيلەن چۆچۈپ كەتكەن.

ئەسلىدە بۇ ئەرنىڭ ئاشقازىنى ئىچىدە پۈتۈنلەي مېتال ماددىلار بار بولۇپ، 140 تال تەڭگە پۇل، 150 تال يىڭنە، يەنە بىرمۇنچە گايكا-بولتىلار، كىشىنىڭ ئەڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى يەنە كونىراپ كەتكەن باتارىيەمۇ بار ئىكەن. دوختۇر ئۇلارغا بىمارنى ۋاقتىدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، سەللا كېچىككەن بولسا بۇ مېتاللارنىڭ بىمارنىڭ ئاشقازىنىنى تېشىۋېتىپ ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئالتە دوختۇرنىڭ ئۇلاپ توققۇز سائەت ئوپېراتسىيە قىلىشى نەتىجىسىدە، ئەرنىڭ ئاشقازىنى تولۇق تازىلىۋېتىلگەن. سىنگىرنىڭ بۇ مېتاللارنى يەۋىلىشى ئۇنىڭ ئەسەبىيلىشىش كېسىلى سەۋەبلىك بولۇپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئاشقازىنىغا مۇشۇنچە كۆپ نەرسە يىغىلىپ كەتكەن ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئوغلۇم ئاينۇر3 ئاي ئىلگىرى

    زىركىپ قاسام ئىنكاس ئۇقۇيمىچا بەك قىززىق ھە

  • ئوتتۇز ھەرىپ3 ئاي ئىلگىرى

    تۇمۇر تەستەك يىيىشكە ئاشىق بۇلۇپ قاغان بايقۇشكەن بۇ ھامۇ؟

  • قارلەيلىسى3 ئاي ئىلگىرى

    ئادىل تورداش ، رەھمەت سىزگە ئاۋارە قىلىپتىمەن.

  • ئادىل3 ئاي ئىلگىرى

    قار لەيلىسى قېرىنىشىم بىزنىڭ بۇ يەردە مەخسۇس مۇشۇنداق كېسەلنى داۋالايدىغان دوختۇرخانا با ساقىيپ چىققان بىر نەچچەيلەننىمۇ كۆردۈم مۈمكىن بولسا مۇشۇ يەردە داۋالىتىپ باقسىڭىز بولغۇدەك ئارال شەھىرىدە

  • قارلەيلىسى3 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ كىشى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ تورداشلار.ئەمەلىيەتتە بۇ ئەسەبىيلىشىش تۇتقاقلىقنىڭ يەنە 1 خىل ئاتىلشى،مېنىڭ سىڭلىمدا مۇشۇنداق كېسەل بار.بۇنداق كىشلەر ئۆزىنىڭ يېمەكلىكىنى كونترول قىلالمايدىكەن.ھەتتا ئۇنىڭ توپا يىگىننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن ئىدىم.يېگىلى بولىدىغانلىكى نەرسە بولسا ئاغزىغا سېلىپ باقىدۇ ھېلىمۇ كۆرسەتمىگەن دوختۇرخانا قالمىدى.

  • ismim yok3 ئاي ئىلگىرى

    ئادەتتە سېرىكچىلەمۇ ئۇنداق جىقنەسە يەلەممەيدۇ ، بۇ تۇغما سېرىكچى ئوخشايدۇ

  • سابا مېدىيا3 ئاي ئىلگىرى

    ئاشقازىنى ئاممىۋى ئاپتۇبۇسنىڭ پۇل تۆلەيدىغان ساندۇقىدەك بوپ قاپتۇ

  • ئىسىمسىز3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي باللا خەۋەرنى بىر تۈزۈك ئوقۇڭلار ، كىسىلى باركىن شۇنىڭ ئۈچۈن يەپ قالغان گەپ،،،،

  • ئەلىي3 ئاي ئىلگىرى

    دۇختۇغا تۇلەيدىغان پۇلى ئاشقازاندىن چىقىپتۇ

  • سەردار3 ئاي ئىلگىرى

    غەلىتە ئىشلار مۇشۇ دۆلەتتىن چىقىدىكەن توۋا نامرات بولغاندىكىن تەڭگە پۇل يىگۈچە تەڭگە پۇلغا يىمەكلىك ئېلىپ يىسىچۇ بىچارە بايقۇش

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号