باش بەت

مەستان

242يوللانما
4مەستانە

ما روڭ 15 مىليون خەجلەپ ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-04 18:51 4 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، مەلۇم تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ما روڭ شىركىتىدە ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ھەمدە بۇنىڭغا 15 مىليون خەلق پۇلى سەرپ قىلغان. دەسلەپكى قەدەمدىكى ماتېرىياللار تەستىقتىن ئۆتكەن بولۇپ، ئاي ئاخىرىدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ما روڭ بېجىرگەن كۆچمەنلىك تۈرى 188c بولۇپ، بۇ تۈر پۇلدارلارنىڭ بىرىنچى تاللىشى ئىكەن، دۆلەتلەر كېپىللىك قىلىش ھالقىسىنىڭ ماقۇللىنىش نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن %100 ئىكەن. ئاشكارىلىغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ما روڭ بۇ قېتىم بېجىرگىنى پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ۋىزىسى ئىكەن، بۇ ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولۇشى مۇمكىنلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ۋاڭ باۋچياڭ بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن، ما روڭ ئۇزۇنغىچە ئاممىنىڭ نەزىرىگە چىقىپ باقمىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى كۆچمەنلىك خەۋىرى چىقىشى بىلەن، نۇرغۇن تورداشلار: «بەك ياخشى بولدى، جۇڭگودا بىر زەھەرلىك ئۆسمە ئازىيىدىغان بولدى» دېيىشتى. يەنە بىر قىسىم تورداشلار: «ئەگەر بالىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتسە، بۇ ۋاڭ باۋچياڭغا بەكمۇ ئۇۋال بولمامدۇ؟» دەپ ئەندىشە قىلىشتى.

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • مېسسى2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاڭ باۋچىياڭغا ئاسىيلىق قىلىپ ئاشنا ئويناپ بۇيەردىمۇ تۇرالماپتۇدە؟ 男人不坏女人不爱 دېگەن شۇدە زادى، بىز خەقتە بۇنداق ئىش تېخىمۇ ئېغىر.

  • ئۈمۈت2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنىڭ سەتچىلىك خەۋىرى پۈتۈن جۇڭگوغا تاراپ كەتكەندىكىن جۇڭگودا يۈزۈم قالمىدى دەپ چىقىپ كەتمەكچى بولغاندۇ بەلكىم.

  • Rahul2 ئاي ئىلگىرى

    ئادەم ئىمەس بىر بىلەن قۇدىرەتىلك جۇڭگۇدا ئۇتاغىسى كەممەي ھەي مۇشۇ ئۇزىنى بەك چوڭ تۇتىۋالىدىغان چولپانلارنى زە

  • شاپ شۇپ2 ئاي ئىلگىرى

    مارۇڭ QQ ئىشلىتىدىكەن ھە ...ھې ھې ھې

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号