باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

ماسكنىڭ بايلىقى 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ئاشتى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-04 23:09 2 ئىنكاس چۈشتى

تېخنىكا تورى 4-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېلون ماسكنىڭ راكېتا شىركىتى Space X يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەبلەغ يىغىشنى تاماملىغان بولۇپ، بىراقلا دۇنيادىكى بەشىنچى چوڭ ئەڭ قىممىتى بار شىركەتكە ئايلانغاندىن كېيىن غوجايىن ماسكنىڭ بايلىقى 21 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

Space X نىڭ مۆلچەر قىممىتى ھازىر 2015-يىلىدىكى 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 21 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستى. Space Xنىڭ مۆلچەر قىممىتى ئېشىپ ماسكنىڭ ساپ بايلىقىنى 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيتتى، يەنە بىر شىركىتى تېسلانىڭ پاي باھاسى ئۆسۈپ، ماسكنىڭ بايلىقىنى 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيتتى. قىسقىغىنا نەچچە ھەپتىدىلا ماسكنىڭ بايلىقى 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن كۆپەيدى، %29 ئاشتى.  

باش سۈرەت تاللاش x
  • تۇيغۇ3 ئاي ئىلگىرى

    ئەگەر مارس پىلانى توغىرسىدا دىگەنلىرى پات ئاردا ئەمەلگە ئىشىپ قالسا ،ئىنسانلار ئىچدىكى ئەڭ ھورمەتلىك ،ئەڭ قەدىرلىك يول ئاچقۇچى، ئەڭ باي ئادەمگە ئايلانغۇدەك .نىمدىگەن بەخىتلىك ئادەم ...:

  • ئەلەمدار3 ئاي ئىلگىرى

    كەلگۈسى دۇنيانىڭ بېيى بۇ،ئاز كۈن ئىچىدە بۇنىڭ بايلىقى ئالدىنقى 5باينىڭ بايلىقىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号