باش بەت

خەندان

375يوللانما
47مەستانە

ئامىر خاننىڭ يېڭى فىلىمدىكى ئوبرازلىرى ۋە فىلىم باش تېمىسى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-05 09:35 11 ئىنكاس چۈشتى



20170805000016230.jpg

ئامىرخان رول ئالغان يېڭى فىلىم «سىرلىق چولپان» تەشۋىق فىلىمىنى ئېلان قىلدى، بۇ فىلىمدە ھىندىستانلىق بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ئامىرخاننىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە يېتەكلىشى ئارقىسىدا، ئائىلىسىدىكى كىشەنلەردىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئارزۇسىغا باتۇرلۇق بىلەن ئىنتىلىشىدەك ھېكايە بايان قىلىنىدۇ. 

مەزكۇر فىلىمنى «چېلىشچى» فىلىمىغا ئوخشاشلا، ئامىرخاننىڭ ئۆزىنىڭ فىلىم شىركىتى ئىشلىگەن، ئامىرخان فىلىمدا رول ئالغان. ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ فىلىمدە ئامىرخان سېمىز تەمبەل ئاتا ئوبرازىدىن مودا ياسانچۇق داڭلىق ناخشىچى ئوبرازىنى يارىتىدۇ. بۇ ئىككى فىلىمدىكى ئاساسىي تېما ۋە ۋەقەلىك ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھەر ئىككىلىسىدە بىر قىز ئۇستازنىڭ ئىلھامى ۋە مەدىتى ئاستىدا، سىرتقى ئاسارەتلەردىن قۇتۇلۇپ، ئارزۇسىغا باتۇرلۇق بىلەن ئىنتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ھەتتا ئىككى فىلىمدىكى كىچىك قىزچاق ئوخشاش بىر رول بولۇپ زايرا ۋاسىم(Zaira Wasim) بۇرۇن «چېلىشچى» فىلىمىدا كىچىك گىتانىڭ رولىدا چىققان. ئۇنداقتا بۇ «سىرلىق چولپان» فىلىمى «چېلىشچى» فىلىمىگە قارىغاندا ئۇتۇق قازىنالامدۇ؟ بۇنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز!

بۇ فىلىم 10-ئاينىڭ 19-كۈنى قويۇلىدۇ.

ئامىرخاننىڭ فىلىمدىكى ئوبرازلىرىنىڭ ھەرىكەتلىك سۈرەتلىرى؛


3-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئورگان تەرەپ رەسمىي تەشۋىق فىلىمى:

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    ئامرخان بەك قالتس✌

  • شاش2 ئاي ئىلگىرى

    بىر ۋاقىتلاردا ئۇچقۇر ئوغرى دىگەندەك ۋەھشى كىنولارنى ئىشلەيتتى ئەمدى ھەركەتلىىك فىلىم ئىشلىمەس بوپتۇ لىكىن ئىشلىگەن كىنولىرى مەزمۇنلۇق چوڭلارنىڭ رولىنى ئىلىۋاتىدۇ قىرىغان ئوخشايدۇ ھەقىقەتەن

  • كۈچلۈك2 ئاي ئىلگىرى

    شىشى خاخا قىزچاق ئۈمىدنىڭ بىر مىللەتكە نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك، كۈتۈش ۋە كۈتۈش يولىدا تىرىشىش ئەمىليەتتە ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل مەناسى، ئۇلۇغۋار نەتىجە ئۇلۇغ سەۋىر ۋە تىرىشىشتىن كىلىدۇ.

  • ئىھسان8862 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخان ھەربىر فىلىمدە ئوخشىمىغان ئۇسلۇپ يارىتىدۇ، بۇفىلىمدىكى مودا ئۇسلۇبى نۇرغۇن مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشى مۇمكىن. مانا بۇ ئۇنىڭ باشقا چولپانلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى… ماڭا بۇفىلىمنى كۈتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، فىلىم ئىسمى super star سىرلىق گىگانىت چولپان

  • بۈركۈت(TJK)2 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخان ئىلھاملاندۇرۇش رولىغا ئىگە فىلىملەرنى كۆپرەك ئىشلەيدىكەن،شۇڭا ئۇنىڭ كىنولىرى بۆسۈش خارەكتۇرلۇق نەتىجە يارتىدىكەن،باشقا ئارتىسلارمۇ مۇشۇ تېمىلارنى چىڭ تۇتۇپ كىنو ئىشلىسە،ھىندىستاندىكى بېلەت كىرىمى يۇقىرى بولغۇدەك…

  • ئۇز سۇلتان2 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخاننىڭ فىلىمىنى مەنمۇ كۈتىۋاتىمەن

  • ئارمان2 ئاي ئىلگىرى

    يىڭىلىق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز……

  • 嘻嘻哈哈2 ئاي ئىلگىرى

    ھېندىلا بەك ئۈمىد كە مۇھتاج خەقلا ئوخشايدۇ ، ھەرقاچان بىرە ئىلاھ ياكى شەخىسنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزىشىنى كۈتۈپ تۇرىدىغان ،

  • Fave2 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخان ئارزۇ فىلىملىرىنى ئىشلەۋاتىدىغۇ بۇ فىلىمنىمۇ ساقلايمىز ئەلۋەتتتە

  • سەرفەراز2 ئاي ئىلگىرى

    كۈتىۋاتىمىز مۇشۇ فىلىمنى!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号