باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

ماسك ھەمكارلىق شېرىكىنى تاشلىۋېتىپ ئۆزى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ياسىماقچى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-05 12:51 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 5-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماسك يەنە بىكار بولالمىغان، ئۇ ئۆزى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ياساشقا تەييارلىق قىلغان، بۇ ئۇچۇر راست بولسا ئەسلىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ھەمكارلىق شېرىكى HTT ۋە Hyperloop One قاتتىق خىجالەتتە قالىدۇ.

ھازىر دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تاۋار ماركىسى يەنىلا SpacceXنىڭ قولىدا، ماسك 2013-يىلى بۇ ئۇقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنلا «Hyperloop» تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغان. دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 1200 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

بۇرۇن ماسك بۇ تېخنىكىنى تەتقىق قىلغاندا ئۈچىنچى تەرەپ شىركەت بىلەن رىقابەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى سىناقتا Hyperloop Oneنىڭ سىناق پويىزى سائىتىگە 310 كىلومېتىر يۈرگەن.

لېكىن ماسك 7-ئايدا مىكرو بىلوگىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئاغزاكى تەستىقىغا ئېرىشكەنلىكى، يېڭى شىركىتى The Boring Company بىر يۈرۈش يەر ئاستى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك پويىز سىستېمىسى ياساشقا تەييارلىق قىلغانلىقى، نيۇيورك، فونىكس شەھىرى، بالتىمور ۋە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ماسك بۇ يەر ئاستى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك پويىز سىستېمىسىغا ئالاقىدار تەپسىلىي پىلانىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن The Boring Company ئېنىقلا Hyperloop One ياكى باشقا ئۈچىنچى تەرەپ شىركەت بىلەن ھەمكارلاشمىغان. قارىغاندا ماسكنىڭمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدىن بىر كىشىلىك پايدا ئالغۇسى بار ئىكەن.

SpaceX سەككىزىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىككىنچى قېتىملىق دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ، مۇسابىقىدە كۆپلىگەن كوماندا ئۆزلىرىنىڭ لايىھەلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى كوماندىلار يەنە سۈرئەت ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلايدۇ. لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ماسك قوشۇلىدىغان بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تارىخى ئۆزگەرتىپ يېزىلىشى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号