باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

تېسلا Model Xنىڭ باھاسى يەنە 3000 دوللار چۈشتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-05 12:58 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 5-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلا Model 3نىڭ بازارغا سېلىنىپ سېتىلىشنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە، يەنە كونا نۇسخىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش باھاسىنى تەڭشەش ئارقىلىق سېتىش مىقدارىنى ئاشۇردى، بۇ نوقۇل ھالدا باھاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل خېرىدارلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ. Electrekنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 7-ئايدا ئەڭ ئەرزان باھاسلىق Model S ئاپتوموبىلىنىڭ باشلىنىش باھاسىنى 5000 دوللار ئۆرلەتكەندىن كېيىن، بۇ ھەپتىدە ئالىي سەپلىمىلىك Model Xنىڭ 82500 دوللارلىق باھاسىنى 79500 دوللارغا چۈشۈرگەن.

تېسلانىڭ باياناتچىسى Electrek مۇنداق دېدى: «Model X 75Dنىڭ ئېلان قىلغان ۋاقىتتىكى ساپ پايدا نىسبىتى ئەسلىدىنلا ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ئەمما زاۋۇت ئۈنۈمدارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىز خېرىدارلارنى تېخىمۇ تۆۋەن باھالىق ئاپتوموبىللار بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.»

ئەمەلىيەتتە پەقەت ئاساسىي نۇسخىدىكى Model Xنىڭ باھاسىلا تۆۋەنلىتىلگىنى يوق. تېسلا يەنە Model Sنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى ھەمدە قىممىتى 5000 دوللارلىق ئالىي سەپلىمە بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشنى قارار قىلدى. بارلىق قوش ماتورلۇق Model Sنىڭ باھاسى 1500 دوللار تۆۋەنلىتىلدى. بارلىق ماشىنىلار ئىچىدە Model S P100D بىلەن Model X P100Dنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈش كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号