باش بەت

Romangul

287يوللانما
28مەستانە

شياڭگاڭدا ئوقۇۋاتقان بىر قىز تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچراپ 1 مىليون 150 مىڭ يۈەن پۇلى ئالداندى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-05 16:04 3 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، شياڭگاڭدا ئوقۇۋاتقان بىر ئاسپىرانت قىز ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچراپ، 1 مىليون 340 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى (تەخمىنەن 1 مىليون 150 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) زىيان تارتقان. شياڭگاڭ ساقچىلىرى بۇ دېلونى تەكشۈرۈپ، 1-ئاۋغۇست بۇ قىزنى شاتيەندىن تاپقان ھەم ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنمىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

شياڭگاڭ «باشبەت خەۋىرى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدامچىلىققا ئۇچرىغان قىزنىڭ 23 ياش بولۇپ، شېنياڭلىق، شياڭگاڭغا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كەلگەن ئىكەن. ئالدامچى باشتا ئۇ قىزنىڭ 760 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى (تەخمىنەن 650 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)نى ئالداپ ئېلىۋالغان. كېيىن ئۇ قىزنىڭ رەسىمىنى كىرىشتۈرۈپ، قىزنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىپ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى بەرگەن.

 

ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قىز ئوقۇغۇچى بۇرۇن بىر ئەردىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغان. قارشى تەرەپ ئۆزىنى قانۇن ئىجرائىيەچىسى دەپ، قىزنىڭ بىر پوچتا يوللانمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان، كېيىن تېلېفوننى ئىكىرىدىكى «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئەر»گە ئۇلاپ بەرگەن. ئۇ ئەر قىزغا بىر جىنايى ئىشلار دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى، ۋاقتىنچە ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئالاقىلاشسا بولمايدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈش كاپالەت پۇلى ئۈچۈن 650 مىڭ يۈەن پۇل تۆلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ھەم ئۇنىڭدىن بىر يانفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ، رەسىمىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇ قىز تېلېفون قىلغان ئادەمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچكىرىگە قايتىپ 650 مىڭ يۈەننى نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ بىر بانكا ھېسابات نومۇرىغا ئۇرۇپ بېرىپ شياڭگاڭغا قايتقان. بۇ پۇل كارتىغا ساقلانغاندىن كېيىنلا ئېلىپ كېتىلگەن.

جىنايەت گۇماندارى قىزنىڭ ئۈندىدارىنى ئوغرىلاپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە دوستلىرىغا قىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇر ۋە قىزنىڭ يېرىم يالىڭاچ، ناھايىتى ئازابلىق ھالەتتىكى رەسىمىنى ئەۋەتكەن ھەم ساقچىغا مەلۇم قىلماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغان. قىزنىڭ دادىسى قىزى بىلەن ئالاقىلىشالماي، قارشى تەرەپنىڭ دېگىنى بويىچە پۇل سېلىپ بەرگەن ھەم قىزىنىڭ دوستلىرىغا ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تاپىلىغان.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈش سائەت 12دە، ساقچىلار قىزنىڭ دوستىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋېلىپلا تەكشۈرۈشكە باشلىغان ھەم 1-ئاۋغۇست شاتيەندىن قىزنى تېپىپ، ئۇنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئىگىلىنىشىچە بۇ دېلو «ئالدامچىلىق بىلەن باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە ئېرىشىش» دەپ بېكىتىلىپ، ھازىر ۋەنزەي ساقچىخانىسى ئېغىر دېلولار 2-ئەترىتى تەرىپىدىن ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دادامنىڭ بالىسى1 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ئىچكى ئۆلكىدە ئاخماق كىشلەر كۆپمىكى دەيمەن نەچچە مىليۇنلاپ پۇلى يۈتكەندە ئاندىن ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلدىكەن

  • پاختەك1 ئاي ئىلگىرى

    شۇنى دەيمە بۇ بەزى ئادەملەر ئۇچۇن پۇل ھېشنىمە ئەمەستەك

  • ŞAŞ1 ئاي ئىلگىرى

    پۇلى ھەجەپ كۆپ قىز ئىكەنيا.پۇل دىگەن با يەدە با.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号