باش بەت

نۇسرەتگۈل

7271يوللانما
221مەستانە

ياپونىيەدىكى بىر شىركەتنىڭ تىك ئۇچارىغا ئېسىلغان 700 كىلوگراملىق يۈك چۈشۈپ كەتتى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-05 15:55 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 4-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئېسىلغان تەخمىنەن 700 كىلوگراملىق ئەسۋاب-جابدۇق ئۇچۇش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ ئەسۋاب-جابدۇق چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن ياپونىيەنىڭ توياما ناھىيەسى كۇروبې شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بولۇپ، بەختكە يارىشا، يېقىن ئەتراپتا ئاھالىلەر رايونى بولمىغاچقا، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ياپونىيە كانساي ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتىدىكىلەر چۈشۈپ كەتكەن ئەسۋاب-جابدۇقلارنىڭ سۇ توسمىسى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەمدە ھېچقانداق ۋەقە كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ياپونىيە دۆلەتلىك قاتناش مەھكىمىسىدىكىلەر بۇنى ئېغىر ۋەقە دەپ قارىغان، تىرانسپورت بىخەتەرلىك كومىتېتى بوشلۇق ئاۋارىيەسىنى تەكشۈرۈش خادىمىدىن ئىككىنى ئەۋەتىپ نەق مەيداننى تەكشۈرتكەن.

ئەينى ۋاقىتتا چۈشۈپ كەتكەن ئەسۋاب-جابدۇقلار نىلون تورغا سېلىنىپ، پولات ئارغامچا بىلەن تىك ئۇچارغا ئېسىلغان بولۇپ، بۇ تىك ئۇچار كۇروبې شەھىرىدىكى ئۇنازۇكى ماچى ئايرودرومى بىلەن قۇرۇلۇش ئورنى ئارىلىقىدا كۆپ قېتىم قاتنىغانىكەن. 

كانساي شىركىتى خۇكۇرىكۇ ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى بۆلۈمى قۇرۇلۇش ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باش دېرىكتورى توياما شەھىرىدە ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «كۆپچىلىكنى بىئارام قىلىپ قويغانلىقىمىزدىن ئەپۇ سورايمەن» دېگەن ھەمدە بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号