باش بەت

مەستان

245يوللانما
6مەستانە

700 قاداق كېلىدىغان دادا قىزلىرىنىڭ تويىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئورۇقلاشقا بەل باغلىدى

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-05 17:40 9 ئىنكاس چۈشتى

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق 700 قاداق كېلىدىغان ئەر قىزلىرىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئورۇقلاش پىلانىنى باشلىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ توختىماي نەرسە يېيىشىنىڭ سەۋەبى كىچىكىدە خورلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىدىن ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى شتاتى سان لۇئىستىن كەلگەن 46 ياشلىق ئەر سېن مۇلرونېينىڭ دېيىشىچە، ئۇ كىچىكىدە خورلىنىشقا ئۇچرىغان، دورا ئارقىلىق ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللەتكەن، ئاندىن تېز تاماق دورىنىڭ ئورنىنى ئالغان.

سېن 3 بالىنىڭ دادىسى بولۇپ، ھازىر 90 جىڭ ئورۇقلىدى. ئەمدى ئۇ قىزلىرىنىڭ تويىغا ھايات قاتنىشالايدىغان بولدى. سېننىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ 6يېشىدىن باشلاپلا دورا ئىچىشكە باشلىغان، 13 يېشىدا ئىسپرىت ۋە دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان.

سېن:«مېنىڭ تۇرمۇش ئادىتىم بەك ناچار، دادام 6 يېشىمدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن، بۇ ئىش ماڭا ئېغىر ئازاب ئېلىپ كەلگەنىدى. تۇرمۇشتا، بەزىلەر گەپ ياكى تەن جەھەتتىن ماڭا ھۇجۇم قىلدى. باشتىن كەچۈرگەنلىرىم مېنىڭ مۇشۇ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىمنىڭ سەۋەبى» دېدى. ئۇ 21 يېشىدا بەل باغلاپ دورا ۋە ھاراقنى تاشلاپ، كۈتۈلمەستىن توختىماي تاماق يېيىشكە خۇمار بولۇپ قالغان.

سېن دەيدۇكى:«سىز ھاراق ۋە دورىنى تاشلىغان چېغىڭىزدا چوقۇم باشقا بىر خىل نەرسە بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلىشىڭىز كېرەك، مەن يېمەكلىكنى تاللىدىم». ھازىر سېن بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم چېنىقىش زالىغا بېرىپ چېنىقىدۇ، مۇشۇنداق چېنىقىش ئارقىلىق ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 100 قاداق ئورۇقلىدى. بۇ يىل يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ ئىنىستاگرامغا چىقارغان چېنىققان چاغدىكى رەسىملىرى بىلەن نام چىقارغان. ئۇ توردا ئۆزىنىڭ قىزلىرى ئۈچۈن ئورۇقلاۋاتقانلىقىنى، قىزلىرىنىڭ ئۇنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

سېننىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى تۇغۇلغان چاغدا، ئۇ ئورۇقلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. سېن ئۆزىنىڭ يەنە 400 قاداق ئورۇقلاپ، 200 قاداققا چۈشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ بالىلىرى ئۈچۈن داۋاملىق ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • نۇرداش3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ بىلىشىمچە ئىككى چاقىرىم بىر كىلومىترغا تەڭ

  • سەپرا قاپلان3 ئاي ئىلگىرى

    ئادەتتە بىر قاداق بىزچە تەخمىنەن قانچە كېلوگىرامغا تەڭ ؟.
    يەنە بىر چاقىرىم قانچە كىلومېتىر بولىدۇ ؟.

  • خەندان3 ئاي ئىلگىرى

    بودەكجان ، غەيرەت قىل ، غەيرىتىڭگە ئاپىرىن .

  • زۇلپىقار3 ئاي ئىلگىرى

    چاۋشيەنگە بېرىپ بىر يىل ياشىغان بولسا تىز ئۇرۇقلايتى

  • kaktus3 ئاي ئىلگىرى

    ئاتا ئانا بالىلىرى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كىچىدىغان ھەممىنى قىلدىغان بىردىنبىر ئىنسان

  • ئەنسز كۈنلەر3 ئاي ئىلگىرى

    700قاداق 317.5كىلو ماۋۇ ئادەم رەسمي بەدەل تۆلەپتۇ جىمۇ

  • پاختەك3 ئاي ئىلگىرى

    دادا دىگەن قىزلىرى ئۇچۇن ھەممىنى قىلالايدۇ

  • دېڭىز3 ئاي ئىلگىرى

    غەيرەت قىل بودەك چوقۇم باللىرىڭ ئۇچۇن ياشىشىڭ كىرەك ساڭا ئامەت ھەم سالامەتلىك تىلەيمەن،

  • kobe3 ئاي ئىلگىرى

    غەيرەت قىلىڭ سىمىز تاغا چوقۇم ياشاش كىرەك ھاياتلىق ئۈچۈن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号