باش بەت

مەستان

243يوللانما
7مەستانە

300 يىل ئۇيقۇدا ياتقان فۇجى تېغى قايتا پارتلىسا ياپونىيەگە زور ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-06 13:20 18 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىنسانلار خەتلىك مەلۇمات قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ياپونىيە فۇجى تېغى جەمئىي قانچە قېتىم پارتلىغاندۇ؟ تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيە 8-ئەسىردە جەمئىي 18 قېتىم پارتلىغان.

مىلادىيە 800، 864 ۋە 1707-يىلىدىكى پارتلاش فۇجى تېغىنىڭ چوڭ كۆلەمدە پارتلىشى ھېسابلىنىدۇ. 1707-يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پارتلاشتىن تاكى ھازىرغىچە ئۇ قاتتىق ئۇيقۇدا ياتماقتا.

يانار تاغ مەڭگۈ ئۇيقۇ ئىچىدە ياتمايدۇ، ھامان پارتلايدىغان كۈنى كېلىدۇ. ياپونىيە گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرى: ياپونىيەنىڭ كېلەركى قېتىملىق يەر تەۋرىشى بۇ يانار تاغنى ئويغىتىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەگەر راستتىنلا پارتلاپ قالسا بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك بولۇپ، توكيو شەھەر رايونىنى كۆمۈۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ياپونىيە گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرى: فۇجى تېغىنىڭ كېلەركى قېتىملىق پارتلىشىنىڭ ئىككى خىل ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، بىرىنچى خىلى، لاۋىلار تاغ قاپتىلىدىن ئېقىپ چىقىدىكەن؛ يەنە بىر خىلى بولسا، يانار تاغ ئېغىزىدىن كۆپ مىقداردا يانار تاغ كۈلى ئېتىلىپ چىقىدىكەن.

يانار تاغنىڭ پارتلاش دەرىجىسى ئادەتتە 4~3-دەرىجىدە بولىدىكەن، ئەگەر 5-دەرىجىدە بولسا، ياپونىيەنىڭ يېرىمىغا تەسىر قىلىدىكەن، ئەگەر 7~6-دەرىجىدە بولسا، ياپونىيەنىڭ تاقىم ئاراللىرى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا قايتا ماس كەلمەيدىغان ھالەتكە يېتىدىكەن.

ياپونىيە فۇجى تېغى بىر جانلىق يانار تاغ بولۇپ، 300 نەچچە يىل ئۇخلاش جەريانىدا ئۇ توختىماي ئېنىرگىيە توپلاپ، كېلەركى قېتىملىق پارتلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دىلسارە nazif2 ئاي ئىلگىرى

    ياپۇنىيەنىڭ توكيو ئاپەتكە ئۇچرىسا ياپۇنىيە يېقىلدى دىگەن گەپ

  • 659338 ئاي ئىلگىرى

    قادى،قاق،ساراڭمۇ ،ساق،دۆڭگە،چىقىپ،تەخەي،باق

  • ئۇغلان،9 ئاي ئىلگىرى

    قادى،قاق،ساراڭمۇ ،ساق،دۆڭگە،چىقىپ،تەخەي،باق

  • شوخ9 ئاي ئىلگىرى

    پارتىلاپ قالسا يا پۇنيەنىڭ شەھەرلىرى ۋەيران بولشىمۇ مومكىن كەن ، ياخشى يېرمۇ باكەن زىمىنى كەڭرىيدىكەن ،

  • مەن9 ئاي ئىلگىرى

    ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا قەدىمكى پومپىيەدەك ئاقىۋەتكە قالىدۇ،…

  • تاماخور9 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ ياخشىسى بىتون قۇيۇپ ئېغىزىنى ئىتۋەتكىنى تۈزۈك

  • مەۋلان9 ئاي ئىلگىرى

    ھەر قانداق يەرنىڭ پارتلايدىغان ۋاقتى كىلدۇ ياپونيەلام ئەمەس قايسى يەر قايسى خاي شۇنداق بولۇشنى خالسا چوقۇم ىۈز بىردۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويچە ماڭدۇ بۇنۇڭغا ئىنسانلار بىرنىم دەپ بولالمايدۇ

  • ئۇزۇن قۇلاق9 ئاي ئىلگىرى

    ئەنسىرمەڭلا غەرىپتىكى ئامرىكا ئاكسى قاراپ تۇرمايدۇ

  • چۆل ئوغلى9 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداق بوپ قالسا ياپۇنىيە ئۈچۈن قىيامەت بولغۇدەك دە،،،

  • نۇرتورىنىڭ قۇرغۇچىسى9 ئاي ئىلگىرى

    مەنا ياپۇنىيە ھالاكەت گىردابىغا بېرىشقا ئاز قاپتۇە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号