باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

ئېلون ماسك: پارچە سېتىش دۇكىنى كىرىمى جەھەتتە تېسلا ئالمىدىن ئېشىپ كەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-06 11:34 4 ئىنكاس چۈشتى

ۋېيفېڭ تورى 6-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى يېڭى ئاقسۆڭەك تېسلا ئىنتايىن قىممىتى بار شىركەت، لېكىن ئالمىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ ئارقىدا. ئەمەلىيەتتە، ئالمىنىڭ نەق پۇل زاپىسى تېسلانى نەچچە قېتىم سېتىۋېلىشقا يېتىدۇ. لېكىن تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماسك چوڭ شىركەتلەردىن ئاسانلىقچە قورقىدىغان ئادەم ئەمەس، يېقىندىكى بىر زىيارەتتە ماسك: «تېسلا سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ئوخشاش كۆلەمدىكى سېتىش سوممىسى ئالمىدىن ئېشىپ كەتتى» دېگەن.

Electrekنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماسك زىيارەتتە: «مېنىڭچە، بىزنىڭ پارچە سېتىش دۇكانلىرىمىزنىڭ سېتىش سوممىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ، دۇربۇندا قارىساق ئاندىن ئىككىنچىسىنىڭ كىملىكىنى كۆرەلەيمىز» دېگەن. تېسلانىڭ دۇنيا سېتىش مۇئاۋىن دىرېكتورى تولۇقلاپ: «ھەر كىۋادرات فۇتتىكى سېتىش سوممىمىزنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولۇشى ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل كەسىپنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى» دېدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار ھېچقانداق كونكرېت سان ئېلان قىلمىدى، تېسلامۇ پارچە سېتىش كەسپى رەت تەرتىپىگە كىرمىدى، تەتقىقات شىركىتى eMarketer ۋە CoStarنىڭ يېقىندىكى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئالمىنىڭ پارچە سېتىش دۇكانلىرى يەنىلا پارچە سېتىش كەسپىدىكى بىرلىك كۆلەمدە تاپقان پۇلى ئەڭ كۆپ پارچە سېتىش سورۇنى ئىكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كىۋادرات فۇتتا ئالمىغا 5546 ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىكەن.

بۇ گەپ ئالمىنى مەسخىرە قىلغانلىق دەپ چۈشىنىلدى، چۈنكى ئۇزۇندىن بۇيان ھەر كىۋادرات فۇتتىكى سېتىش سوممىسى بويىچە ھېسابلىغاندا ئالما ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش كارخانىسى ئىدى. ئالما پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ ئۆزگىچە لايىھەسى سېتىش مىقدارى تۆۋەن، پايدىسى يۇقىرى بولۇشنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى دەپ قارالغان. لېكىن تېسلا تېخىمۇ ياخشى قىلغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى تېسلا پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ يۈزى ئادەتتە كىچىكرەك ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى تېخىمۇ قىممەت ھەمدە ئامېرىكىدىكى تېسلا پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ سانى ئالما پارچە سېتىش دۇكىنىدىن بەش ھەسسە ئاز.

ئالمىنىڭ پارچە سېتىش دۇكىنى سانىدىن ئاز بولۇشتىكى سەۋەب: قولايلىقلىقى كىشىلەرنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم سەۋەب ئەمەس. كىشىلەر 2~3 سائەت سەرپ قىلىپ ئەمەلىي دۇكانغا بېرىپ يانفون سېتىۋېلىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتا يەنىلا ئەمەلىي دۇكانغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى خالايدۇ.   

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۈيۈك نىشان3 ئاي ئىلگىرى

    كارۋانچى بۇرادەر قالتىسكەنسىلە بىر مىليۇن پايدا ئالدىكەنسىلە نەدە قىلسىلە كاۋاپچىلىقنى

  • كارۋانچى ئوغلى3 ئاي ئىلگىرى

    شۇنداق بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر كاۋاپچى بىر يىللىق پايدا 1000000 ئەتراپىدا

  • 玉总3 ئاي ئىلگىرى

    كارۋانچى بۇرادەر سىلە كاۋاپ ساتامسىلە

  • كارۋانچى ئوغلى3 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ دۇكانغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنچە بەكمۇ پايدا ئېلىپ كىلەلمەمدۇ نىمە ؟ بىزنىڭ دۇكاننىڭ يىللىق كىرىمى ھەر كىۋادرات مېتىر نىڭ ساپ پايدىسى 12568 يۈەن بۇلىدىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号