باش بەت

خەندان

391يوللانما
50مەستانە

ھىندىستانلىق بىر ئەر تاۋا كاكچىسىنى يۇمىلاق سالالمىغان ئايالىنى بوغۇپ ئۆلتۈردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-06 11:52 19 ئىنكاس چۈشتى

20170806112839418.jpg

ھىندىستاندا بىر ئەر تاۋا كاكچىسىنى يۇمىلاق چىقىرالمىغان ئايالىغا زەردە قىلىپ، ھامىلىدار بولغىنىغا 4 ئايلىق بولغان ئايالىدىن ئاچچىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا تەپكەن ھەمدە ئارغامچا بىلەن ئايالىنىڭ بوينىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرگەن. ئۇ جىنايەت سادىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھوشسىز ياتقان ئايالى بىلەن سولاپ قويغان قىزىنى تاشلاپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ھىندىستان سىدۇرۇستا ئولتۇرۇشلۇق 22 ياشلىق سىمران 22-چېسلا كەچ سائەت 10:00 ئەتراپىدا يولدىشىنىڭ كەچلىك تامىقى ئۈچۈن ھىندىستان تاۋا كاكچىسى(Chapati) تەييار قىلىپ ئولتۇرغان، كۈتمىگەن يەردىن يولدىشى تاۋا كاكچىسىنىڭ شەكلى مۇكەممەل يۇمىلاق بولماپتۇ، دېگەننى باھانە قىلىپ خوتۇنىغا ئاچچىقلانغان ھەمدە ھامىلىدار بولغىنىغا 4 ئايلىق بولغان ئايالىنىڭ قورسىقىغا زەردە بىلەن تەپكەن، ئانىسىنى قۇتقۇزۇشقا تەمشەلگەن 4 ياشلىق قىزىنى ئۆيگە سولاپ قويۇپ، يەنە ئايالىغا قوپاللىق قىلغان. ئاندىن ئارغامچا بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.

بۇ ئەر جىنايەت سادىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. ئايالنىڭ جەسىتى ئەتىسى سەھەر سائەت 4:00 ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئاكىسى تەرىپىدىن بايقالغان. سىمراننىڭ قىزى پۈتۈن ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۇ ئۆيگە سولاپ قويۇلغاچقا ئانىسىنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالغان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

ئانام تاماق ئېتىشكە بەك ئۇستا ئىدى. بىراق ھەر قېتىم تاۋا كاكچىسى سالسا شەكلىنى يۇپيۇمىلاق چىقىرالمايتتى. ئانام بىلەن دادام دائىم مۇشۇ سەۋەبتىن جېدەللىشىپ قالاتتى. ساقچىلار ھازىر قاچقۇن جىنايەتچىنى ئىزدىمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تۆمۈر قۇلاق ئەزمەت3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي،نىمانداق ناچارخەق بۇ،،بۇلار توغۇرلۇق يېزىلغان خەۋەرلەرنى ئوقۇمىسلا ياخشى

  • شاھجاھان3 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستاننىڭ ھاۋاسى ئىسسىق بولغاچقا ئۇلارنىڭ كاللىسى قىززىپلا تۇرىدىكەن، ئۇلارنى سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلسا بولغۇدەك.

  • ئاي3 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ساراڭلار مۇشۇ يەردىلا باردە ،كاللىسى يوقلار ،زادى كاللىسىنى ئىشلەتمەيدىغان خەخكە بۇ،ئىشىندىغان نەرسە چىقمىغاندەك چاشقان ،كالا ،،،،ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ قىلغۇچە ھەي ئەخمەخلەر

  • خاقان3 ئاي ئىلگىرى

    يارايسىز قادروف ئوتتۇز مىليۇن ھەرىپ

  • شەھلا3 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستان لقلارنڭ يۇركى تاشمۇدۇ نمەدىگەن باغرىقاتتق برسى قىزنڭ قۇلقنى كسۋەتسە،يەنەبىرس بىر قىتملق ،تاماق ئۇچۇن ئايالنى ئۆلتورۋەتسە

  • ساخاۋەتچى بوۋاي3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ھىندىستان ھۈكۈمىتى بىزنىڭ جوڭگۇدىكى بويتاق ئەلەرگە قىزىنى بەرسە ھندىستان ئايالىرىمۇ ئادەمدەك ياشايدىغان بولغيتى ھەي ھەي ھەي ھەي ھىندىستان قىزلىرى ھەي ئىسىىت ھىندستاللىق بۇلۇپ قالغىنى

  • قادىروف3 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستان چولپانلىرىغا لايىق تاللايدىكەن ، قېنى قىزىقىدىغانلار بارمۇ؟

  • گۈلىستان3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە.ئەسلىدىلا كۆزدىن يۇقىتىش ئۇيى باردۇ بەلكىم

  • ناز3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ھىندىلارنى ھايۋان دىسەك ھايۋانغا ھاقارەت قىلغان بۇلىمىز جاھاندىكى پەسكەسلىكنىڭ ھەممىنى قىلىدىغان پەس ئىنساپ يوق قاراپاچاق كىركەشلىكەن بۇ

  • rko3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي قىزلار ئەرگە تەگكەندە تاللاپراق تىگىڭلا جۇمۇ، بولمىسا مۇشتاق ساراڭ چىقىپ قالسا ئىش چىقىدۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号