باش بەت

نۇسرەتگۈل

7535يوللانما
216مەستانە

ھىندىستانلىق دادا «ئەرۋاھ»نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە 3 ياشلىق قىزىنىڭ قۇلاقلىرىنى كېسىۋەتتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-06 13:30 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستاندا بىر تاش يۈرەك دادا 3 ياشلىق قىزىنىڭ قۇلاقلىرىنى كېسىۋېتىپ، ئۇنى «ئەرۋاھ»نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلغانلىقىنى ئېيتتى. 6 بالىسى بار بۇ نادان دادىنىڭ ئىسمى ئامرىت باھادۇر (Amrit Bahadur) بولۇپ، بۇ يىل 35 ياشقا كىردى، دېھلىدا تازىلىق قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. ئامرىت: «ئەرۋاھ ماڭا قىزىمنى يىغلىتىشىم كېرەكلىكىنى، ناۋادا يىغلاتمىسام ئۇنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

ساقچىلار: «ئامرىت 4 ھەپتە ئىلگىرى قىزى بىناغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئايالى مىنا دېۋى (Meena·Devi) بىلەن باشقا 5 بالىسى بالكوندا تۇرغان. ئۇ دەسلەپتە قىزىنى ئۇرغان، ئارقىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن قۇلاقلىرىنى كېسىۋالغان» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. قوشنىلىرى بىنانىڭ يىغا ئاۋازى ۋە ئېچىنىشلىق ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلاپ دەرھاللا ساقچىغا مەلۇم قىلدى. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئامرىتنى ئېلىپ كېتىپ قاماپ قويدى. بەك كۆپ قان چىقىپ كەتكەن بىنا يېڭى دېھلى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى. دوختۇرلار ھازىر بىنانىڭ قۇلاقلىرىنى كېسىلگەن ئورۇن بىلەن تۇتاشتۇرۇپ قويدى.

مىنا دېۋى ساقچىلارغا يولدىشىنىڭ ئۆتكەن 10 كۈن جەريانىدا بىر خىل ساختا سېزىمنىڭ قىينىشىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى ئېيتىپ: «2 ياشلىق قىزىمىز قىزىتما سەۋەبىدىن قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇ بەك ئازابلاندى. ئۇنىڭ بۇنداق ھالىتى تاكى 2 ئايغىچە داۋاملاشتى» دېدى.

شۇ جايدىكى ساقچىلار: «بىز ئامرىتنى قولغا ئالدۇق، ئۇمۇ جىنايىتىگە ئىقرار بولدى ھەمدە بۇنىڭ روھىيىتىدىكى بىنورماللىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. ھىندىستان جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ئامرىت قاتىللىق مەقسىتى ئەمەلگە ئاشماسلىق ھەمدە قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. ھازىر بىنا ئۆيىدە ئارام ئېلىۋاتىدۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号