باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

تېسلا Model S ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى سىنىقىدا چېۋرولىت Boltقىمۇ يەتمىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-06 21:53 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 6-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ئىستېمالچىلار دوكلاتى» ئېلان قىلغان توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئەڭ يېڭى سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چېۋرولىت Bolt ئاپتوموبىلى 24 كىلومېتىرلىق ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپە ئەۋزەللىكى بىلەن تېسلانىڭ Model S 75D ئاپتوموبىلىنى يېڭىۋالغان، بۇ بىزگە نىسبەتەن كۈتۈلمىگەن بىر ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشچە، ھەممىباب ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ بۇ ساپ توكلۇق ساھە ھالقىغان ئاپتوموبىلىنىڭ مۇكەممەل ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى 402 كىلومېتىر ئىكەن، تېسلانىڭ بۇ Model S 75D ئاپتوموبىلى بولسا ئاران 378 كىلومېتىر يول يۈرگەن. بۇ نەتىجە ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەجەبلەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ تېسلا ئېلان قىلغان 416 كىلومېتىرلىق ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى بىلەن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. 

«ئىستېمالچىلار دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى خىل توكلۇق ئاپتوموبىل ئوخشاش شارائىت ئاستىدا سىناق قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم ئەھۋالدا 105 كىلومېتىر/سائەتلىك سۈرئەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تەكشى سۈرئەتتە يول يۈرگەن ھەمدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچمىغان. 

گەرچە تېسلانىڭ Model Sكە چوڭ سىغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن بولسىمۇ، نەزەرىيە جەھەتتە ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما Model S 75D بىلەن چېۋرولىت Boltنى سېلىشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى بۇ تاراتقۇ پەقەت مۇشۇ ئاپتوموبىلنى ئىشلىتىپلا سېلىشتۇرالايدۇ. ئىلگىرى تېسلانىڭ Model X 90Dتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلگەن، يەنى ئەمەلىي ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن 43 كىلومېتىر قىسقا بولۇپ قالغان. 

ئەمما شۇنداق بولسىمۇ Model S 75D يەنىلا چېۋرولىتنىڭ بۇ باھاسى ئاران 37 مىڭ دوللارلىق Bolt توكلۇق ئاپتوموبىلىدىن كۆپ ياخشى. Model S 75D تېسلانىڭ بۇ خىل تىپتىكى يۈرۈشلۈك ئاپتوموبىلى ئىچىدە باھاسى ئەڭ تۆۋەن ئىككىنچى ئاپتوموبىلى ھېسابلىنىدۇ، باھاسى ئەڭ تۆۋەن ئاپتوموبىلى Model S 75نىڭ باھاسى 75Dدىن 5000 دوللار ئەرزان بولۇپ، ئارانلا 75 مىڭ دوللار. 

ئەمما «ئىستېمالچىلار دوكلاتى»نىڭ بۇ خىل سىنىقى ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ھەيدەش مۇھىتى بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، يازدا ھەيدىگەندە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىپ قويۇپ ھەيدەشنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ تۆۋەن. ئەمما بۇ خىل سىناق نەتىجىسى چېۋرولىت Boltقا نىسبەتەن بىر خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر Boltنىڭ بازاردىكى ئەھۋالى ئادەتتىكىچە بولۇپ كەلگەن.

تېسلاغا نىسبەتەن بۇ خىل سىناق نەتىجىسىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى توكلۇق ئاپتوموبىل ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىدىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئۇزۇندىن بۇيان تېسلانىڭ «ئىستېمالچىلار دوكلاتى» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەس. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىمران5 ئاي ئىلگىرى

    تىسلانىڭ ھەۋەسكارلىرى خىلى جىقكەن ھە بۇ يەردە،،
    لكىن ماركا تارخىنى سىلىشتۇرساق،تىسلا دىگەن،چىۋرۇلىتنىڭ ئالدىدا بىر شۇمتەك خالاس،،
    نەتىجە ئىنىق تۇرسا يەنە نىمىشقا قايىل بۇلمايسىلەر،

  • سەھرا5 ئاي ئىلگىرى

    نىجات سىز تۇربو سالۇننىڭ باشقۇرغىسى شۇغو دەيمەن، سىزمۇ ئىنكاس يازدىكەنسىز ھە؟ قېنى سىز تۇربو سالۇننى باشقۇرغان ۋاقىتتا تۇربونىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى توغۇرلۇق تىما يازماقچى بولغانتىڭىز گىپىڭىزدە تۇراسىز ئەمدى

  • نىجات5 ئاي ئىلگىرى

    ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقى قانچە بىلمىدىم. لېكىن 2 توننىدىن ئاشىدىغان تېسلاغا ھېچقانداق بىۋاستە رىقابەت كۈچى ئېلىپ كىلەلمەيدۇ. مودېل 3 بىلەن سېلىشتۇرسا قانداقكىن. يەنە بىر يېرى، چېۋرولىتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىش جەھەتتە ئانچە ئاكتىپ ئەمەس. تېخنىكا جەھەتتىن مەن يەنىلا تېسلاغا ئىشىنىمەن.

  • Tesla5 ئاي ئىلگىرى

    Model S P100D يامان بولسا
    بىلەن سېپ باقمىسۇنمۇ قېنى

  • ئۆھۆ…5 ئاي ئىلگىرى

    نىمىشقا 75D بىلەن سېلىشتۇرىدۇ دەيمە 90D بىلەن سېسلىشتۇرسا ھېساپ . ئىشقىلىپ مەن تېسىلا Model S قا بەك ئامراق . پۇل تاپقاندا چوقۇم بىرنى سېتىۋالىمەن ..

  • رۇشەنگۈلمەتقۇربان5 ئاي ئىلگىرى

    مەن ۋەتىنىمنى سۈيىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号