باش بەت

del103

4010يوللانما
30مەستانە

تېسلا Model S 100D ئاپتوموبىلى بىر قېتىملىق توكتا 1000 كىلومېتىر يول يۈردى

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-06 23:58 5 ئىنكاس چۈشتى

technode تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

توكلۇق ئاپتوموبىل ئۇچقاندەك تېز سۈرئەتتە پۈتكۈل ئاپتوموبىل كەسپىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئىلگىرى توكلۇق ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى قانداق قىلىپ ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسىنى ئاشۇرۇش بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تېسلا كىشىلەردىكى بۇ قېلىپلىشىپ قالغان ئۇقۇمنى يېڭىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماسك بۈگۈن مىكرو بىلوگىدا ئۇچۇر يوللاپ، ئىتالىيەدىكى بىر Model S 100D ئاپتوموبىلىنىڭ بىر قېتىم قاچىلانغان توكتا 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى باسقانلىقىنى جاكارلىدى.

ئېنىقكى، تېسلا ئاپتوموبىلى بىلەن يىراق سەپەرگە قورقماي ئاتلانغىلى بولىدۇ. تېسلا ئىتالىيە كۇلۇبىدىكى بۇ ھەۋەسكار Model S1 P100D ئاپتوموبىلى بىلەن 1078 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئەڭ يېڭى ئۇزۇن ئارىلىق رېكورتىنى ياراتقان (ئىلگىرىكى رېكورت 901.2 كىلومېتىر ئىدى)، ئۇنىڭ بۇ ئاپتوموبىلىمۇ بىر قېتىم قاچىلانغان توكتا 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى باسقان تۇنجى توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئايلانغان. گەرچە ئۇلار بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا بىر سىمۋول خاراكتېرلىك غەلبە ھېسابلىنىدۇ.

نۇرغۇنلىغان رېكورت ياراتقۇچىلارغا ئوخشاش، ئىتالىيەدىكى بۇ ئاپتوموبىل ھەۋەسكارىمۇ ئادەتتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، P100D نىڭ يۈرۈش مۇساپىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇزارتىشقا تىرىشقان. ئۇلار ئاپتوموبىلنى سالېرنو (Salerno) نىڭ ئەتراپىدىكى رايوندا ھەيدىگەن بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 40 كىلومېتىردىن ئاشمىغان، شۇنداقلا قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىدىغان كىچىك چاق ئىشلەتكەن، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچمىغان، باتارېيەنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى مۇقىم سۈرئەتتە تەكشى ھەيدىگەن (مەسىلەن ئاپتوماتىك يۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەن دېگەندەك)، شۇ ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ھالدا يۇقىرىقى رېكورتنى ياراتقان.

ئومۇمەن ئېيتساق، بۇ مۇساپىنى تاماملاشقا 29 سائەت ۋاقىت كەتكەن، بۇنداق ئىشنى بىر يەرگە بېرىشقا ئالدىرىمايدىغان ئادەملا قىلسا بولىدۇ.

دېمەك، توكلۇق ئاپتوموبىللاردىمۇ ئۇزۇن يولغا مېڭىشقا بولىدۇ. باتارېيە تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلغارلىشىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە توكلۇق ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر توك تۈگەپ كېتىشتىن ئارتۇق غەم يەيدىغان ئالاقزادىلىكتىن قۇتۇلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەن5 ئاي ئىلگىرى

    كاپىتان ئاز دەپ قويدۇڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ رەسمىييەتلىرى بىلەن مىليونغا بارىدۇ باجا بەكلا يۇقىرى

  • كاپىتان5 ئاي ئىلگىرى

    تېسلانىڭ بۇ تىپلىق ماشىنىسى دۆلىتىمىزدە بولسا 500000 مىڭنىڭ ئەتراپىدا بۇلىشى مۇمكىن بىزگە نىسبەتەن بەك قىممەت ھىساپلىنىدۇ .

  • كارۋانچى5 ئاي ئىلگىرى

    ياخشىكەن لىكىن بىريەگەباماقچې بولسا 2-3كۇن بورۇن يولغاچىقمىسا بولمامدۇ نىمە

  • نۇرتىكىن5 ئاي ئىلگىرى

    نەچچى پۇلدۇ ئۇ ماشنا بەھاسنىمۇ بى دەۋەتمەي ماندا
    ئەدەمىنى قىزقتۇرۇپ باھاسىنى دىمەي تازمۇ بىر ئاشۇ،،،ھىيي

  • *قارا كۆز*5 ئاي ئىلگىرى

    مانا رىئالىققا ئايلىنىپتۇ،بىر ئاينىڭ ئالدىدا مۇشۇ نۇر تۇرىدىكى خەۋەردە مۇشۇنداق تۇغۇرلۇق ئىنكاس يازسام بەزەنلەر مىنى تىللاپ كەتكەن ئىدى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号