باش بەت

مەستان

245يوللانما
7مەستانە

دۇبەي پۇلدارلىرى «ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى» نى قۇملۇق شەھىرىگە ئېلىپ كىردى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-07 12:39 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دۇبەيگە بولغان بىرىنجى تەسىراتى «پۇلى جىق» بولسا كېرەك. ئۇ يەردە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش، كۆپلىكىدىن ساناپ يەتكۈسىز ئېسىل ئۇچقۇر ئاپتوموبىللار بار. يېقىندا، ئۇلار يەنە «پۇل چېچىش»قا باشلىدى. ئۇلار 230 مىليون فوندستېرلىڭ سەرپ قىلىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېھمانساراي سېلىشنى بېكىتتى.

روزېمونت مېھمانسارىيى (Rosemont Hotel & Residences) قوش مۇنار ئىچىدە بولۇپ، ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە سۈنئىي دېڭىز ساھىلى، ھەشەمەتلىك سېلىنغان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قاتارلىقلارمۇ بار. 2018-يىلى ئەتراپىدا، كىشىلەر ئۇنىڭ سىرلىقلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

مېھمانسارايدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قۇرۇلۇشنىڭ قىرىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ.

بۇ مېھمانساراي قۇرۇلۇش ئىش بېجىرىش ئورنى تەرىپىدىن لاھىيەلەنگەن بولۇپ، 47 قەۋەتلىك ئىككى ئىمارەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، جەمئىي 450 ھۇجرا، مەززىلىك يېمەكلىك ئاشخانىسى، ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۆيى، SPA ۋە يىغىن زالى قاتارلىقلار بار، خىلتون مېھمانسارايچىلىق گۇرۇھى تەرىپىدىن تىجارەت قىلىنىدۇ.

قوش مۇنار ئاستىدا 5 قەۋەت ئېگىزلىكتە تەكشى سۇپا بار بولۇپ، سۈنئىي يامغۇرلۇق ئورمان دەل مۇشۇنىڭ ئىچىدە. يەر مەيدانى 75 مىڭ كۋادرات ئىنگىلىزچىسى كېلىدۇ، ئىچىگە سىرتتىن كەلگەن ئۆسۈملۈكلەر تىكىلىدۇ.

مېھمانساراينىڭ تورۇسىدا چوڭ تىپتىكى ئېكران بولۇپ، ئۆسۈملۈك ياكى ئوكيان رەسىملىرى قويۇلۇپ تۇرىدۇ، كەلگەن مېھمانلار ئاپتوموبىللىرىنى ئېكران ئاستىغا توختاتسا بولىدۇ.

مېھمانساراي ئىچىدە 280 يۈرۈش شەخسىي تۇرالغۇ، نۇرغۇن ماگىزىن ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە مەيدانى بار.

بۇ مېھمانساراي پۈتۈنلەي سېلىنىپ بولسا، دۇبەينىڭ يەنە بىر داڭلىق مەنزىرىسىگە ئايلىنىدۇ. دۇبەيدەك بىر قۇملۇق شەھىرىدە، ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنىڭ بەرپا قىلىنىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دەرۋەقە، پۇلدارلار مۇشۇنداق ئويلىغىنىنى قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئارمان6 ئاي ئىلگىرى

    پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا.........

  • ئەزىمەت6 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن چىرايلىق مېھمانخانا بولغۇدەك،پۇل تاپقانسېرى ئادەم ئەقىللىق،بولۇپ كېتەمدۇ نېمە؟

  • ئابدۇغېئى6 ئاي ئىلگىرى

    تەسەۋۋۇرغا بايكەن مۇشۇنداق ئالاھىدلىك بولغاندىلا كىشنى جەلىپ قىلغىدەك ساياھە مەنزىلگاھى بۇلالايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号