باش بەت

رۇشەن

2512يوللانما
12مەستانە

SpaceX بۇ يىل 11-ئايدا ئېغىر تىپتىكى «قارچىغا» ناملىق راكېتانى سىناق قويۇپ بېرىدۇ: مەغلۇپ بولۇش ئېھتىماللىقى بەك چوڭ

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-08 11:24 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېلون ماسك پات ئارىدا تېخىمۇ زور خىرىسقا دۇچ كېلىدىكەن، چۈنكى SpaceX شىركىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھالدا 11-ئايدا تۇنجى قېتىم سىناق قويۇپ بېرىلىدىغان «قارچىغا» ناملىق راكېتاغا يۈزلەندۈرۈلگەن ئىكەن.

SpaceX شىركىتى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېغىر تىپتىكى «قارچىغا» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا نۆۋەتتە «دۇنيادىكى ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە توشۇغۇچى راكېتا»، شۇڭا SpaceXقا نىسبەتەن 11-ئايدىكى سىناق قويۇپ بېرىش ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش.

ئالدىنقى ھەپتە توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى تېسلا ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولى يەر ئاستى قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىغا ئىگە بۇ مىلياردېر بىر بۆلەك كارتون فىلىم ئارقىلىق «قارچىغا ناملىق ئېغىر تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتا»نى تىنچ ھالەتتە قويۇپ بېرىلىشى جەھەتتىكى ئوت ئېلىش سىنىقى فىلىمىنى كۆرسەتتى، بۇ فىلىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ 11-ئايدا تۇنجى قېتىم سىناق قويۇپ بېرىلىدىغان بۇ خىل ئېغىر تىپتىكى راكېتاغا قارىتا قىزىقىشى ۋە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

ئېلون ماسك بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىشنىڭ نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر ۋە تۇراقسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. SpaceXنىڭ ئىنژېنېرلار كوللېكتىپى ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە بېشىدىن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا «قارچىغا 9» ناملىق راكېتانى بوشلۇققا قويۇپ بېرىش ھەمدە قايتۇرۇپ كېلىش جەريانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ئىدى.

ئېلون ماسك بۇرۇنقى بىر يادرولۇق ياردەمچى ئىتتىرگۈچلۈك «قارچىغا 9» ناملىق راكېتانىڭ ئۈچ يادرولۇق ياردەمچى ئىتتىرگۈچلۈك ئېغىر تىپتىكى راكېتاغا ئايلاندۇرۇلىشىدا ئىنتايىن زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن بۇرۇنقى تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، SpaceXنىڭ 11-ئايدىكى تۇنجى قېتىملىق سىناق قويۇپ بېرىشى مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ شىركەتنىڭ داۋاملىق سىناق قىلىشىغا ھەرگىز تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى ھەر بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنىڭ ھەممىسى بىر قېتىملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى، شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگۈچىلىك مۇشۇنداق بولىدۇ.

ئادەتتىكى «قارچىغا 9» ناملىق راكېتا ئاساسلىقى قىسقا مۇساپىلىك قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، لېكىن ئېغىر تىپتىكى «قارچىغا» ناملىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ كەلگۈسى نىشانى دەل ئىنسانلارنى ئاي شارى ياكى مارسقا يەتكۈزەلەيدىغان ئاساسلىق ۋاسىتىگە ئايلىنىشتۇر.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号