باش بەت

جاھانكەزدى

14327يوللانما
5مەستانە

​قىزىل چىراغدا ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بۇزۇلۇپ قالسا، تۇتاش سىزىقنى دەسسەپ ئۆتۈشكە بولامدۇ؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-08 21:52 4 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىققاندا ھەمىشە ئالاھىدە ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، مەسىلەن: قىزىل چىراغ ئورنىتىلغان يول ئېغىزىغا كەلگەندە، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بۇزۇلۇپ قالسا، ساقلاپ تۇرۇۋېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت تۇتاش سىزىقنى دەسسەپ يول ئۆزگەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، مەيلى سېرىق تۇتاش سىزىق بولسۇن ياكى ئاق تۇتاش سىزىق بولسۇن، دەسسەشكە بولمايدۇ. 

يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، ئالدى تەرەپتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى توختاپ نۆۋەت ساقلاۋاتقاندا ياكى ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرگەندە، يول ئىگىلەپ ئاپتوموبىل يانداش ياكى قارشى تەرەپ ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلىۋېلىش، ئاپتوموبىللار ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىۋېلىش قىلمىشلىرىغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 2 نومۇر تارتىلىدۇ. ئۇنداقتا يۇقىرىقىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ 

1. يانفوندا سۈرەتكە تارتىۋېلىش ياكى يول يۈرۈشنى خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسىدىكى سۈرەتلىك كۆرۈنۈشنى ساقلاپ قويۇش لازىم. ئەگەر قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان قاتاردا جەرىمانە قويۇلۇپ نومۇر تارتىلغان بولسا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىسپاتلار ئارقىلىق مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىپ، جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ. 

2. ئەگەر نەق مەيداندا قاتناش ساقچىسى بار بولسا، قانداق يول يۈرۈش كېرەكلىكىنى سوراش، ئەگەر قاتناش ساقچىسى بولمىسا، ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئەڭ ياخشىسى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ قاراپ بېقىش لازىم. ھازىرقى يول ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاساسەن دېگۈدەك نازارەت كامېراسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ قاراپ باققانلىقنىڭ ئۆزى ئالدىدىكى ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىگە ئىسپات بولالايدۇ. 

3. ئەگەر ئارقا تەرەپتە ئاپتوموبىل بەك كۆپ بولمىسا، ئارقىدىكى ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىغا ئېيتىپ، ئاپتوموبىللارنى تۇتاش سىزىق سىرتىغا ياندۇرغاندىن كېيىن يول ئۆزگەرتىش لازىم. گەرچە بۇ نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ، بىراق جەرىمانە قويۇلۇش ۋە نومۇر تارتىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئەگەر ئاپتوموبىلىڭىز يول ئېغىزىدا بۇزۇلۇپ قالسا، ئالدى بىلەن قوش ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ئارقىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇپ، ئارقىدىكى ئاپتوموبىللارنى بالدۇرراق يول ئۆزگەرتىشكە ئەسكەرتىپ، يول توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • تۇرسۇن باي1 ئاي ئىلگىرى

    بىز شوپۇرلارغا ھەقىقەتەن ئەس قاتقۇدەك بىلىملەر ئىكەن، رەھمەت

  • ئابدۇمۇتەللىپ1 ئاي ئىلگىرى

    توختاپ قالغنى جۇڭخۇاكەن يانداپ چىققىنى كىيا k5كەن

  • ئابدۇمۇتەللىپ1 ئاي ئىلگىرى

    ئالما پىكىرىڭىزنى قوللايمەن،،،،،،،،،،

  • ئالما1 ئاي ئىلگىرى

    تېگىدىكى رەسىمدە ئاق رەڭلىك زاپەي بوزۇلۇپ قاپتۇ زاپەيلەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى شۇكى موشۇنداق چىراق ساقلىغاندا تويۇقسىز ئوتى ئۈچۈپ قالىدۇ ياكى باشقا چاتىقى چىقىپ ئادەمنى جىلە قىلىدۇ ئىلگىرى مەنمۇ قاتتىق يامغۇردا قېلىپ يامغۇر سۈرتكۈچ ئۆزلىكىدىن ئىشلىمەس بولدى ئارقىدىن توك يولىدا چاتاق چىقىپ ئىس پۇراشقا باشلىدى ئامالسىز ئاككۇمۇلياتورنى ئۈزۈۋىتىپ ماشىنا چاقىرىپ ماڭدىم مېنىڭ شۇ چاغدا ھەيدىگىنىم لىفەن 620ئىدى شۇنىڭدىن باشلاپ كونا سانتانا ھەيدەشكە رازى يىڭى زاپەي ھەيدىگۈم يوق بولۇپمۇ كىچىك بالام بىلەن قاتتىق يامغۇردا بەكلا جاپا بولدى بۇنداق ماشىنىلارنىڭ پۇلىنى رىمونتچى ئۇستاملار تاپىدىكەن سايمان قىممەت ئاسان بۇزۇلىدۇ بولۇپمۇ توك يۇلى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号