باش بەت

گۈلمىرە شەمشىدىن

1194يوللانما
481مەستانە

بوللىۋودتىكى بەختلىك بىر جۈپلەردىن قايسىسىنى ياقتۇرىسىز؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-08 17:30 65 ئىنكاس چۈشتى


بىز ئىزچىل كاجولنى شاھرۇھ خان بىلەن تولىمۇ ماس كېلىدۇ دەپ قارايمىز. چۈنكى شاھرۇھ خاننىڭ مۇھەببەتلىك بېقىشلىرى، كاجولنىڭ شوخ ھەم ئوماق قىلىقلىرىغا، كۆزلىرىنى ئوينىتىشلىرى، قوشۇما قاشلىرىنى ئېتىشلىرىغا ئاجايىب ماس كەلگەنكى، ئۇلار ھىندىستان تارىخىدىكى «راھۇل-ئەنجىلى» دەپ داڭلىق بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار ئوبرازىنى ياراتقان. ئەپسۇس، شاھرۇھ خاننىڭمۇ ئۆزىنىڭ بەختلىك ئائىلىسى ئوماق پەرزەنتلىرى، كاجولنىڭمۇ كېلىشكەن يولدىشى ھەم ئىللىق ئائىلىسى بار. قېنى ئۇنداقتا بىز مۇشۇ بىر جۈپلەرنىڭ بەختلىك ئائىلىسى ھەققىدە سۆزلەپ باقايلى:

شاھرۇھ خان بىلەن گورى خان

بوللىۋودنىڭ رومانتىكا شاھى شاھرۇھ خان بىلەن ئايالى گورى خان بەئەينى «تەڭرى قوشقان بىر جۈپلەر»نىڭ ئۆزى. ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا 25 يىل بولدى. شاھرۇھ خان ئايالى بىلەن نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، كەسپىي جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بوللىۋودنىڭ گۆھىرىگە ئايلانغان. بۇ بىر جۈپلەرنىڭ مەڭگۈ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.

ئاجەي دېۋگان بىلەن كاجول

ئاجەي دېۋگان بىلەن كاجول بوللىۋود ساھەسىدە ھېچقانداق سۆز-چۆچەككە قالمىغان، پەقەت مەستانىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا كەلگەن بەختلىك بىر جۈپلەردىن. ئۇلار بىر-بىرىنى كەسپ جەھەتتىن قوللاپ، ئائىلىدە ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. ئۇلارغا بەخت تىلىمەي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە.

ئابشېك باچچان بىلەن ئاشۋارىيا راي باچچان

ئەسلى ھېچكىممۇ ئاشۋارىيانىڭ ئابشېك باچچان بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان. «Dhoom»دا ھەمكارلىشىپ رول ئالغاندىن كېيىن، تاراتقۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلاپ، ھەتتا پات ئارىدا توي قىلىدىغانلىقىمۇ ئېيتقان. بۇنىڭدىن پۈتۈن ھىندىستان خەلقى شۇنداقلا ئاشۋارىيانىڭ بارلىق مەستانىلىرى ھەيران قېلىشقان. ئۇلار تويدىن كېيىن ھەرقانداق سورۇنغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، ھەقىقىي ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلدى.

ئامىر خان بىلەن كىرەن

گەرچە بۇ بىر جۈپ قايتا نىكاھلىنىپ بىر يەرگە كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بەرىبىر ئەڭ بەختلىك ھېسابلىنىدۇ. ئىككىيلەن بىر-بىرىنى ھەر تەرەپتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. بىز ئامىر خاننىڭ مەستانىسى بولۇش سۈپىتىمزى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى «ئىلمىي» دىئالوگلار ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇلارنىڭ ئىككى ئوماق شاھزادىسىگە شۇنداقلا ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمىز.

سەيف ئەلى خان بىلەن كارېننا كاپور

مۇھەببەتلىك تۇرمۇش قاينىمىدا قىزغىن ياشاۋاتقان بۇ بىر جۈپلەر ھەرقانداق مۇراسىم سورۇنلارغا بىرلىكتە قاتنىشىدۇ. سەيف ئەلى خان ھەردائىم ئايالى كارېننانى قوغدايدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنى قولىغا چەكتۈرىۋالغان. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئايالىنى قانچىلىك دەرىجىدە سۆيىدىغانلىقىنى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. 

ئاكشاي كۇمار بىلەن تۋىنكلې كاننا

بۇ بىر جۈپنىڭ تۇرمۇش قۇرغىنىغىمۇ خېلى ئۇزۇن يىللار بولدى، ئۇلارنىڭ بېشىدىنمۇ جىق ئىسسىق-سوغۇق ئۆتتى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئاكشاي كۇمار بىر قانچە ئايال چولپانلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىپ ئائىلىسىگە دەز كەتكۈزۈپ قويغىلى تاس قالغان. ئەمما، ھامىنى ئۆز ئايالى ۋە ئائىلىسىنى قەدىرلەشنى ئۈستۈن كۆرۈپ، ئايالىنى تاللاپ بەختلىك تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرغان.

رىتېش دېشمۇك بىلەن گېنېليا دسوزا

ئۇلار بوللىۋودتىكى ئەڭ ئوماق ئەر-ئاياللار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار 9 يىل مۇھەببەتلىشىپ ئاخىرى 2012-يىلى مېۋىسىنى كۆرگەن. 


باش سۈرەت تاللاش x
  • رەڭۋاز1 ئاي ئىلگىرى

    شاھرۇھ خاننىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسا ئاللابۇرۇن گورى خاننىڭ گەشىنى توغىرلاپ قويغان بولاتتىم ،نەچچە ئالىسە دەپلام ئېغىزدىن چىققان پۇلنى بېرىپلا. غۇددى ئامىرخان ،سەيىف ئەلىخان لارغا ئوخشاش

  • بەرنا1 ئاي ئىلگىرى

    بىر قېتىملىق زىيارەتتە شاھرۇھ مۇخبىرغا :ئەگەر ماڭا گائۇرىي ئۇچرىمىغان بولسا كاجولغا ئاجىي ئۇچرىمىغان بولسا بىز ئىككىمىز چوقۇم توي قىپ قالغان بولاتتۇق دېگەنىكەن

  • يۇپۇرماق1 ئاي ئىلگىرى

    مىنڭچە شارۇلخان بىلەن ئاشۋارىيا بەك ماس كىلىدۇ دەپ قارايمەن مەن بۇئىككسگە بەك ئامراق

  • مەستانە1 ئاي ئىلگىرى

    غوجام بالو ، كۆيگەن چىرايلىق ئەمەس كۆنگەن چىرايلىق ، گورى خان بىلەن شاھرۇھ خان توي قىلغاندا ، كاجول تېخى مەكتەپتە ئۇقۇيتى بالو

  • نۇردۇن1 ئاي ئىلگىرى

    دىمىسمۇ ئاۋۇ گورىخاندىن كاجول چىرايلىقكەن ئەسلى

  • نۇردۇن1 ئاي ئىلگىرى

    شارۇلخان 1992يىلى توي قىلىپ كاجول بىلەن 1994يىلى baazigarنى ئىشلىگەندە تونۇشۇپ 1995يىلى كىلىن يۆتكەش نى ئىشلەپتىكەندە

  • مەستانە1 ئاي ئىلگىرى

    مەن شاھرۇھ خاننىڭ قان مەستانىسى ، ئەر ئايال ئىككىسىگە بەخت تىلەيمەن

  • گۈلۈم1 ئاي ئىلگىرى

    ئاجەي ھەقىقەتەن ئىسىلكەن قەتئى سەلبى خەۋەرلىرى يوقكەن پەقەت مەستانىلەرنىڭ قوللىشىىغىلا ئىرىشسە بولدىكەن كاجولنىڭ تەلىيى كىپتۇ لىكىن ئاجەيگە يەنىلا شۇ سونالى ماس كىلەتتى

  • مەھلىيا،1 ئاي ئىلگىرى

    مەن سەيىف ئەلىخان ئامتاپ باچچاخان كىنۇلىرنىڭ مەستانىسى ئۇلاغا بەخىت تىلەيمەن

  • ئىنتىزار1 ئاي ئىلگىرى

    رەسىملەرگە قارىسام ھەممىدىن بەك سەيىف ئەلىخان بىلەن كارىنا كاپۇر بىربىرىگە بەك ماس كەپتۇ (بۇ شەخسى قارىشىم )

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号