باش بەت

kelly

1509يوللانما
68مەستانە

كونا دوستلار كاران جوھار بىلەن كاجول يارىشىپ قالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-08 23:50 23 ئىنكاس چۈشتى

خۇددى كىشىلەر دائىم ئېيتىدىغاندەك:« بوللىۋودتا ھېچقانداق نەرسە مەڭگۈلۈك ئەمەس»! كاران جوھار ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا كاجول ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئاجەي بىلەن بولغان قاتتىق ئاداۋەتنى ئاشكارا تىلغا ئالغان. كاراننىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇ ئاجەينىڭ تېلېفون ئۇرۇپ ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىغان.

كاران يەنە بۇ توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كاجولنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغانلىقىنى، بۇ 20 يىللىق دوستىنىڭ ئەمدى مەڭگۈ ھاياتىغا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ھازىر قارىغاندا، كاران بىلەن كاجول قايتا يارىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.


قېرىنداشلار بايرىمى كۈنى، كاران ئىنستاگرامدا ئۆزىنىڭ قوشكېزەكلىرىنىڭ تۇنجى سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، كاجولمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بۇ ئوماقلارنىڭ سۈرىتىگە يۈرەك بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىپ تۇرالمىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ كىشىلەر كاران جوھارنىڭ ئىنستاگرامدا كاجولغا ئەگەشكەنلىكىنى كۆرگەن. بۇلا ئەمەس، بۇ كونا دوستلار رەسمىي يارىشىپ قالغان، تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئەسلىدە كاجول ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە كاراننى تەكلىپ قىلغان، ئۇ كارانغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەن، كارانمۇ ئۇچۇرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كاجولنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلغان، تۇغۇلغان كۈن نەق مەيدانىدا كىشىلەر كاجولنىڭ كاران بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە قىزغىن پاراڭلاشقانلىنى كۆرگەن.

ئىلگىرى تەرجىمىھالىدا كاران:«مېنىڭ ئەمدى كاجول بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، بىز سوقۇشۇپ قالدۇق، مەلۇم ئىش مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئىنتايىن يېرىم قىلدى، مەن كاجول بىلەن <بولدى، كونا گەپنى قىلىشمايلى> دېيەلمەيمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ كاجول بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمدىكى ئىش ئەمەس ئىدى، بۇ مەن ۋە ئاجەينىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىش، بۇ پەقەت كاجول، ئاجەي ۋە مەن بىلىدىغان ئىش. مەن مۇشۇنچىلىك دېيەلەيمەن، ئارتۇق ئاشكارىلىيالمايمەن. لېكىن كاجول مەندىن ئەپۇ سورىشى كېرەك» دېگەن.

كاجول بولسا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا بۇ توغرىسىدا باھا بېرىشنى رەت قىلغان. 

كاجول بىلەن كاران جوھار داڭلىق فىلىم «كېلىن يۆتكەش»تە تۇنجى ھەمكارلاشقان، كاران نەۋرە ئاكىسى ئادىتيا چوپرا رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ فىلىمدە قوشۇمچە رول ئالغان بولۇپ، فىلمدە شاھرۇھ خان كاجولنىڭ ئىپادىسىدىن قاتتىق ھاياجانلانغان كاران رېژىسسور بولۇشنى قارار قىلغان، تۇنجى فىلىمى «بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ»نى يېزىشتىن بۇرۇنلا كاجول بىلەن شاھرۇھ خاننى كىنوغا تاللاپ بولغان، ئۇنىڭ كېيىنكى فىلىملىرى «شادلىققا يوشۇرۇلغان قايغۇ»، «مېنىڭ ئىسىم خان»، «مەڭگۈ ئايرىلالماسلىق» قاتارلىق فىلىملىرىدە كاجول باش رول ئالغان ياكى مېھمان رول ئالغان. 

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • Rahul3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ تەۋسيە قىلمەن باللار بەك ياخشى كىنۇ مىنىڭ ئىسم خان

  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ ئىسمىم خان دىگەن كىنو چوڭ تەۋسىيە ، كۈچلۈك تەۋسىيە

  • سەردار3 ئاي ئىلگىرى

    فىلىمنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن يېقىنچىلىق قىلسىمۇ ئېرىنىڭ ئاچچىقى كىلىدۇ ،

  • ئا .3 ئاي ئىلگىرى

    چولپانلاردا كۈنلەش يوق ئوخشايدۇ

  • ئاجەي3 ئاي ئىلگىرى

    ئەزىزەگە بىر بىلەت كەتتى ، ئاجەي ئۆي تۇتۇشنىمۇ راس بىلىدىكە مانا

  • نۇردۇن3 ئاي ئىلگىرى

    كاجول مىنىڭ ئىسمىم خان دا رول ئالمىسام بوپتىكەن دىگەن گەپنى قىلىپ باقمىغان ئۇفىلىمدىن كىيىنمۇ كاجول كاران جوھار نىڭ 我们是一家人دىگەن كىنوسىنى ئىشلىگەن كارىننا كاپور ئارجۇن رامپال ئۈچەيلەن چىقىدۇ كاجول ئۆلۇپ قالىدۇ ئاخىرىدا ئۇ فىلىمنىڭ بەك ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم ئۇ كاران جوھار ھەم رىژىسسور ھەم رىياسەتچى ھەم كىيىم لاھىلىگۈچى كاجول بىرقىتىم كاران بىلەن نىيويورك موداكىىيىم كىچەك ھەپتىلىكىگە قاتناشقاندا ئاجەي كاران جوھار نى تىلفون قىلىپ تىللاپتىكەن مەن خەنزۇچە خەۋەردە كۆرگەن 2012يىللىق نىيويورك مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە بولغان ئىش

  • Rahul3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ كاجۇل ئەسلى بۇرۇن مەن كاران جۇھارنىڭ كىنۇسى مىنىڭ ئىسم خاندا رۇل ئالماي باشقا كىنۇغا چىقسامچۇ دىگەنلكى ئۇچىن ئىككس ئازىرالشپ قالغان كاجۇل خىنم ئۇزچە مىنىڭ ئىسم خاندەك ئىسل كىنۇنى ياراتماي كىتپتۇ شۇڭا كاران جۇھارنىڭ ئاچقى كەلگەن

  • چالىقۇشى3 ئاي ئىلگىرى

    مەن كاجۇلغا بەك ئامراق كىنۇلىرىنى بىرنىمۇ قۇيماي كۇرىمە ئەر خۇتۇن ئىككىلىسى تەبى شۇنداق ئىناق كۇرۇنىدۇ

  • ئەزىزە3 ئاي ئىلگىرى

    باشقا ئەرلەردىن ئايالىنى كۈنلەش نۇرمال ئىش،، بەك يېقىن بوپ كەتسە شۇنداق بوپمۇ قالىدۇ... ئەمدى ئاجەينى تىللاپ يۈرمەڭلا چىدىماسكەن دەپ... شۇ ئەرلە دىگەن ئايالىنى كۈنلەش كېرەك... ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزىلىدۇ، ئايال كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلىدۇ دەپ بىكار دىمىگەن كونىلار.... شۇڭا ھازىرغىچە كاجول بىلەن ئاجاي ئوتتۇرسىدا ھىچقانداق ئۇرشۇپ قاپتۇئەي، ئۈچىنچى شەخىس باركەنئەي دىگەندەك سۆز چۆچەك تارقىلىپ باقمىدى..

  • سەردار3 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدى ئۆزى نىكاھلاپ ئالغان خوتۇن بولغاندىكىن كۈنلەيدۇ ئۇنچىلىك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号