باش بەت

ئادىلجان

6872يوللانما
70مەستانە

ئېلون ماسكنىڭ تونېل شىركىتى Hyperloop تېز پويىزىنىڭ تونېلىنى قېزىشقا قاتنىشىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-09 18:17 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2013-يىلى ئېلون ماسك «دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئىلھامى» ناملىق 58 بەتلىك ئاق تاشلىق كىتابىدا «hyperloop» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئارقىدىن Hyperloop One بىلەن Hyperloop Transportation Technologiesدىن ئىبارەت ئىككى شىركەت بۇ تەسەۋۋۇردىكى «رولچىلار» قاتارىغا كىرگەنىدى. 

بۇ يىل 5-ئايدا Hyperloop Oneنىڭ لاس ۋېگاسقا جايلاشقان سىناق يولدا دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز «تولۇق ۋاكوئۇملۇق شارائىت»تا تۇنجى قېتىم سىناق قىلىندى. ئەينى ۋاقىتتا سىناق ۋاقتى قىسقا بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋاكوئۇملۇق تۇرۇبىدا يولىدا ئاران 5.3 سېكونت ماڭغان، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 70 مىل/سائەت (تەخمىنەن 113 كىلومېتىر/سائەت) بولغان. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا Hyperloop One شىركىتى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى نېۋادا ئىشتاتىدىكى بىر قۇملۇقتا 2-باسقۇچلۇق سىناق تاماملانغانلىقى، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 310 كىلومېتىر/سائەت بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 

نۆۋەتتە Hyperloop Transportation Technologies شىركىتى ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ 2-چوڭ دۆلەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى تۆمۈر يول مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى سىناپ كۆرمەكچى. ھالبۇكى بۇنىڭلىق بىلەنمۇ ماسكنىڭ نىشانى ئورۇنلانمايدۇ، ئالدىنقى ئايدىكى خەۋەرلەردە ماسك ناھايىتى كەسكىن ھالدا «The Boring Company» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ تونېل قېزىش ئارقىلىق Hyperloopنىڭ تۈرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. 

نەچچە كۈندىن كېيىن ماسك ئۆزىنىڭ بىلوگىدا «ھۆكۈمەتنىڭ ئاغزاكى تەستىقى»گە ئېرىشكەنلىكىنى، نيۇيوركتىن باشلىنىپ، فىلادېلفىيە، بالتىمورلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ۋاشىنگتونغا يېتىپ بارىدىغان يەر ئاستى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆمۈر يولى ياساپ چىقىدىغانلىقىنى، تۆت سائەتلىك مۇساپە 29 مىنۇتقا قىسقىرايدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ھازىر «ئۇلىنىش» بىلەن «بىلۇمبېرگ» ئاگېنتلىقى بىرلىكتە ماسكنىڭ لىنىيە ئومۇمىي پىلانىنى قولغا چۈشۈردى، ئۇنىڭدا Boring Company Hyperloop شىركىتى قۇرۇش ئارقىلىق نيۇيوركتىن ۋاشىنگتونغىچە بولغان يەر ئاستى تونېل قېزىپ چىقىدىغانلىقى ھەمدە كۆپلىگەن بېكەتلەرنى تەسىس قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. 

Boring Companyنىڭ باياناتچىسى «ئۇلىنىش»قا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:«Boring Companyدا بىز تەننەرخى تۆۋەن، تېز سۈرئەتتە قېزىلىدىغان تونېل ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدۇق، توك كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان دائىملىق بېسىملىق تونېلدىكى سۈرئەت 125mphلىك تىرانسپورت سۈرئىتىگە يەتكۈزۈلىدۇ. نيۇيوركتىن ۋاشىگتونغا بارىدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق تىرانسپورتقا نىسبەتەن بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ تونېل ئىچىدە توشۇش تېزلىكىنى 600mphدىن ئاشۇرىمىز، يەنى Hyperloop.»

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号