باش بەت

hayrigul

181يوللانما
3مەستانە

تەتىلدە شىئەنگە ئىشلىگىلى بارغان قىزنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇللىرىنى تور ئالدامچىلىرى ئالداپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-09 19:48 0 ئىنكاس چۈشتى

خۇاشاڭ گېزىتى خەۋىرى، شەندۇڭلۇق قىز شۈ يۈيۈنىڭ ئوقۇش پۇلى ئالداپ كېتىلگەندىن كېيىن ئازابتىن ئۆلۈپ كەتتى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، شىئەندە ئىشلەۋاتقان ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسى شياۋلىنىڭمۇ كۆڭلى بەك يېرىم، چۈنكى ئۇنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىگە تەييار قىلىپ قويغان 8200 يۈەن ئوقۇش پۇلىنى باشقىلار ئالداپ كەتكەن ئىدى.

تېز يوللانمىنىڭ تاپشۇرىۋېلىش ئادرېسىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئالدامچىلاردىن تېلېفون كەلگەن.

22 ياشلىق شياۋ لى سىچۈەن نەنچۇڭدىن بولۇپ، چىلۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. شىياۋ لىنىڭ ئاتا-ئانىسى شىئەندىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەمچىلىك قىلىدىكەن، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئۇ شىئەنگە ئىشلىگىلى كېلىپ بىر ساماۋەر شورپىخانىسىدا مۇلازىم بولۇپ ئايلىقىغا 2000 يۈەندىن ئارتۇق ئېلىپ ئىشلىگەن.

شياۋ لىنىڭ تاغىسى چاڭئەن رايونى گودا تەرەپتە ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن، 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىياۋ لى نەۋرە سىڭلىسىغا توردىن كىيىم-كېچەك ئالغان بولۇپ، ئۇلارغا تېز يوللانما ئارقىلىق سېلىپ بەرمەكچى بولغان. بىراق 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، تاغىسى نەۋرە سىڭلىسىنى يۇرتقا يولغا سېلىۋەتكەچكە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 لەردە، ئۇ گودۇغا بېرىپ تېز يوللانمىنىڭ ئادرېسىنى ئۆزگەرتكەن. چۈشتىن كېيىن 4 لەر ئەتراپىدا ئۇنىڭغا سىزنىڭ سالغان نەرسىڭىز يۈتۈپ كەتتى، سىزگە تۆلەپ بېرىمىز دەپ تېلېفون كەلگەن. ئاندىن قارشى تەرەپ شىياۋ لىنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇپ، ئىككى تال ئىككىلىك كود ئەۋەتكەن.

«مەن كودنى سىكانېرلىسام، زاكاز نورمالسىز چىقتى، قارشى تەرەپ ماڭا يەنە ئىككىلىك كودنىڭ ئىچىگە ئالپاي نومۇرىنى كىرىگۈزۈپ، دەلىللەش نومۇرىنى ساقلاشنى ئېيتى.» تۈنۈگۈن شياۋ لى خۇاشاڭ گېزىتى مۇخبىرىغا، دەلىللەش نومۇرى كەلگەندىن كېيىن قارشى تەرەپ ئاۋاز ئارقىلىق شىياۋ لىنىڭ ئالپاي نومۇرى بىلەن باغلاقلىق بانكا كارتىسىنىڭ توڭلىتىقلىق ئىكەنلىكىنى، بۇندا بولغاندا تۆلەم پۇلىنى ئۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شياۋ لى:«مەن ئۇ كارتىنى ھەققەتەن توڭلىتىۋەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىشنىتىپتىمەن، قارشى تەرەپ كارتىنى ئاچقاندىن كېيىن پۇلنى ئۇرالايمىز ھەم ئالپايدىلا كارتىنى ئاچالايمىز دېدى».

بانكا كارتىسى توڭلاقلىق تۇرسا قارشى تەرەپ قانداق ئېچىشنى ئۆگەتكەن

كارتىنى ئېچىشقا نېمە ئۈچۈن بانكىغا بارمايدۇ؟ قارشى تەرەپ شىياۋلىنىڭ ئېلېكترونلۇق بانكىنى ئاچقانلىقىنى، بىۋاسىتە ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇنىڭا شىياۋ لى ئىشەنگەن، ئاندىن قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ بانكا كارتىسىنى ئېچىشنى ئۆگەتكەن ھەمدە ئۇنىغا توڭلىتىلغا كارتىدىن قارشى تەرەپكە 6700نى قىزىل بولاق قىلىپ ئېتىپ بېرىشنى ئېيتقان. «مەن نېمىشقا 6700 ئاتىمەن دېسەم، قارشى تەرەپ بۇ پەقەت رەقەملىك كود، پۇل ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ كارتىڭىز توڭلىتىقلىق، كارتىدىمۇ جىق پۇل يوق ئىكەن دېدى، ئاندىن مەن كارتىدا شۇ 700 يۈەندەك پۇل بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە توڭلاقلىق تۇرسا دەپ ئويلاپ ئەۋەتىپتىمەن.»

كېيىن، شىياۋ لى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ قالدۇق سومما سومكىسىدىكى 5989 يۈەننى ئۇ 6700 دېگەن ساننى ئەۋەتمەكچە بولغان بانكا كارتىسىغا يۆتكىگەنلىكىنى بايقىغان، ئاندىن قارشى تەرەپ ئۇنىڭ قالدۇق سومما سومكىسىدىكى پۇلنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئالپاينىڭمۇ توڭلىتىلغانلىقىنى ئېيتقان. «شۇ چاغدا قالدۇق سومما سومكىسى بىلەن بانكا كارتىسى باغلاقلىق بولمىسا، راستلا توڭلا قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، بانكا كارتامنىڭ كىرىم-چىقىم خاتىرىسىنى كۆرگەندىلا 6700 دېگەن رەقەملىك كود ئەمەس بەلكى ئەسلىدىكى بانكا كارىمدا بار 700 نەچچە يۈەن بىلەن قالدۇق سومما سومكىسىدىكى 5989 يۈەننىڭ يىغىندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم».

ئىش يۈز بەرگەندە، شىياۋ لى بايقىمىغان. قارشى تەرەپ قالدۇق سومما سومكىسىنى ئېچىپ بېرىمەن، ئالدىدىكى 6700 يۈەن ۋە مالنىڭ تۆلەم پۇلىنىمۇ بىللە قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ، ئۇنى ئالپاينىڭ ئىچىدىن بىر تور بەتكە تىزىملىتىپ 1500 يۈەن قەرز ئالغۇزغان، بىراق قارشى تەرەپ بۇ پۇلنىڭ ئەسلىدىن شىياۋ لىغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان قپۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان».

ئەمدى بۇ ئالپاينىڭ ئىچىدە قىلىنغان مەشغۇلات بولغاندىن كېيىن، شىياۋ لى بۇنى راست دەپ ئويلاپ قارشى تەرەپنىڭ دېگىنىدەك قىلغان. دەرۋەقە، 1500 يۈەن پۇل شىياۋ لىنىڭ ھېساباتىغا كىرگەن، ئەمدى پۇلنى قايتۇرۋالىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ، قارشى تەرەپتىن قالغان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتقان، قارشى تەرەپ تۈركۈمگە بۆلۈپ قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شىياۋ لى جىددىيلىشىپ يەنە قارشى تەرەپنى ئىزدىگەندە، قارشى تەرەپ ئاللىقاچان شىياۋلىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتكەن.

تۇرمۇش، ئوقۇش پۇلى ئالدانغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇچىسى: ياشىغۇم يوق

ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەن شىياۋلى ئەنچاڭ ساقچى ئىدارىسى گودۇ ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

8-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋە 8-كۈنى، ئۇ ئىككى كۈنى ساقچىخانىنىڭ ئالدىدا ساقچىلارنىڭ دېلونى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئېرىشكەن جاۋابى بولسا داۋاملىق كۈتۈش بولغان.

تۈنۈگۈن، ساقچىخانا ئالدىدا شىياۋلى بۇلارنى سۆزلەۋېتىپ يىغلاپ كەتتى، بۇ پۇل ئۇنىڭ ئۈچۈن زور سومما ئىدى.

شىياۋ لىنىڭ تېلېفونىدا قارشى تەرەپ بىلەن بولغان سۆزلىشىش خاتىرىسى بار بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ شىياۋ لىغا قانداق قىلىشنى دەپ بەرگەن ئاۋازى بار ئىكەن. ئۇ پۇل يۆتكەش خاتىرىسىنىمۇ ساقلاپ قويغان، قارشى تەرەپنىڭ ئالپاي ھېساباتىنىڭ باش سۈرىتى ئايال كىشىنىڭ رەسىمى ئىكەن. ئۇنىڭ توردا ئالغان ماللىرى تېخى يوللىنىۋاتىدۇ دەپ چىققان. مۇخبىر شىياۋلىغا تېلېفون قىلغان نومۇرغا تېلېفون قىلسا ئۇ نومۇر توختاپ قالغان.

نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى تەكشۈرمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号