باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
45مەستانە

ئېلون ماسك: Model 3تىن بىر يىلدا 700 مىڭنى سېتىشقا ئىشەنچىم كامىل

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-10 16:59 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە تېسلا Model 3نىڭ بەكلا بازىرى چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ماسىكنىڭ قارىشىچە، بۇ نۇسخىدىكى باھاسى ئەرزان توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كەلگۈسىدە Model 3نىڭ ئىستېمالچىلىرى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن، يىللىق ئېھتىياج 700 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ھالبۇكى، تېسلا ھازىر تاپشۇرۇۋالغان Model 3نىڭ زاكاز سانى 500 مىڭدىن ئېشىپ بولغان.

بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن ماسك مۇنداق دېگەن: «بىز ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان لاپ گەپلەر بىلەن Model 3نى تەشۋىق قىلمايمىز، بىراق بىزنىڭ زاكاز مىقدارىمىز كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. تېسلا بۇنى كۆپتۈرۈپ ئېلان بەرمەيدۇ ھەم سىناپمۇ ھەيدىمەيدۇ، بىراق ئىستېمالچىلار بىزنىڭ ئاپتوموبىلىمىزنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ».

Model 3نىڭ ناھايىتى بازارلىق ئاپتومىل بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمان قىلىش ھاجەتسىزدۇر. ماسىك ھەر كۈنى ناھايىتى خۇشال كەيپىياتتا ئورنىدىن تۇرىدىكەن، ئەمما كۆزىنى راۋۇرۇس ئاچقاندىن كېيىىن، بۇنچە زور مىقداردىكى Model 3نىڭ زاكازىنى قانداق تاماملاش مەسىلىسى ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىكەن.

ھازىر تېسلانىڭ زاۋۇتى «ئالدىراش ئىشلەپچىقىرىش» مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، بۇ يىلنىڭ ئاخىردىن بۇرۇن ئۇلار ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 20 مىڭ دانىگە كۆتۈرمەكچى، كېلەر يىلى ھەر ئايدا 40 مىڭ دانە Model 3 ئىشلەپچىقارماقچى. بىراق، مانا مۇشۇنداق بار كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقارغان تەقدىردىمۇ، ماسكنىڭ بىر يىلدا 700 مىڭ دانە ئاپتوموبىلنى زاكاز قىلغۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، تېسلا 2016-يىلى يىلدا 76 مىڭ دانە توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرالايدىغان كىچىك زاۋۇتتىن بىرنى قۇرغانىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تۇيۇقسىز ئاشۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇش-تۇرالماسلىقىغا ھېچكىم بىرنەرسە دېيەلمەيدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号