باش بەت

ئادىلجان

5721يوللانما
4مەستانە

ماي باكىدا قانچىلىك ماي قالغاندا ماي قاچىلاش كېرەك؟

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 21:36 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ماينى باكنىڭ ئاغزىغا كەلگۈچە قاچىلاش» نۇرغۇن كونا شوپۇرلارنىڭ ئادىتى. ئۇلار بۇنداق قىلغاندا ماشىنا كۆپرەك يول يۈرەلەيدۇ، ماي قاچىلاش پونكىتىغا بارىدىغان ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. 

ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا قاراش بولۇپ ماشىنىغا ھېچقانداق پايدىسى يوق، ھەتتا كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر ماي باكىدىكى ماي تولۇق تۈگەپ شىكالا نۆلگە چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن ماي قاچىلاش كېرەك دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلغانلىق ماشىنىنى ئۆز قولى بىلەن بۇزغانلىق. بۈگۈن كۆپچىلىككە قانداق ۋاقىتتا ماي قاچىلاش لازىملىقى، قانچىلىك قاچىلىسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بېرىمىز. 


ماي شىكالىسى تۆتتىن بىرىچىلىك ماي مىقدارىنى كۆرسەتكەندە ماي قاچىلاش كېرەك

ئالدى بىلەن ماي سائىتىنىڭ شىكالىسى قايسى ئورۇننى كۆرسەتكەندە قاي قاچىلاش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. بەلكىم نۇرغۇن دوستلار باشقىلاردىن ماشىنا ھەيدىگەندە چوقۇم ماينى تولۇق ئىشلىتىش، باي ماكىدا ماي قالدۇرماسلىق كېرەك، بۇنىڭ ماتورغا پايدىسى بار دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل قاراش ھازىر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە ئاپتوموبىللار يېقىلغۇ كۆيدۈرۈشتە يېقىلغۇ پومپىسىغا تايىنىپ، ماي باكىدىكى ماينى ئالدى تەرەپتىكى ماتورغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئادەتتە يېقىلغۇ پومپىسىنىڭ ماي كىرىش ئېغىزى ئاستى تەرەپتە بولىدۇ، شۇڭا ماي باكىنىڭ ئاستى قىسمىدىكى ماي ئالدى بىلەن سۈزۈلۈپ، ئاندىن ماتورغا يەتكۈزۈلىدۇ. شۇڭا ماي باكىدا ئاساسەن ماي قالدۇقى قالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېنزىنغا ئورگانىك ئېرىتكۈچ ئارىلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، شۇڭا يۇقىرىقى قاراش توغرا ئەمەس. 

بەزى شوپۇرلار ماي سائىتى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىنمۇ تەلەي سىناش پىسخىكىسى بىلەن يەنە نەچچە ئون كىلومېتىر يول يۈرەلەيمەن دەپ قارايدۇ، بۇ خاتا قاراش. چۈنكى يېقلىغۇ پومپىسى ماي باكىدىكى يېقىلغۇ سوۋۇتقۇچقا تايىنىدۇ، ئەگەر يېقىلغۇ سۇيۇقلۇقىنىڭ ئورنى زىيادە تۆۋەن بولسا يېقىلغۇ پومپىسى كۆرۈنۈپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىسسىقلىق تارقىتىش تەسىرگە ئۇچراپ يېقىلغۇ پومپىسىنىڭ ئۆمرى زور دەرىجىدە قىسقىراپ كېتىدۇ. شۇڭا ماينىڭ تولۇق تۈگىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. 

كۆپ قېتىملىق ماي باكىنى ئەمەلىي چۇۋۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتە ماشىنا يېقىلغۇ پومپىسىنىڭ ئورنى ماي باكىنىڭ ئوڭ ئارقا تەرىپىدە بولىدىكەن، ماي سائىتى ئىستىرىلكىسى تۆتتىن بىرىچىلىك ماي مىقدارىنى كۆرسەتكەن ۋاقىتتا، ماي پومپىسىنىڭ ئۈستى قىسمى يېقىلغۇ سۇيۇقلۇقىدىن كۆرۈنۈپ چىقىدىكەن. شۇڭا تۆتتىن بىرىچىلىك ماي قالغان ۋاقىتتا ماي قاچىلىشىمىز كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ماشىنىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا پايدىسى بار. ئەگەر ماي سائىتى سىگنال بەرسىمۇ ماي قاچىلىمىسا، يېقىلغۇ پومپىسى كۆيۈپ كېتىشى مۇمكىن. 


ماي «ئىككىنچى قېتىم سەكرىگەن»گە قەدەر قاچىلانسا مۇۋاپىق بولىدۇ

ئەمدى ماينى قانچىلىك قاچىلىسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى! بۇ يەردە دېيىلگەن مۇۋاپىق ماي باكىنى تولدۇرۇۋېتىشنى ئەمەس، بەلكى مۇۋاپىق مىقداردا قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ماي باكقا بەك كۆپ قاچىلانسا ماي باكى ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئېشىنچا ماي چىقىرىۋېتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خېلى كۆپ ماي ئىسراپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئېشىنچا ماي يەنە ماي پارىنى سۈزۈشكە ئىشلىتىلىدىغان كاربون قۇتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كاربون قۇتا ئىچى توسۇلۇپ قېلىپ، بۇ قۇتىنىڭ ئىچىدىكى ئاكتىپ كاربون رولىنى يوقىتىپ، ماشىنىنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قېلىش ھەتتا قەتئىي ئوت ئالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا ماينى لىق قاچىلىۋەتكەندە ماي باكىنىڭ ئېغىزىدا ماي پارى ھاسىل بولىدۇ، ھازىر قاتتىق ئىسسىق مەزگىل بولغاچقا بۇ خىل ئەھۋالدا ناھايىتى ئاسانلا ماشىنىغا ئوت كېتىدۇ. شۇڭا بېنزىننى ئادەتتە ماي قاچىلاش تۇرۇبىسى «ئىككىنچى قېتىم سەكرىگەن»گە قەدەر قاچىلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. «ئىككىنچى قېتىم سەكرەش» ئەمەلىيەتتە ماي يۈزى ماي قاچىلاش تۇرۇبىسىنىڭ ئۇچىدىكى ئىندۇكتور بىلەن تېگىشكەن ۋاقىتتا ماي قاچىلاش تۇرۇبىسىنىڭ ماي قاچىلاشنى توختىتىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ماي قاچىلاش تۇرۇبىسىنىڭ ئىندۇكتورى بەزىدە خاتا مەلۇم قىلىپ قالىدىغان بولغاچقا، ئىككىنچى قېتىم «سەكرىگەن» ۋاقىتتا ماي ئەڭ مۇۋاپىق مىقداردا قاچىلانغان بولىدۇ. 


تۆۋەندىكى ۋىدىيودا ماي سائىتى ئىستىرىلكىسى قايسى ئورۇنغا كەلگىچە ماي قاچىلىسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن: 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىلان مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي قارا كۆز يوغان ئىش،،،،،،،،،،

  • باھادېر1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ ھەرقىتم لىق ماي قاچلاپ كونۇپ قاپتىكەنمەن بۈندېن كىين دىققەت قلسام بۈلغىدەك

  • سەۋدا1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ ماشىينام يوق بولغان بولسا لىق مايقاچىلاپ ماڭاتىم

  • *قاراكۆز*1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماشىنلارنىڭ ئىقتىدارى،تىخنىكىسى كۈندىن كۈنگە ئىلغارلىشىپ كىتىپ باردۇ.بىر باك ماي قاچلىساق كۆرسەتكۈچى مۇشۇ مايدا مانچە كىلۇمىتىر يۇل يۇرەلەيدۇ دەپ كۆرسىتىپ بىردۇ.مەن شۇنىڭغا قاراپ 60 كىلۇمىتىرغا يەتكۇدەك ماي قالسا قاچلىۋالدىكەنمەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号