باش بەت

abdulaziz

655يوللانما
16مەستانە

ئالجىرىيەنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-11 09:37 0 ئىنكاس چۈشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11-ئاۋغۇست تېلىگىراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئالجىرىيە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىر تىك ئۇچار ئايوپىلان شۇ كۈنى پايتەخت ئالجىرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندىكى تۆت ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
  ئالجىرىيە ئالاقە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالجىرىيە تاسىل ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە قاراشلىق بېل-206 بەلگىلىك بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان شۇ كۈنى پايتەخت ئالجىرنىڭ شئەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر كەنتتە چۈشۈپ كەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايروپىلان شۇ كۈنى تۆمۈريول قۇرۇلىشىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش خىزمىتىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئىجارىگە ئېلىنغان بولۇپ، ئايروپىلاندا بىر ئۇچقۇچى، بىر ئىنژىنېر ۋە ئىككى فوتوگراف بار ئىكەن.
  ئالجىرىيە قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوت كەتكەن، ۋەقە سەۋەبى ھازىر تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالجىرىيەدە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدىلا ئىككى ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن، نەچچە ئون ئادەم قازا قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەلىرى ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغىنى 2014-يىلى ئىككىنچى ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، C-130 بەلگىلىك بىر تىرانسىپورت ئايروپىلانى شەرقىي قىسىمدىكى تاغلىق رايوندا چۈشۈپ كېتىپ 77 ئادەم قازا قىلغان ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号