باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10318يوللانما
780مەستانە

ھەر كۈنى بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋاتقان تۈركىيەلىك بايۋەتچە

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-11 09:56 22 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەدىكى 24 ياشلىق بايۋەتچە توردا ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۆز-كۆز قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئىزچىل گۈزەل يازلىق تەتىل تۇرمۇشىنى ھەمبەھىرلىگەن. ئۇ ئىلگىرى: «مەن تۇغۇلۇشۇمدىلا مۇشۇنداق تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ياشاپ كەلگەن، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشى ماشىنا، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، سەنئەت ۋە ساياھەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدىم» دېگەن.

ئەمىر باھادىرنىڭ دادىسى بىر مىليارد فوندستېرلىڭلىق (تەخمىنەن 8 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە باراۋەر) ئۆي-مۈلۈك ماگناتى بولۇپ، ئۇ: «مېنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشۇم ئەسەبىيلەرچە باھالىغۇچىدۇر. مەن ساياھەت قىلىشنى، ھازىرقى زامان سەنئەت بۇيۇمى ۋە مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىمەن، مودا ئىزچىل مەن بىلەن بىللە، مېنىڭ كىيىنىشىمنى ھېچكىم دورىيالمايدۇ» دېدى.

ئەمىر ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ، كەڭ تەبىئەت قوينى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلەيدۇ.

ئۇ: «مەن دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىغا بېرىشنى، پۇلدارلار بارىدىغان جايلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئەقىللىق، قالتىس، قىزىقارلىق كىشىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشقا رازىمەنكى، نوقۇل ھالدا تويۇنغان كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشنى ياقتۇرمايمەن، چۈنكى بۇ ناھايىتى زېرىكىشلىك» دېدى.

ئەمىر ئىستانبۇلدا تۇغۇلۇپ، شىۋېيتسارىيەدە چوڭ بولغان. ئۇ ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق لۇگانودىكى تاستىس ياتاقلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان.

ئارقىدىن ئۇ نيۇيورك ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئوقۇپ، سودا-سانائەت ۋە تېخنىكا باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن.

ئەمىر نيۇيوركتىكى مەلۇم بىر تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى ئىجتىمائىي كۇلۇبنىڭ پاي ئىگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بار.

ئۇنىڭ Instagramدا 500 مىڭغا يېقىن مەستانىسى بار. ئۇنىڭ ئېلان قىلغان سۈرەتلىرى ئاساسلىقى بەدەن چېنىقتۇرغاندىكى سۈرىتى، مۇراسىم كىيىمىنى كىيگەندىكى سۈرەتلىرى بولۇپ، ھەربىر پارچە سۈرەتتە ھەشەمەتلىك ۋە راھەت تۇرمۇش نامايەن قىلىنغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇقام يۇرتى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماۋۇ قۇرۇق سۆلەت بەگزادىنىڭ دادىىسىنىڭ پۇلىنى خەجلىگىننى خاتا دىمىسەكمۇ لېكىن ئۆزى دادىسىنىڭ قولىغا -قول ،پۇتىغا -پۇت بولۇپ جاپانى تەڭ تارىتماي تەييار پۇلنى خەجلەپ مىنى ھىچكىم دورىيالمايدۇ دەپ جار سېلىشلىرى خاتا بوپتۇ .
    بۇ جاھاندا كىمنىڭ باي -باياشات خاتىرجەم ئۆتكىسى يوق ،لېكىن جاپالىق تىرىشقاندىلا پۇل تاپقىلى ،بايلىق توپلىغىلى بولىدۇ .

  • ༊྄ཻฟⅈℜöᎦ࿐2 ئاي ئىلگىرى

    قەيسەر بودەك بىلەن تۈلكە توغرا دەيدۇ

  • تۈلكە3 ئاي ئىلگىرى

    نوچى بولسا دادىسىنىڭ پۇلىغا ئەمەس بەلكى ئۆزى پۇل تېپىپ ئوينۇسۇن دادىسىنىڭ پۇلىغا نوچىلىق قىلغانلارنى ئەركەك ئەمەس ئەرمەك دەيمىز

  • قاراقچى دارا3 ئاي ئىلگىرى

    بۇپتۇ ئۇينىسۇن ياشسۇن پۇلنى خەجلىمەي قانداق قىلدۇ دەيمە بىزمۇ ئاق كۇك دىمەي بىزمۇ تىرشىپ پۇل تاپايلى مۇشۇنداق خەجلىگىلى بۇلدۇ

  • ساخاۋەتچى باي3 ئاي ئىلگىرى

    بار چاغدا پولدۇ پولدۇرۇڭ،يوق چاغدا قاراپ ئ‍ولتۇرۇڭ دېگەندەك بۇ باي غوجام ئىسراپچىلىقنى قىلىۋەرسۇن،كاللا ئ‍ىشلىمىسە پۇت قولغا ئ‍ارام يوق دېگەندەك،ماددىي بايلىقتىن مەنىۋى بايلىق ئ‍ۈستۈن تۇرىدۇ،شۇڭا بۇ بەگزادە كۆپرەك ساخاۋەتلىك ئ‍ىشلارنى قىلىپ،نامراتلارنى يۆلەپ،ئەدەب ئەخلاققا ئ‍ائىت كىتابلارنى كۆپرەك ئ‍وقۇپ بايلىق توپلاش بىلەن بىرىگە مەنىۋى بايلىقمۇ توپلاش كېرەك !

  • تىنىچلىق كەپتىرى3 ئاي ئىلگىرى

    باي بولۇش،جىق پۇل تىپىش يامان ئ‍ىش ئ‍ەمەس،ئەمما بۇنداق مەن باي دەپ ئ‍اجىز،مىسكىن،نامراتلارنى ئۇنتۇپ بايلىقىنى كۆز كۆز قىلىش سەل قاملاشمىغان ئ‍ىش

  • huojia532*3 ئاي ئىلگىرى

    قەيسەر بودەك تورداشنىڭ مەنتىقىسى توغرا بىر كۈنلەردە پاراسەت بايىقتىن غالىپ كىلىپ قېلىشى مۇمكىن…

  • ئادىلجان3 ئاي ئىلگىرى

    ئەگەر بۇ بايۋەچچە ،مۇشۇ بايلىقىنى ئۆز ئەجرى ۋە قابىليىتىگە تايىنىپ تىپىپ ،مۇشۇنداق كۆز -كۆز قىلسا ھەقىقەتەن ئەرزىيتى ھەم يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلىناتتى ،لىكىن بۇنىڭ كۆز -كۆز قىلغان بايلىقىنىڭ ئاساسى دادىسىنىڭ ئىكەن ،نىمەدىگەن بىمەنە ،ئاۋۇ تۇرمۇش پەلسەپە لىرىدىن ئۆرگىلەي ،تەييارغا- ھەييار .....تاماق ئەبگا.

  • نەبى3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداق مۇ دەپ كەتمەيلى ئەگەر بىزنىڭ ئىچىمىزدە مۇشۇنۇڭ دادىسىغا ئوخشاش 10 مىليارد پۇلى بار باينىڭ بالىسى بولسا بۇنۇڭدىن مۇ ئاشۇرۋىتىشى مۇمكىن

  • نازىر3 ئاي ئىلگىرى

    ھەۋەسقۇ قىلمىدىم لىكىن تىرشىپ مەنمۇ بالامنى شۇنداق تۇرمۇشقا ئىرىش تۈرۈشنى ئويلىدىم…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号