باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى|46 يىللىق «ئانا-بالىلىق مۇھەببەت» قانداشلىقتىن ئېشىپ چۈشتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-11 12:23 1 ئىنكاس چۈشتى

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، ھەر مىللەت خەلقى قەلىبداش. شىنجاڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى بۇ كەڭ كەتكەن زېمىننىڭ ھەممىلا يېرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ئىش–ئىزلار بار، ما شيۇجېن ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. بۇرۇلتوقاي بازىرى خەلق يولى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ما شيۇجېن بۇ يىل 85 ياشقا كىردى، ئۇ بۇ ئۆمرىدە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ چەك-چېگرىسى يوقلۇقىنى، نېمىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

    «قىزى»غا كېچىلەپ تويلۇق تەييارلاش

    ما شيۇجېننىڭ يولدىشى جاڭ ۋېيكاڭ ياش چاغلىرىدا چارۋىچىلىق رايونىدا خىزمەت قىلاتتى، بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن قازاق دوستلار بىلەن تونۇشتى، ماقسات شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ دائىم ئۆيدىكىلىرى بىلەن ما شيۇجېننىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ باراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دوست بولۇپ قالدى.

   46 يىل ئىلگىرىكى بىر كۈن، ماقساتنىڭ قىزى بەقىتگۈل تۇغۇلدى. بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان ما شيۇجېن دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىگە سوۋغا ئېلىپ بېرىپ، بۇ يېڭى ئەزانى يوقلىدى.

   بەقىتگۈل 10 ياشقا كىرگەندە ئاپىسى تۈگەپ كەتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ، ما شيۇجېن بۇ كىچىك قىزچاقنىڭ غېمىنى قىلىپلا يۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بەقىتگۈل مېنىڭ ئەڭ كىچىك قىزىم، مەيلى قەيەردە بولاي، ئۇ ھامان كۆڭلۈمدە، ۋاقىت بولسىلا ئۇنى يوقلاپ تۇرىمەن».

   1994-يىلى، بەقىتگۈل توي قىلماقچى بولدى، بىراق، ئائىلە شارائىتى ناچار بولغاچقا، تۈزۈكرەك تويلۇقمۇ تەييارلىيالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ما شيۇجېن بۇ كىچىك قىزىغا كېچىلەپ تويلۇق ھازىرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە: سوكنا پەلتو، ماتا كۆڭلەك، گۈللۈك ئۇزۇن كۆڭلەك، ياغلىق، ئۆتۈك، يوتقان . . . . . قاتارلىقلار بار ئىدى.

    تويدىن كېيىنمۇ، ما شيۇجېن بەقىتگۈلدىن خاتىرجەم بولالماي بوش ۋاقتى بولسىلا ئۇنى يوقلاپ تۇردى. 500 يۈەن، 800 يۈەن، 1000 يۈەن . . .ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىچىك قىزىغا قانچىلىك ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىم قىزىغا بەرگەن پۇلى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدۇ؟ مەن پات-پات كېلىپ، قىزىمنى تىرىشىپ ياخشى كۈن كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىمەن. »

 

ما شيۇجېن(ئوتتۇرىدا) چوڭ قىزى(سولدا) بىلەن بىرلىكتە «كىچىك قىزى» بەقىتگۈل ماقسات(ئوڭدا)نىڭ ئۆيىگە كەلدى       ئانا-بالىلىق مۇھەببەت كېيىنكى ئەۋلادلارغا داۋاملاشتى

    2014-يىلى، بەقىتگۈل يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ بالنېتسىدا يېتىپ داۋالانماقچى بولدى، ما شيۇجېن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئۈرۈمچىگە ئۇنى يوقلاپ باردى، ھەمدە ئۆزىنىڭ تېجەپ يىغقان 1000 يۈەن تۇرمۇش پۇلىنى بەقىتگۈلنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

    2015-يىلى، ما شيۇجېن ئۈرۈمچىدىكى چوڭ ئوغلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكچى بولدى، ئەينى ۋاقىتتا بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە گىرادۇس ئىدى، ئۇ كىچىك قىزى بەقىتگۈلدىن خاتىرجەم بولالماي، مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇنى يوقلاپ باردى. ئۇ بەقىتگۈلنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك كۆمۈر ئالالمىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا 1000 يۈەن نەق پۇل بەردى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئىشنى نېمىشقا ئۆزىگە ئېيتمىغانلىقىغا كايىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ما شيۇجېن ھەر يىلى قىش كېلىشتىن بۇرۇن بەقىتگۈلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىشلىق كۆمۈر سېتىۋالغان-سېتىۋالمىغانلىقىنى كۆرۈپ كېلىدىغان، ئۇلارغا يەنە گۈرۈچ، ئۇن، ماي ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىپ بېرىدىغان بولدى. ئۇ ھەر يىلى ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە قىزىنى ئېلىپ بەقىتگۈلنىڭ ئۆيىگە ئۇنى يوقلاپ باراتتى، ئۇنىڭ بۇ ياردەمنى قىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

    بۈگۈنكى كۈندە، ما شيۇجېننىڭ كىچىك قىزى بەقىتگۈلنىڭ ئوغلىنى «ئاتاق ئوغۇل» قىلىۋالدى، ئۇلارنىڭ ئانا-بالىلىق مۇھەببىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا داۋاملاشتى.

    ما شيۇجېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھەممەيلەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئادىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەۋلادمۇ ‐ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

 

 ما شيۇجېن(ئوتتۇرىدا) ئىككى قىزى بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-08/10/content_613831.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىناۋا3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ موماينىڭ پۇلى جىقكەن.ياخشى مومايكەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号