باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

ئېلون ماسكنىڭ «تۇغما سودىگەر»لىكىنىڭ مەشھۇر سەككىز ئىسپاتى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-11 17:45 0 ئىنكاس چۈشتى

ئېلون ماسك (Elon Musk) كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئەڭ تەۋەككۈلچى كارخانىچىلارنىڭ بىرى، 10 يىلدا ئۇ توكلۇق ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەسى، ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدە بىر-بىرىدىن قالتىس ئۈچ شىركەت قۇردى، يەنە بىر قاتار شىركەتلەرگە مەبلەغ سالدى، كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇشىمىزدا گەپ يوق. 

ھازىر ئۇنىڭ بايلىقى تەخمىنەن 16 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى، لېكىن ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بىر كۈنلۈكلا ئىشمۇ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە مىليونېرغا ئايلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ ئىجادچانلىققا ئىگە نۇرغۇن پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى بار ئىدى. 

تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ «تۇغما سودىگەر»لىكىنى ئەڭ ياخشى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان مەشھۇر سەككىز مىسالنى كۆرۈپ باقايلى:

1. ئۇ 12 يېشىدا ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋىدىئو ئويۇنىنى خېلىلا ياخشى پۇلغا ساتقان.

ماسك كىچىكىدىن تارتىپلا كومپىيۇتېرغا قىزىقاتتى، توققۇز يېشىدىن باشلاپلا پىروگرامما تۈزگەن بولۇپ، ئۇ BASIC تىلى ئاساسىدا ئىشلىگەن ئويۇننىڭ ئەسلى كودى جەنۇبىي ئافرىقا ژۇرنىلى PC ۋە Office Technologyدا ئېلان قىلىنغاندا، ئۇ 500 دوللار پۇل تاپقان.

بۇ ماسك ساتقان تۇنجى مەھسۇلات ئىدى. ئۇ: «بۇ گەرچە كىچىك ئويۇن بولسىمۇ، لېكىن flappy birdدىن ياخشى ئىدى» دېگەن. 


2. ئۇ بۇرۇن ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ پار قازان ئۆيىنى تازىلىغان. 

1988-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت كانادانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا غەلىتە خىزمەتلەرنى قىلغان. ئۇنىڭ تەرجىمىھالىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ئالدى بىلەن نەۋرە ئىنىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا كۆكتات بىلەن ئاشلىق تېرىغان، ئاندىن ۋانكۇۋېردا ياغاچ كېسىشنى ئۆگەنگەن.

كېيىن ياغاچ ماتېرىيال زاۋۇتىغا بېرىپ پار قازان ئۆيىنى تازىلىغان. ماسكنىڭ ئېيتىشىچە، 1989-يىلى ئۇ ئاشۇ يەردە 18 دوللار سائەتلىك ئىش ھەققىگە ئىشلىگەن، بۇ بىر جاپالىق خىزمەت بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئەخلەتلەرنى تازىلاشقا توغرا كېلەتتى. 


3. ئۇ ئۆلكىلىك بانكىدا پىراكتىكا قىلغان 

ئاكىسى بىلەن كانادادا جەم بولغاندىن كېيىن، ئۇلار كۆرۈشمەكچى بولغان سودىگەرلەرنى تەتقىق قىلغان ۋە ئۇلارغا نۆۋەتلىشىپ تېلېفون قىلىپ چۈشلۈك تاماق يېيىشنى ئۆتۈنگەن. 

نوۋا سكوسىيە ئۆلكىلىك بانكىنىڭ مەمۇرىي باش دىرېكتورى پېتېر نىكولسون ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەنگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، ماسكنىڭ ئۇستازى بولۇپ قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا يازلىق تەتىللىك پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بەرگەن. 


4. قوشۇمچە كىرىم قىلىش ئۈچۈن ماسك كومپىيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە مۇكەممەل كومپىيۇتېرنى ياتىقىدىن كۆچۈرۈپ چىقىپ ساتقان. 

ئۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى تاپالايتتى، مەسىلەن ئويۇن ئاپاراتى ياكى ئاددىي يېزىق بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىق، ئۇنىڭچە بولغاندا ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولاتتى.

5. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئىجارە ئالغان ئۆيىنى بەزمىخانىغا ئايلاندۇرغان. 

1992-يىلى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەندىن كېيىن ماسك ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى جارى قىلدۇرۇپ، بىر دوستى بىلەن مەكتەپ ئىچىدىكى 10 ھۇجرىسى بار بىر تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىرىدۇ، بۇ بىر قەدەر ئەرزان ئىدى. 

ئۇنىڭ ياتاقدىشى Adeo Ressiنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە ئۇلار ئىككىسى بىرگە ئۆگىنىش قىلىدىكەن، ئەمما ھەپتە ئاخىرىدا ئۇلار بۇ يەرنى بىر كېچىلىك بەزمىخانىغا ئايلاندۇرىدىكەن. 

ماسك ئادەتتە ئاندا-ساندا ۋودكا ئىچكەندىن سىرت، ئادەتتە ناھايىتى ئاز ھاراق ئىچىدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئۇ سەگەكلىكنى ساقلاپ، ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزمەيدۇ. 


6. 1995-يىلى ماسك ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىشتىن ۋاز كېچىپ، ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە بىر ئالاقە تورى ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى قۇرىدۇ.

مانا بۇ دەل Zip2 ئىدى، بۇ شىركەت تور گېزىتىنى خەرىتە ۋە مۇندەرىجە بىلەن تەمىنلەيتى. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇلار دادىسى بانكا ھېساباتىدىن 28 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىشلەتكەن ئىدى.


7. تۆت يىلدىن كېيىن ئۇلار Zip2 نى ساتقان چاغدا، ئۇ مىليونېرغا ئايلاندى. 

1999-يىل شەخسىي كومپىيۇتېر شىركىتى Compaq ئۇنىڭ شىركىتىنى سېتىۋالدى، سودا سوممىسى 307 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ماسك مىليونېرغا ئايلاندى.

8. ئۇنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى X.com بىلەن eBay سېتىۋالغان PayPal بىرلەشكەندىن كېيىن، ماسك 165 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ساپ پايدىغا ئېرىشكەن ئىدى. 

Zip2نى سېتىۋېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ X.comنى قۇردى، بۇ ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى تور بانكا كەسپىنىڭ كەلگۈسى ئىدى. 

2000-يىلىنىڭ باشلىرى ئۇنى X.comنى رىقابەتچىسى Confinity بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىركەت نامىنى PayPalغا ئۆزگەرتتى. چوڭ پايچىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ماسك باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولدى. 

2002-يىلى PayPalنى eBayغا بىر مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باھادا سېتىپ بەردى، ماسك بۇنىڭدىن 180 مىليون دوللار پايدا ئالدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号