باش بەت

نۇر تورى*ئېلان

59يوللانما
61مەستانە

دىيارىمىزدىكى 100 يىللىق تارىخقا ئىگە كارخانىنى بىلەمسىز

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-11 18:34 107 ئىنكاس چۈشتى

بۇغداي–ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر تېرىغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ تېرىلىدىغان ئاساسىي ئاشلىقلارنىڭ بىرى. ئارخېئولوگلارنىڭ قەدىمكى مىسىر تاش ئويمىلىرىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسەن تەتقىق قىلىشىچە، بۇندىن تەخمىنەن ئون مىڭ يىل بۇرۇن ئىنسانلار ياۋا بۇغداينى يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلەتكەن.

جۇڭگودا بۇغداي ئەڭ دەسلەپتە شىنجاڭدىكى كۆنچى دەرياسى ۋادىلىرىدا بايقالغان، تەتقىقاتچىلار كرورەندىكى كىچىك دەريا بويىغا جايلاشقان قەبرىستانلىقتىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇنقى كاربونلاشقان بۇغداينى بايقىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇندىن پايدىلىنىپ يېمەكلىك ئىشلەش تارىخىمۇ ئىنتايىن ئۇزۇن. تۇرپاندىن قېزىپ چىقىرىلغان نان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇندىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۇندىن پايدىلىنىپ تەملىك نان ئىشلەپچىقارغانلىقىنى دەلىللىدى.

بۈگۈنگە كەلگەندە بۇغداي ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان ئاساسىي ئوزۇقلىقىغا ئايلىنىپ ئۇننىڭ ساپ تەبىئىي، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىلىشى ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى. مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن تېرىش ۋە پەرۋىش قىلىش جەريانىدا زىرائەتلەرگە خىمىيەلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىش؛ ئامباردا ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، بۇغداينىڭ پىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوكسىدلىغۇچ ئىشلىتىش؛ پىششىقلاش جەريانىدا ھاۋاسى بۇلغانغان رايونلاردا پىششىقلاش، بۇلغانغان سۇدا يۇيۇش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىششىقلىنىپ بۇغدايدىكى ئوزۇقلۇقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە سۈپەتنى سۈنئىي يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئاقارتقۇچ، سوزارتقۇچ، كۆپتۈرگۈچ قاتارلىق خىمىيەلىك دورا ۋە پاراشوكلارنى قوشۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇنلار دائىملىق ئىستېمال قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ساقايماس، غەيرىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىۋاتىدۇ، دوختۇرخانىلاردا كېسەل كارىۋاتلىرى يېتىشمەيۋاتىدۇ. تۈرلۈك كېسەللىكلەر ئىنسانلار ھاياتى، خاتىرجەملىكى ۋە ئىقتىسادىغا ئېغىر تەھدىد ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاساسىي يېمەكلىكىمىز بولغان بۇغداي ئۇنىنى تەتقىقات دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي تەبىئىي بولغان، يېشىل ۋە ئورگانىك ئۇن ئىشلەپچىقىرىپ ئىستىمالچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇش ھەربىر كەسىپ ئەھلىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىدۇر.

شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى نىياز موللا، روزى موللا ئاكا-ئۇكىلار  1930-يىلى قۇرغان ئاتا مىراس سۇ تۈگمىنى ئاساسىدا تەرەققى قىلغان ئۇنچىلىق كارخانىسى. 1988-يىلى ئادىل نىياز ئاكا-ئۇكىلار ئەنئەنىۋى سۇ تۈگمىنىگە زامانىۋى پەن–تېخنىكا تەركىبىنى سىڭدۈرۈپ، ئانا يۇرتىدا ماتورلۇق تۈگمەن قۇردى. 1995-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا تىپتىكى يۈرۈشلەشكەن ئۇن زاۋۇتىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، يەككە تۈگمەنچىلىكنى ئۇنچىلىق كارخانىسى دەرىجىسىگە كۆتۈردى.

ئاكا-ئۇكىلار داۋاملىق توختىماي ئىزدەندى ۋە تىرىشتى. 2007-يىلى پىششىقلاش خاراكتېرىدىكى كارخانىنى ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىقات، سېتىش ۋە مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن ئىلغار ئەسلىھەلەرگە ئىگە، تۈزۈملەشكەن مۇنتىزىم شىركەتكە ئايلاندۇردى.

2008–يىلى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال يېزىسىدا 1000مو كۆلەمدىكى ئېكىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ ئورگانىك يېزا-ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىدى.

2014-يىلى شىركەت يېشىل ۋە ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشۇش ئىستىكىدە، ئىلگىرىكى 10 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى زاۋۇتلارنى براك قىلىپ، ساپ ھاۋالىق، سۈيى پاكىز، قاتناش بۇلغىنىشى ئاز بولغان دۆلەت دەرىجىلىك ئېكىئولوگىيەلىك رايون - شىنجاڭ كەلپىن ناھىيە بازىرى تاغ باغرىدا «خىمىيەلىك قوشۇلمىدىن خالىي، بۇلغانغان ھاۋادىن خالىي، بۇلغانغان سۇدىن خالىي، سۈپەتسىز بۇغدايدىن خالىي، ئوزۇقلۇقى كۆيۈشتىن خالىي» دىن ئىبارەت ئەلنۇرى بەشتىن خالىي ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش باغچىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىستېمالچىلارغا «ساغلاملىقنى ئاساسىي يېمەكلىكنى تەبىئىيلىككە قايتۇرۇشتىن باشلاش» دېگەن ئىلمىي تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


2015-يىلى ئەلنۇرى بەشتىن خالىي تەبىئىي مەھسۇلاتلىرى دۆلىتىمىز بازىرىغا سېلىنىش بىلەن بىرگە، ئورگانىك يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلار ۋە ئالىم مۇتەخەسىسلەر بىلەن تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلىشىپ، 20 مىڭ مو كۆلەمدە ئورگانىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقات بازىسى بەرپا قىلدى.

2015، 2016-يىللىرى ئەلنۇرى بەشتىن خالىي ئۇنلىرى تەبىئىيلىكى ۋە خاسلىقى بىلەن شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ يەرمەنكە ھەيئىتى تەرىپىدىن مەھسۇلات ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مۇشۇ ئىككى يىلدا ئارقا-ئارقىدىنلا«ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا»، «جۇڭگونىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى»، «AAA» دەرىجىلىك ئىناۋەتلىك كارخانا قاتارلىق شەرەپلەرگە، «جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسى» گە ئېرىشتى، ISO9001«خەلقئارا سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمى» دىن ئۆتتى.

   

righttop

2017-يىلى 1-ئايدا، ئەلنۇرى شىركىتى شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىپ، 2-ئايدا تەبىئىي يېمەكلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان ئەلنۇرى بەشتىن خالىي ئورگانىك بىنەم بۇغداي ئۇنلىرىنى بازارغا سالدى.

ئەلنۇرىلىقلار شۇنداق ئېيتالايدۇكى: ئەلنۇرى ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئورگانىك يېزا ئىگىلىگى، ئورگانىك يېمەكلىك تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگەللەپ، ئېكىلوگىيەلىك يېزائىگىلىك ساھەسىدىكى كوزۇر ماركىنى بەرپا قىلىپ، يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر، ئىستېمالچىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ساغلام، تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل-باياشات بولۇشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ.


ساغلاملىقنى دوختۇرخانىدىنلا ئەمەس، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىدىن ئىزدەڭ، دورىدىنلا ئەمەس، تەبىئىي يېمەكلىكتىن ئىزدەڭ!

ئەلنۇرى بەشتىن خالىي يېشىل، ئورگانىك مەھسۇلاتلىرى ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈندۇر !

تەبىئىي يېمەكلىك ساغلاملىق دېمەكلىك!


مەنزىل: شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى 1-ماي يولى 18-نومۇر

http:www.alnuri.com        

فاكس: 2224888-0997

تېلېفون نومۇر: 123 0997 400




دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
  • كەچۇر ۋيتىڭلار5 كۈن ئىلگىرى

    ئىلانىنى دەھشەت ئىپلەپتۇ بولمىسا

  • 学不会装5 كۈن ئىلگىرى

    فۇكاڭ شەھىردە سېتىش نوقتىسى بارمۇ بىلدىغانلار بولسا دەپ بىرىڭلارچۇ ئىلاننىنى كۆردۈم ئىشلىتىپ باقماپتۇق

  • چىچەن قىز1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەلنۇرى ئۇنلىرى سەل قارامتۇل چىقدۇ ،تەبىئى لىكىن تامقى بەكلا ئوخشايدۇ بىز ئەلنۇرىنى ئىشىلتىمىز ھەم شۇ ئۇننى بەكرەك ماختاپ ساتمىز چۈنكى ماختاشقا ئەرزىيدۇ .
    گۈرۈچنىڭ باش باھار ماركىسىدىكىنى ئىشىلتىمىز بەك ياخشى چىقدۇ دانلىق، ئەلنۇرىنىڭ گۈرچى بىلەن پەرقىلەنمەيدۇ دۇكاندىمۇ ئەڭ تىز ماڭدىغان ئۇن ئەلنۇرى
    تىخمۇ تىرشىڭلار ئەلنۇرى شىركىتىدىكىلەر

  • ھامۇت2 ھەپتە ئىلگىرى

    توقسۇندا مەخسۇس سېتىش ئورنى يوق،

  • ئەلنۇرى 09912 ھەپتە ئىلگىرى

    شىركىتىمىزنى قوللىغان خەلقىمىزگە رەھمەت ! خەلىقنىڭ رازىمەنلىكىگە ئېرىشىش بىز ئەلنۇرىلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بىز تېخىمۇ تىرىشمىز .

  • ئالىم3 ھەپتە ئىلگىرى

    قەشقەردىمۇ دۇكانلىرى بارمىدۇ بىلىدىغانلا بولسا دەببەرگەن بۇلساڭلا

  • K@ ¥ěF4 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش يەنە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانلارنىڭ ئۇچۇرلىردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرۇڭلار

  • ئىقبال4 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ ئەلنۇرى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈمۈدىم بار ئىدى، مىنىڭمۇ كىچىك تىپلىق ئۇن زاۋۇتى بار،

  • 我??????1 ئاي ئىلگىرى

    جاپا چەكتىڭلار ئەلنۇرى شىركىتدىكى بارچە ئەزىزلەر ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلا سالامەت ئىشىڭلا تەخمۇ ئۇڭۇشلۇق بولغاي سىلەنى مەڭگۇ قوللايمىز

  • بوتا كوز1 ئاي ئىلگىرى

    ئەلنورى ئونلىرىنى كورلىنىڭ قايسى دوكىنىدىن تاپقىلىقى بولىدو

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号