باش بەت

ئادىلجان

5721يوللانما
4مەستانە

يەر شارىدىكى نېفىتنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىگە قانچىلىك ۋاقىت قالدى؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 11:55 18 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمسىى:

ھازىر دۇنيادىكى نېفىت زاپسى زادى قانچىلىك؟ ھازىرغىچە ئېنىقلانغىنى تەخمىنەن بىر تىرىليون 150 مىليارد تۇڭ. گەرچە بۇ ئىككى يىل ئىلگىرىكى مۆلچەردىن %10 ئارتۇق بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى قېزىش سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، يەر شارىدىكى نېفىت زاپىسى پۈتۈن دۇنيادىكى نېفىت ئىستېمالىنى پەقەت 41 يىل قامدىيالايدۇ. 

دۇنيادىكى نېفىت زاپىسى ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرق، لاتىن ئامېرىكىسى، ياۋروپا، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا تارقالغان. زاپاس مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە ھېسابلىغاندا، زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ ئالدىنقى ئون دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىران، ۋېنسۇئېلا، رۇسىيە (ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى)، مېكسىكا، ئامېرىكا ۋە جۇڭگو. بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، دۇنيادىكى ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ %25تىنى ئىگىلەيدۇ، 90 يىلدىن ئارتۇق قېزىشقا بولىدۇ. ئىراق، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىقلاردىكىنى ئايرىم-ئايرىم 100 يىلدىن ئارتۇق قېزىشقا بولىدۇ. ئامېرىكىدىكىنى نۆۋەتتىكى قېزىش سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىغاندا ئاران 10 يىل قېزىشقا بولىدۇ. 

ئامېرىكا ئېنېرگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە دۇنيادىكى نېفىت تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىكەن، ئەمما 20 يىلدىن كېيىن نېفىت قىس بولۇش مەسلىسىگە دۇچ كېلىدىكەن. گەرچە ئوتتۇرا شەرق يەنىلا ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچى بولۇپ، پارس قولتۇقى دۇنيادىكى نېفىتنىڭ يېرىمى ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەمىنلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما سەئۇدىدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يېڭى نېفىتلىك بايقالمىدى، نۇرغۇن كونا نېفىت قۇدۇقلىرىغا ئاللىبۇرۇن سۇ تولۇپ كەتتى.

دۇنيادىكى نېفىت سەرپىيات سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، 1.6 تىرىليون تۇڭ نېفىت تەخمىنەن 60 يىلدا تۈگەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادىكى نېفىت سەرپىيات سۈرئىتى توختاپ قالماستىن، ئەكسىچە يىلسېرى تېزلەشمەكتە. نۆۋەتتە دۇنيادا ھەركۈنى 71 مىليون تۇڭدىن ئارتۇق نېفىت سەرپ بولىدۇ، بۇ سۈرئەت ھەريىلى %2 ئاشماقتا. مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا، 2050-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى ئاسانلا قازغىلى بولىدىغان نېفىتنىڭ يېرىمى ئىشلىتىلىپ تۈگەيدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىزنىڭ بىرلا يەر شارىمىز بار1 ھەپتە ئىلگىرى

    يەر شارىدىكى نېفىت ھامان بىر كۈنى تۈگەيدۇ،
    جاھاندا مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان بايلىق يوق،
    نېفىت 2050-يىلى تۈگەپ كىتىپ قالسا ھازىرقى ئ‍ېغىر تىپلىق يۈك ماشىنىلىرى نىمە بىلەن ماڭىدۇ؟ كىچىك تىپلىق ماشىنىلارنىغۇ قۇياش ئ‍ىنىرگىيىسى،شامال ئىنىرگىيەسى،تەبئىي گاز ۋە توك ئارقىلىق ماڭدۇرغىلى بولار،ئەمما نېفىتنىڭ ئ‍ورنىغا چوقۇم مەلۇم بىر سۇيۇق يېقىلغۇلىق ئىنىرگىيەدىن بىرنى دەسسەتمىسەك بولمايدۇ.

  • ئىقىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىچىملىك سۇ قۇرۇپ كەتمىسىلا بولاتتىغۇ

  • ئىقىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ يەردە دەۋاتقىنى پەقەت تەبئىي نىفىتنىڭ گىپى.ھازىر页岩油دەيدىغان بىر خىل تىخنىكا بار،يەنى تىخى نىفىتقا ئايلانمىغان تاش مىيىنى خىمىيەدە بىرىكتۈرۈپ نىفىت ئايرىشقا بولىدۇ،تاش مىيىنى كۆپ قىسىم جايدىن قىزىپ چىقىرىشقا بولىدىكەن.ھازىر ئامىركىدىكى بىنزىننىڭ20%مۇشۇنداق تەمىللىنىدىكەن تەنەرخى سەل يۇقىرى بولسىمۇ ئەسلىدىكى نىفىت توشۇشقا كەتكەن توشۇش ھەققى نىفىت ئايرىش ھەققىنى چىقىرىۋەتسە قىممەت توختىمايدۇ.دۇنيادىكى تاش مىيىنىڭ ئومومىي زاپىسى نىفىتتىن نەچچە ھەسسە كۆپ. ئەگەر ئۇنىمۇ ئىشلىتىپ قالسا100يىلغىچە داۋاملىق بىنزىن ئىھتىياجنى قامدىيالايدۇ.نىفىت تۈگىسە بىردىنبىر زىيىنى نىفىت سىتىپ كۈننى قامدايدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىرىمى يوقايدۇ.

  • ئاچچىق1 ھەپتە ئىلگىرى

    40 يىلغىچە ئۆمرۈمىز بولسا نىفىتنىڭ ئورنىنى باسىدىغان يېڭى ئىنىرگىيەنى ئەلۋەتتە كۆرەلەيمىز، ئۇ چاغدا نەۋرىلىرىمىزگە مۇنداق دەيمىز؛ بۇرۇن بىز ياش ۋاقتىمىزدا ماشىنىلىرىمىزغا بېزىن دەيدىغان بىر نەرسىنى قاچىلايتتۇق،ناھايىتى سېسىق پۇرايدىغان، باھاسىىنىڭ قىممەتلىگى تېخى …! يېرىم كۈن ئۆچرەت ساقلاپ بىرمۇنچە پۇلغا ئاران تەستە بىر باك قاچىلاپ ئۈچ كۈن ھەيدىسەك يەنە تۈگەيتتى، بىر ئاي ئىشلەپ تاپقان پۇلىمىزنىڭ يېرىمى ماشىنىنىڭ گېلىغا ئاران يېتەتتى………دىسەك، نەۋرىلىرىمىز ھەيرانلىق بىلەن: بوۋا، نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولىدۇ؟ سەن قېرىغانسىرى تاقا-تۇقا سۆزلەپ ،ئالجىيدىغان بوپقاپسەن …دەپ بىزنى مازاق قىلىپ ئوينايدۇ.

  • ،،،،،،،،1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىفىت تۈگىسە ئۈسۈملۈكتىن ياسايدۇ ،،،،،ياكى خېمىيەلىك بىرىكتۈرۈپ ياسايدۇ ،ھازىرمۇبا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا يېقىلغۇ چېكلەۋاتىدۇ ،،،،
    بەك بولمىسا ھازىر يۈرۈش قىلىۋاتقان توك ئورنىنى ئالىدۇ ،،ماشىنلار ئاساسى جەھەتتىن يۈرۈش،قىلىپ بولدى ،،،،توك ئىنىرگىيەلىك ئايرۇپىلانمۇ سىناق قىلىپ يەرشارىنى ئايلىنىپ ئۇچۇپ بولدى ،

  • گالۋاڭ1 ھەپتە ئىلگىرى

    نېفىت تۈگىسىمۇ تۈگىسە بولاتتى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنى نېفىت،نېفىت تۈگىسە ئاتلار بىلەن ماڭاتتۇق ، قەشقەرگە 1 ئايدا باراتتۇق غۇلجىدىن.

  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىفىت مەلۇم خەزىنىدىن ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىرىلگەن بايلىق، ئۇ خەزىنە مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ ،

  • قوزىچاق «چۇنكى»1 ھەپتە ئىلگىرى

    كۇن نۇرى ئۇرنىنى ئىلۋاتىدىغۇ…ئەنىسرمەڭلار ماۋۇ بىر نەچچڭلار…

  • ئۈمۈت1 ھەپتە ئىلگىرى

    جىڭ رەجەپ توپاقتەك گەپ قىلدىكەن بەزەنلەر، ئوتتۇرا شەرىقتىكى كۈپۈنچە دۆلەتلەر ھازىر مۇشۇ نوختىنى تونۇپ يەتكەچكە پۈتۈن كۈچى بىلەن مائارىپ, پەنتېخنىكا ,يېڭى ئېنىرگىيە، ساياھەتچىلىك، قاتارلىق ساھەگە كۆپلەپ مەبلەخ سېلىپ مۇشۇ بۇيچە كۈچە ۋاتىدۇ، ئۇلار ھازىر بىزنىڭ نەزىرمىزدىكىدەك ھورۇن ,قەلەندەر ئەمەس، ھەم ئۇدۆلەتتىكى بايلارنىڭ ھەممىسلا نىفىت ساھەسىدىلا بارلىققا كەلمىگەن، چۈشەنمەي تۇرۇپ قارسىغا باھا بەرمەيلى، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە ياخشىراق ئويلىنايلى (كىيىنچە مەن قەلەندەر بوپ قالارمەنمۇ دىگەندەك )........

  • تەرەققىيات توختىمايدۇ ...1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەنسىر گىدەك ئىش يوق ئۇ ۋاقىتقىچە نۇرغۇن يىقۇلغىلا مايدىن توكنى يىقىلغۇ قىلىشقا ئالمىشىپ بولىدۇ يەنە تىخى سۇنى يىقىغۇ قىلدىغان تىخنىكىلامۇ كەشىپ قىنىپ بولدى كەلگۇسى 15 يىل ئىچىدۇ توكلۇق ئاپتمۇبىللا 50 پىرسەنتىن ئىشىپ كىتىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号