باش بەت

نۇسرەتگۈل

5937يوللانما
9مەستانە

چولپان يىگىتىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان قىز ئاخىرى ئۇنىڭ زوراۋانلىقلىرىنى ئاشكارىلىدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 13:03 10 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 11-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چىلىلىق ئوقۇغۇچى ۋالېنتىنا (Valentina Henriquez Albornoz) بۇ يىل 23 ياشقا كىردى. تېخى مۇشۇ يېقىنغا قەدەر ھەممە ئادەم ئۇنى مۇكەممەل تۇرمۇشقا ئېرىشتى دەپ قاراپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاندىن باشقا، يەنە بىر داڭلىق ناخشىچى بىلەن يۈرۈۋاتاتتى. بىراق، ئەمەلىيەت بۇنداق ئەمەس، بۇ ساختا كۆرۈنۈشلەر ئارقىسىدا ئۇ خۇددى دوزاختا ياشىغاندەك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى.

ۋالېنتىنانىڭ سابىق ئوغۇل دوستى، 39 ياشلىق كامىلو (Camilo Castaldi) چىلىلىق چولپان، شۇنداقلا مودا مۇزىكا ئەترىتى «Los Tetas»نىڭ ناخشىچىسى. نۇرغۇن ئادەم ئۇنى چۈشىدە بولسىمۇ كۆرۈشنى، تونۇشۇشنى، ھەتتا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، دەل مۇشۇ داڭلىق ناخشىچى بىلەن يۈرۈۋاتقان ۋالېنتىنا قارا باسقاندەك كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدى.

يېقىندا، ۋالېنتىنا سابىق ئوغۇل دوستى كامىلونىڭ زوراۋانلىقلىرىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ ئەمدى ھاقارەت ۋە ئۇرۇپ-تىللاشلارغا بەرداشلىق بەرگۈدەك ھالى قالمىغانلىقتىن پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىدىن خەۋەردار قىلىشنى ئويلىدى. ئاندىن ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە بىر ئوچۇق خەت يېزىپ، بۇ ناخشىچىنىڭ ئۆزىنى قايتا-قايتا خورلىغانلىقى، ئۇرۇپ بەدەنلىرىنى يارا ۋە كۆكلەرگە تولدۇرۇۋەتكەنلىكى، بېشىنى ئېغىر زەخمىلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ھەر قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن يارىدار ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىۋالغانىدى.

ۋالېنتىنا توردا 23 پارچە سۈرەت يوللاپ كامىلونىڭ زوراۋانلىقىنى ئىسپاتلىدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سابىق يىگىتىنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالغانلىقى، بۇلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئىسپىرت خۇمارى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ۋالېنتىنا خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا ياكى دوستلىرىغا ئېيتىشقا پېتىنالمىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ كامىلودىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى، كامىلوغا ياردەم قىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئىسپىرت خۇمارىنى يوق قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتى.

بىراق، بىر قېتىم قاتتىق تاياق يېگەندىن كېيىن ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، سابىق ئوغۇل دوستىنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ: «مەن ئۇنىڭ ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىشىدىن جاق تويدۇم، بەك ھېرىپ كەتتىم» دېدى. كامىلوغا سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. 

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، نۇرغۇن ئادەم «بىز سىزگە ئىشىنىمىز» دېگەن شوئار بىلەن ۋالېنتىنانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەتتا بۇ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى مىچېل باچېلېتمۇ بۇ توغرىسىدا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

كامىلو ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ۋالېنتىنانى روھىي كېسەل بولۇپ قالدى دېدى. ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە: «مېنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۇنى ياكى سابىق قىز دوستۇمنى ئۇرۇپ باقمىغانلىقىمنى بىلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا يازما چىقاردى. بىراق، بەزىلەر ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ئىشەنمىدى. 

گەرچە بۇ ھېكايە تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈردى. پۈتۈن دۇنيادىكى تەخمىنەن %35 ئايال ھاياتىدا جورىلىرىنىڭ ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرايدۇ. بىراق، نۇرغۇن ئاياللار بۇ ئىشنى ئاشكارا ئېيتىشتىن، باشقىلارنىڭ ئىشەنمەسلىكىدىن قورقىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۆلجۈرگەن قىزچاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    شاپ شۇپ بەك قالاقكەنسىز ئىدىيڭىز تېخى ئازات بولماپتۇ سىزنىڭ

  • ئوغۇز1 ھەپتە ئىلگىرى

    س گ نۇرداش بىلەن شاپ شۇ نۇرداش نىڭ گېپىگە راس كۈلۈپتىمە ھا ھا ھا تاياق ھەق كەن بۇ جىنداباشقا پوقىنى يەپ چوڭبولغىنى
    شاپ شۇپ نۇرداش ئېغىربېسىق بۇلۇڭ جۇمۇ ئۇرۇش تالاش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ

  • دارا1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاقىتىدا كاللىسنى ئىشىلەتكەن چىغى

  • ئۈزۈمزار1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇنداقزوراۋان ئادەم بىلەن ياشاپ نىمە قىلىدۇ .يەنە تېخى زەھەر چىكىدىكەن خاتىرجەملىك تىنىچ ئامانلىق بەخىتتۇر .

  • شاپ شۇپ1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماڭا ئوخشايدىكەن ماۋۇ چولپان جۇمۇ ئوغول بالا خو .....!

  • س گ1 ھەپتە ئىلگىرى

    پۇلى با دەپ كەيندىن چۆگلەپ يۈگەندىكىن تاياق ھالال بۇ قىزغىمۇ يابىر ئۆزى بىلەن تەڭ بوسىكەن 16 ياش چوڭ ئادەم بىلەن يۈرەمدۇ سۆزلىسە مۇھەببەتنىڭ چەك چىگراسى ياش چەكلىمسى يوق دەپ قوپىدۇ

  • سۆزمەن.1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۆز قەدرىڭنى ئۆزۈڭ قىلمىسام ، باشقاكىشى
    قىلىپ بەرمەيدۇ.يارايسىز جەسۇر.قىزچاق.،

  • گېنىرال1 ھەپتە ئىلگىرى

    قېنى ھېلىققى ئەسكىنىڭ ئوتى يامان دىگەن ناخشا

  • سەرۋەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    چولپانلارغا داڭلىقلارغا مەستۇ مەستانە بولغان شوھرەتپەرەس قىزلارغا ئ‍برەت بولغىدەك ۋەقەلىككەن

  • تىمتاس1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىشىت ئۇرغۇچىغا ئامراق دەپ، ئايرىلغۇسى يوقكەن تېخى ، ما ئەقىلسىز خۇتۇننىڭ ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号