باش بەت

زورىگۈل

5770يوللانما
24مەستانە

Barclays: ھېچكىممۇ بىر iPhoneغا مىڭ دوللاردىن كۆپ پۇل خەجلەشنى خالىمايدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 15:00 14 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 12-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Barclaysنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، پەقەت %11 زىيارەت قىلىنغۇچى مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ iPhone سېتىۋېلىشنى خالايدىكەن، تېخىمۇ كۆپ ئادەم 582 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ سېتىۋېلىشنى خالايدىكەن، 12 ئايلىق مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ ئېيىغا 48.50 ئامېرىكا دوللىرى تۆلىگەنگە باراۋەر. بۇ ئالمىنىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى نۇسخىدىكى قىممەت iPhoneىغا نىسبەتەن بىر شۇمخەۋەر. ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى ئالما ئابۇنتلىرىنىڭمۇ ئاران %18ى مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ iPhone سېتىۋېلىشنى خالايدىكەن.

بۇرۇنقى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېڭى iPhone 8نىڭ باھاسى 1200~1400 ئامېرىكا دوللىرىغا بېكىتىلىدىكەن. لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ سەۋەبلىك ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ: ئالمىنىڭ ئەڭ قىممەت iPhone 7 Plusىنىڭ باجدىن كېيىنكى باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئالما يەنە iPhone 8 بىلەن تەڭ ساتىدىغان iPhone 7s ۋە 7s Plus ئىككى خىل يانفوننى تەييارلىدى. بۇ ئەڭ يۇقىرى باھالىق iPhone سېتىۋالغۇچى يوق ئابۇنتلارنى جەلپ قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ.

Barclaysنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا «%85 زىيارەت قىلىنغۇچى ئەڭ يېڭى ئەقلىيفون ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىراجەت چىقىرىشنى خالايدىكەن، بۇمۇ يېڭى نۇسخىدىكى ئەقلىيفوننىڭ سېتىلماسلىقىدىكى ئەندىشىنى يوقىتىشقا ياردەم قىلىدۇ» دېدى.

تولۇقلىما مەسىلىسىدە ئالما iPhoneنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئابۇنتلارنى جەلپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ تۈرنىڭ ياردىمىدە ھازىرقى iPhone ئابۇنتلىرى ھەر 12 ئايدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى يانفونغا ئېرىشەلەيدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئومەر1 ئاي ئىلگىرى

    رەمەتللېك جوبېس بۇپ قاغان بوسا باشقېسېغا كۇن يوقتې

  • ئەسكى1 ئاي ئىلگىرى

    مۇساپىرغا بىر بېلەت كەتتى ھە

  • خاسيول1 ئاي ئىلگىرى

    نىمىنداق باللا بۇ تايىنى يوق گەپلەرنى قىپ پاخال قىلماڭلا سىلەر ياخشى دىسەڭلا ياخشى ، يامان دىسەڭلا يامان بولىدىغان نەرسە يوق ، بۇ يەردە قۇرۇق زىرىككىنىڭلارنى چىقىرسىلە خالاس

  • سالمان خان1 ئاي ئىلگىرى

    ئىسمسىز سەن ئىشڭنى قىلە ئۇكەم ساپاسىز پايپىقىڭنى سېتىپ ئۈتۈۋەر قۇتۇ زاپەرلىرىڭلىنى ئىشلىتىپ

  • ئېرشات1 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئاندىريوت دىگەن ئەخلەتكە 2 جى قارمايمەن تىلفۇنۇم ئىغىرلىشىپ قالمىسۇن دىسە ئاندىريوتىن يىراق تۇرغان ياخشى 2 يىلدىن كىنلام يىرگەۈئۇرۇپ چىقىۋەتسىمۇ ئالغان پۇلغا ئىچى ئاغىرمايدىغان تىلفۇن

  • ئىسىمسىز1 ئاي ئىلگىرى

    سالمانخان،،، ئىشىڭنى قىلە ، سەندەك ماڭقىلار بىلەن گەپ تالاشقىدەك يىرى يوق ،،، گەپنىڭ ياخشىسىنى دەپ قويدۇم . تەربىيەنى ياخشى ئالماپسەن. كاللا دىسە پاقالچاق دەيدىغان نىمىكەنسە.

  • سالمان خان1 ئاي ئىلگىرى

    ئىسمسىز نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ تېلفۇن ئالالىغان ئادەمنىڭ ئاتا ئانىسغا يېتىپ ئاشقۇدەك گۆش ئەپ بەگۈچىلىكى با سىز شۇنداق ئۇخشىمامسىز خۇۋېيى ئېلىش ئۈچۈن ئاتا ئانىڭىزنى ئاچ قۇيىدقغان

  • 1 ئاي ئىلگىرى

    موساپىر قاملاشمىغان شىئىرىڭنى يوللىمىغىنە كۈندە مۇشۇ گەپ ماختاپ قويسا بىر نىمە بىردىغاندەك

  • ئىسىمسىز1 ئاي ئىلگىرى

    مەن شۇ سەن كاللاڭدىن كىتىپسە ئىنىم،،،، ئىشۇ كىسەكنى ئالغاندىن چوڭ داداڭنى رازى قىل

  • مۇساپىر1 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىنىڭ ئۇتى يامان

    يامان دەيسەن تىللايسەن
    قىممەت بولغاچ باھاسى
    قىنىلىسەن يا ئالالماي
    ئالمىنىڭ ئۇتى يامان

    يا ياخشىنى تۇتالماي
    يا ئالغانغا چىدالماي
    قىنىلىسەن چىدىمايسەن
    ئالمىنىڭ ئۇتى يامان

    ئاندىرويىتتىن مىڭ ياخشى
    سىستىمىسى بەك راۋان
    چىدىمىساڭ سەنمۇ ئال
    ئالمىنىڭ ئۇتى يامان

    يا بۇنىڭغا يىتەلمەي
    يا يەتكەنلەرنى كۆرەلمەي
    ئالالمىساڭ بۆرەك سات
    ئالمىنىڭ ئۇتى يامان

    چىدىمايسەن قېيدايسەن
    ئىشلەتكەنلەرنى تىللايسەن
    پۇلۇڭ بولسا سەنمۇ ئال
    ئالمىنىڭ ئۇتى يامان

    بىر ئىشلەتسەڭ كىچەلمەي
    يا باشقىغا كۈنەلمەي
    قىممەت بولسىمۇ چىدايسەن
    ئالمىنىڭ ئۇتى يامان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号