باش بەت

Apple

107يوللانما
8مەستانە

مەشھۇر شەخسلەرمۇ ئۆچرەت تۇرۇپ ساقلايدىغان دۇنياغا داڭلىق ماشىنا يۇغۇچى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 23:46 14 ئىنكاس چۈشتى

باش خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇ تورى تەرجىمىسى:

ئاددىي ئىشلارنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالىسا، مۇۋەپپەقىيەت قازانماي ئامال بولمىسا كېرەك.

بىر ماشىنىنى 50 مىڭ يۈەنگە، 64 سائەتتە، ئۈچ كۈندىن يېرىم ئايغىچە يۇيۇش ئەلۋەتتە بىنورمال ئىش، تېخىمۇ بىنورمال بولغىنى، كۆپلىگەن پۇلدار بايلارنىڭ پۇلنى تۇتقاچ ئۆچرەتتە تۇرۇشى. بۇ بايلارنىڭ ساقلاۋاتقىنى، ئەنگىلىيە سۇررېي ۋىلايىتىدىكى ماشىنا يۇيۇش شاھى پائۇل دالتون (Paul Dalton).

2003-يىلى دالتون Miracle Detail ماشىنا يۇيۇش شىركىتىنى قۇرغان. شىركەت دەپ ئاتالغان بىلەن پەقەت دالتون بىر كىشىلا ھەم خوجايىن ھەم خىزمەتكار بولۇپ ئىشلەيتتى. شىركەت قۇرۇلۇپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ داڭقى دۇنياغا پۇر كەتتى، دۇنيادىكى پۇلدار بايلار ئۇنى ئىزدەپ ئۆچرەتتە ماشىنا يۇغۇزىدىغان ھالەت شەكىللەندى؛ پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ باش تېرنېرلىرى، تولغىما ئۇسۇل چولپىنى Rod Stewartمۇ ئۇنىڭ دائىملىق خىرىدارلىرىدىن ئىدى. ھەتتا ئوقۇرى ئۈستۈن پۇلدارلارمۇ دالتوننىڭ ماشىنا يۇيۇش تېخنىكىسىغا گەپ تېپىپ بېرەلمەيدۇ.

كەسپنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغانلىقتىن خەۋەرلىرى گېزىتخانا ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تاتتى. ئاستىدىكى گېزىتتنىڭ پۈتۈن بىر بېتى ئۇلارنى تونۇشتۇرۇش بىلەن تولغان ئىدى.

دالتون ئادەتتە يۇيىدىغان ماشىنىلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىۋىتىدۇ: ئۇ لامبورگىنى، فېررارى، بۇگاتتى Veyron، پاگانى Zonda F، ماكلارىن F1دەك داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلار بىر قېتىم يۇيۇش ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن يۇيۇش ھەققى ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ باھا خېلى قىممەت ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ھەر بىر ھالقىلىرىغىچە قىلغان ئىشلىرىنى كۆرسىڭىز، ئادەتتە بىز دائىم كۆرىدىغان يۇيۇش دۇكانلرىدىن ھەقىقەتەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

لامبورگىنى

فېررارى

بۇگاتتى Veyron

ماكلارىن F1

پاگانى Zonda F

دالتوننىڭ ماشىنا يۇيۇش ئورنى ئالىي دەرىجىلىك تەجرىبىخانىدەك زىننەتلەنگەن بولۇپ، كۆگەن كىشى قالىتىس دەپ ماختىماي قالمايدۇ. 7000 ۋاتلىق مەخسۇس ياسىتىلغان چىراق نۇرى ئاستىدا، ماشىنىدىكى ھەر بىر نۇقسانلارنى «مانا مەن» دەپ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

بىر ماشىنىنى تولۇق يۇيۇپ بولۇش ئۈچۈن 61 ئىش ھالقىسىدىن ئۆتۈش كېرەك، پۈتۈن جەريان 64 سائەتتە تاماملىنىدۇ. ماشىنا يۇيۇشقا ئەڭ تېز بولغاندا ئۈچ كۈن، ئەڭ كىچىككەندىمۇ ئىككى ھەپتە كېتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بارلىق ئىش ھالقىلىرىنى دالتون ئۆز قولى بىلەن تاماملايدۇ.

ماشىنا يۇيۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتتا، باشقا ماشىنا يۇيۇش ئورۇنلىرى ئاللىبۇرۇن ئون نەچچە ماشىنىنى يۇيۇپ بولغان بولىدۇ.

سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ماشىنىنى يۇيۇشتىن بۇرۇن دالتون ماشىنا سىرىغا زىيىنى بولمىغان پلاستېرنى چاپلايدۇ.

دالتون داغ چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يۇيغۇچنىڭ ھەر لىتىرى 520 يۈەن.

ماشىنا يۈزىگە چىچىلغان مازغاپنى ئامېرىكىدىن مەخسۇس ياساتقۇزۇپ ئەكەلدۈرگەن بولۇپ ھەر لىتىرى 720 يۈەن.

ماشىنىلارغا ئىشلىتىدىغان يۇقىرى بېسىملىق سۇ پومپىسىدىكى سۇ بېسمىنى ماشىنىغا لايىق ئۆلچەمدە تەڭشەشمۇ دالتوننىڭ ئون نەچچە يىللىق تەرجرىبىسىدىن كەلگەن.

دالتوننىڭ ناھايىتى ئەستايىدىللىقى بىلەن ماشىنا چاقلىرىنىڭ قول بارمايدىغان بۇلۇڭ-بۇلۇڭلىرىنىمۇ قويماي يۇيۇش بىلەن بىرگە ماشىنىنىڭ ھەربىر ئىچكى زاپچاسلىرىنىمۇ چۇۋۇپ قايتا يۇيىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ بىر پارچە ماگىنىت بىلەن ماشىنىنىڭ ئەتراپىنى چۆگلەپ، ماشىنىغا چاپلىشىۋالغان كېپەكچىلىك تۆمۈرلەرنىمۇ بوش قويمايدۇ.

تازلاش خىزمەتلىرى ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئەڭ ھالىقىلىق باسقۇچ — موملاش. دالتون كەسپى قوراللار بىلەن، بىر قۇر بىر قۇردىن ئالتە تەرەپنى چالا قويماي موملاپ چىقىدۇ.

ئىشلەتكەن موم شىۋېتسارىيەنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كىرىستال مومى بولۇپ، بۇ موم دۇنيادىكى پالما مېيى مىقدار ئەڭ كۆپ موملارنىڭ بىرى، سېتىلىش باھاسىمۇ 86 مىڭ 669 يۈەن ئىدى.

دەسلەپكى قېتىملىق موملاشتىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم موملايتتى، دالتون مۇنداق دەيدۇ: «قول بىلەن سىلىغان چاغدا ئىسسىق سېزىم بولغاندا، ئاندىن ماشىنىنىڭ ئۈستىگىچە تەكشى دەزماللايمەن.»

ئۇنىڭ ماشىنا يۇيغاندىكى يېرىم ئولتۇرۇش ھالىتىنى كەسىپكە ئوتتەك قىزىقىشى يوق ئادەم ھەرگىزمۇ دورىيالمايدۇ.

سىرتقى قىسمى تۈگىگەندىن كېيىن ئىچكى زىننەتلەنگە قىسىملىرىنى تازلايدۇ، ئەينەكنىڭ ئىچكى قىسمى، تۈڭلۈك، گىلەم ۋە باشقا بۇلۇڭ-بۇلۇڭلارنىمۇ چالا قويماي سۈمۈرتىدۇ. بۇ جەريانغا ئىشلەتكەن سۈمۈرگۈچ دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ماركىنىڭ بولۇپ، باھاسى 20 مىليون يۈەن ئىدى.

تېرە يۈزىنى ئاسراش ھەم مايلاشتا، كىچىككىنە ئېرىقچىلىرىنىمۇ قولىنىڭ ئۇچىدا قىلمايدۇ.

ھەممىسى تۈگىگەندىن كېيىن دالتون قولدا ئېلىپ يۈرىيدىغان مىكروسكوپ بىلەن ماشىنىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭلىرىغىچە سىكانىرلاپ، ماشىنىدا زېدە بار-يوقلىقىنى ئىزدەيدۇ.

زېدە بار يەر تېپىلغان ھامان، دالتون لوپا ئەينەك بىلەن يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي تەكشۈرىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، ماشىنىغا سۇ چىچىپ، سۇنىڭ قېچىشنى كۆزىتىدۇ، سۇ سەكرىگەندەك ئاققان چاغدا بىر ماشىنىنىڭ يۇيۇش خىزمەتلىرىنىڭ تولۇق تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

ھەربىر ماشىنىنىڭ ئاسراش خىزمەتلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، دالتون ئۆز تارتىم سۈرىتىگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدۇ. ئۇ ھەر قېتىم ئەينەكتەك ماشىنا گەۋدىسىدىن ئۆزىنى كۆرگەندە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندەك تۇيغۇغا چۆمدۇ.

دالتون ھەر قېتىم دۇنيادىكى چەكلىك مىقدارىدىكى داڭلىق ماشىنىلارنى يۇيغاندا، رەسىمگە تارتىپ، دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ دوستلىرى بىلەن تەڭ بەھىرلىنىدۇ.

دالتوننىڭ بۇ داڭلىق ماشىنلارنى يۇيغانلىق خەۋىرى تارقىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بايلار ئۇ ئارقىلىق ماشىنا يۇغۇزۇشقا باشلىغان. بايلارغا نىسبەتەن پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئامراق ماشىنىلىرىنى يۇيۇپ بەرسە 50 مىڭمۇ ھېچقانچە گەپ ئىدى. دالتوننىڭ دۇكىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن زاكاس تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، دالتون ئۆزى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ.


دالتوننىڭ ئېيتىشچە، ئۇ 13 يشىدىن باشلاپ ماشىنا يۇغان بولۇپ، دەسلەپتە باشقىلارغا شاگىرتلىققا كىرىپ ماشىنا يۇيۇشنى ئۆگەنگەن، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۇ بۇ تاللىشىدىن ۋاز كېچىپ باقمىغان. يېقىنلىرى ئۇنىڭ بۇ تۆۋەن قاتلامدىكى خىزمىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئېيتقاندا ئۇ رەت قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ : «ماشىنا يۇيۇۋاتقىنىمغا 30 يىل بولدى، مۇمكىن بولسا يەنە 30 يىل يۇيسام دەيمەن. مېنىڭچە كىچىك كەسىپنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ئانچە ئاسان ئەمەس» دېدى.

نۇرغۇن كىشىلەر ماشىنا يۇيۇشنى تېخنىكا تەلىپى يوق، تۆۋەن قاتلامدىكى كەسىپ دەپ قارايدۇ، بىراق دالتون بۇ ئاددىي ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ، كىچىك سانالغان كەسىپنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كەسىپكە ئايلاندۇرالىدى. چۈنكى ۋايىغا يەتكەن ئىشنىڭ قىممىتى چەكسىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 警丶祖力4 ئاي ئىلگىرى

    بىر ئېغىز گەپ: جاپانىڭ تېگى راھەت.......

  • يەكەن4 ئاي ئىلگىرى

    ئسكەندەر،شالى ماشىناڭلىنى يۇغۇزۇپ كەلگىچە يىڭىنى ئىلىڭلا ،5شالى ماشىنا كىلىدىكەن بىر قىتىم يۇغۇزغان پۇلۇڭلىغا

  • ماشىنا4 ئاي ئىلگىرى

    ئىسمى دالتون. قولى گۈل ئالتۇن. ئىكەندە بۇ بالاڭزى.

  • ئاتامان4 ئاي ئىلگىرى

    كەسىپنى سۆيۈشنىڭ نېمىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدۇردۇڭ دالتون، قايىل بولدۇم، ھەربىر بۇلۇڭ پۇچقاقنىمۇ قول ئۇچىدا قىلمايدۇ دېگەن سۆزلا ھەممىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

  • ئسكەندەر4 ئاي ئىلگىرى

    مەن 2004.يىلنىڭ شيالى ماشىنامنى ئاپىرىپ يۇيغۇزۇپ كىلەيمىكىن

  • ئابدۇرېھىم4 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىل ھەر قانداق بىر ئىشنى سەۋىرچانلىق بىلەن ۋايىغا قىلش كىرەك

  • قالتىس4 ئاي ئىلگىرى

    بەك قالتىسكەن جۇمۇ بۇ ئادەم ، قاراپ قاراپ قاراپ ھەيران بولدۇم

  • بوران4 ئاي ئىلگىرى

    كەسىپنى قىلىش بىر گەپ شۇ كەسىپنى سۆيۈش بىر گەپ ،

  • 59dum4 ئاي ئىلگىرى

    مەزمۇننى مەن بىر يىغىنچاقلىۋېتەي: ھەرقانداق كىشى قانداقلىكى ئىش قىلسۇن ئۆزكەسپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالىسا شۇ ئەڭ قالتىس

  • قەشقەچى4 ئاي ئىلگىرى

    پۇرسەت بوسا شاگىتلىققا چىرەكەنمە مەنمۇ خىرىدارلانىڭ ماشىنىسنى پاۋگاڭ قىپ بولاپ پىچەت يۇيۇي سىرىدا ئۆزەمنى رەسىمگە تاتىپ ساقلاپ قويىمەن بەزى ئۇستام بولدى ئۇنچە يۇيساڭمۇ يەدە ھەيدەيدۇ بۇنى دەپ قويىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号