باش بەت

مەستان

245يوللانما
5مەستانە

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئاجايىب «كەلگۈسى شەھەر» تەسەۋۋۇرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 17:30 24 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىتالىيە لۇكا كۇرچى قۇرۇلۇش ئىش بېجىرىش ئورنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىگە كەلگۈسى شەھەر رايونى لايىھەلەپ بەرگەن. لايىھە رەسىمىدىكى قۇرۇقلۇقتىكى ھەرە ئۇۋىسى شەكلىدىكى تۇرار جاي ۋە دېڭىزدىكى ھىلال ئاي شەكىللىك تۇرار جاي كۈچلۈك كەلگۈسى پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ، كىشىنىڭ كۆزىنى ئىمىر-چىمىر قىلىۋېتىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگى تەخمىنەن 963 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىنغا بەش دانە ھەرە ئۇۋىسى شەكلىدىكى تۇرار جاي ۋە بەش دانە ھىلال ئاي شەكىللىك دېڭىزدىكى تۇرار جاينى سالماقچى بولغان. قۇرۇقلۇقتىكى ھەرقايسى قۇرۇلۇش ئوخشىمىغان ئېگىزلىككە سېلىنغان باغچە ۋە كوچىلار ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدىكەن؛ بەك يىراق بولمىغان يەردىكى ھىلال ئاي شەكىللىك دېڭىز يۈزىدىكى قۇرۇلۇش قۇرۇقلۇققا يېقىن بولغان جايدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش 457 مېتىرغا يېتىدىكەن.

بۇ قۇرۇلۇش 150 مىڭ كىشى ئۈچۈن تۇرار جاي شۇنداقلا، مېھمانخانا، ئىشخانا، ماگىزىن، ساغلاملىق مەركىزى قاتارلىق باشقا ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ھازىرلاپ بېرەلەيدىكەن. لۇكا كۇرچى قۇرۇلۇش ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دېيىشىچە، بۇ لايىھەنىڭ مەقسىتى كىشىلەرگە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، ئۇچرىشىدىغان، ئۆگىنىش خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلىپ بېرىپ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى سەھنە ھازىرلاش ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • خاسيول2 ئاي ئىلگىرى

    خەخنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن باشقا ئىش يوقما باللا ، يا ئۆزى قىلالمىغان ، يا خەخنى كۆرەلمىگەن

  • مىرزا ھەيدەر2 ئاي ئىلگىرى

    بىر كۈنلەردە دىگەن تورداش ئاۋال ئاشۇ ماشىنلارنىڭ باھىسىنى كۈرەپ بېقىپ ماڭا تەۋسىيە قىلىڭ بىر مىليونغا بىردىغان ماشىنما شۇ

  • مىرزا ھەيدەر2 ئاي ئىلگىرى

    توۋا ئادەملەگە ھەيران مەن دادام تۈگەپ كەتكىلى 10يىل بولدي بەش يىل ئاشپەزلىك ناۋايلىق ئۈگەندىم ئىككى يىل ئىشلەپ پۇل يىغدىم ئۈچ يىل شاڭخەيدە كاۋاپچىلىق قىلدىم مانا پۇلۇم مىليوندىن ئاشتي بەك قىسقا تومتاق دەپ بەردىم لىكىن بۇ 10يىللىق جاپايىمغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ شۇڭا بەزەن بىر نادان تورداشلا بىلمەي سۆزلىمەڭلا بەك ئىچىڭلا قوتۇركەن سىلەرگە ئىچىم ئاغرىدي سەمىيمى ھال سۇرايمەن

  • ئارىفە2 ئاي ئىلگىرى

    مەن سەئۇدى توغورسىدا گەپ چىقسا بەك قىزىقىمەن...مىنىڭ ساياھەت قىلىپ دۇبەيگە بىر بىرىپ باققۇم با...ئۇيەنى شۇنچىلىك گۈزەل ھەم پاكىزە دەپ ئاڭلىدىم...

  • ئارىفە2 ئاي ئىلگىرى

    نىمانچە ئىچى قوتۇردۇ بەزەنلەنىڭ...پۇل تاپقاننى كۆرەلمەي بىرنىمە دەپ باققان

  • تۇرانقۇت2 ئاي ئىلگىرى

    يەرشارىنىڭ قۇياش سىستىمىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ساقلاش رولى قانچىلىكتۇ، يەرشارى ھالاك بولسا، قۇياش سىستىمىسىنىڭ مۇۋازىنىتى تەسىرگە ئۇچرىمامدىغاندۇ، مارىسقا ئۇۋا سالغاننىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى باردۇ، ھىچنىم بىلمەيدىكەنمىز، مۇشۇ كاللىنى مۇشۇ پېتىلا ئېلىپ كىتەمىزما، غەم قىپ قالىمەندە ئۆزەمچە

  • گۇيى2 ئاي ئىلگىرى

    مىرزا ھەيدەر راس شۇنچە كۆپ پۇلىڭىز بارما ئەمدى 21گە كىرىپ سەرگۈزەشتىڭىزنى دەپ بىرەمسىز

  • yilpiz62 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلارنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى كاتتا شىركەتلەرگە سالغان مەبلىغى ئازما؟
    پۇل بولسا ھازىرقى يېڭى ئنىرگىيىلىك ئاپتومۇبىللارنى ئۇلارمۇ بىزمۇ ئىشلىتەلەيمىز. نېفىت بولمىسىمۇ. توغرا تەپەككۇر قىلايلى....

  • تاركان2 ئاي ئىلگىرى

    ئەرەپلەر ئۇچۇشنى بىلپ چۈشىشىنى بىلمەي قېلۋاتىدۇ ئەينى زاماندا چارۋېچىلىق گۈنلەنگەندە ئەرەبلەر قېنىغا پاتمىغان ھالا جاھان تەرەققى قىلىپ ئەرەبلەر تەرەققى تاپقان ياۋرۇپا دۆلەتلىرى تەرپىدىن شاللىۋېتىلگەن بۇلار يەنە ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتتى ،

  • غېنى سەلەي2 ئاي ئىلگىرى

    بۇۋاينىڭ سۇزى ئ‍ۇرۇنلۇق ،،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号