باش بەت

ئىدىقۇت887

6901يوللانما
12مەستانە

كۆكرىكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى پالەچ بولۇپ قالغان ئايال 7 قىتئەنى ئايلىنىپ چىقماقچى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:20 3 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيىسى ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 46 ياشقا كىرگەن مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئايال ماھىرى كارېن دارك (Karen Darke) بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى قىياغا يامىشىشتا ئېغىر يارىلىنىپ، كۆكرىكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى پۈتۈنلەي پالەچ بولۇپ قالغان. لېكىن بۇ كېلىشمەسلىك كارېننىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىنى توسۇپ قالالمىغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ چەكلىمىسىز تەۋەككۈلچىگە ئايلىنىشتىن ئىبارەت ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا سەۋەب بولالمىغان. كارېنغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر جاي ئۇنىڭ سەپىرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولالمايدىغان بولۇپ، ئۇ دائىم سەپەر ئۈستىدىلا يۈرۈيدىغان بولۇپ، پات ئارىدا 7 قىتئەنى ئايلىنىش سەپىرىگە ئاتلانماقچى.

كارېن 2016-يىللىق رىئودى ژانىيرو مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا «روھىي جەھەتتىن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشىش، نىشانىنى ئېنىق بېكىتىش، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندە بارلىق ئېھتىماللىقلارنى بايقاش» ئەڭ قىممەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كارېن يەنە داۋاملىق تۈردە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆز يېنىدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان ئالاھىدە ياسالغان مېيىپلار ۋېلىسپىتى ئارقىلىق ھىمالايا تېغىدىن تارتىپ گىرىنلاند ئارىلىغىچە بولغان، باشقا كىشىلەر يېتىپ بارالمايدۇ دەپ قارىغان جايلارنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ بولغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى رىئودى ژانىيرو مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ۋە پاتاگونىيە (Patagonia) ئادەمسىز رايونىغا بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تەۋەككۈلچىلىكنى تاماملىغان. ھازىر ئۇ يەنە كانادادىن مېكسىكىغا ۋېلىسپىت مىنىپ بېرىشتىن ئىبارەت  3000 كىلومېتىرلىق تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلىنىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.

 

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە مېيىپلار ۋېلىسپىتىگە مىنىپ جەنۇبىي قۇتۇپقا بېرىش ياكى 2020-يىللىق توكيو مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى پىلان قىلماقتا. بۇ ئاڭلىماققا ناھايىتى ئوڭايدەك، ئادەمنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن كارېنغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا تاماملاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. كارېن 21 ياشقا كىرگەن يىلى شوتلاندىيىدىكى قىياغا يامىشىش پائالىيىتىدە تىك قىيادىن يېقىلىپ چۈشۈپ باش سۆڭىكى، بويۇن قىسمى ۋە مۈرىسى، دۈمبە قىسمى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان. ئۈچ كۈن ھوشسىز ياتقاندىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ كۆكرىكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ پۈتۈنلەي پالەچ بولۇپ قالغانلىقىنى، قالغان ئۆمرىنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:«مەن ئەينى چاغدا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت سۈكۈت ئىچىدە چۆكۈپ ئولتۇرۇپلا قالدىم، مەن ئۆزۈمنىڭ ھوشۇمغا كەلمەي، رەھىمسىز رېئاللىققا يۈزلەنمەي يېتىپ قېلىشىمنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم».

لېكىن ئۇ كېيىن ئۆز ئەتراپىدا ھەتتا ئۆزىدىنمۇ چوڭ كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغان، ئۆزىدىنمۇ بەختسىز كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن دوستىنىڭ قىياغا يامىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپ قازا قىلغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن:«مەن يەنىلا تەلەيلىك ئىكەنمەن، مەن نېمىلا دېگەن بىلەن يەنىلا ھايات، شۇڭلاشقا مەن تىرىشىپ ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك» دېگەن قارارغا كەلگەن. كارېن ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ساياھەت قىلغاندا «زامانىۋى تۇرمۇشتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلاردىن يىراق تۇرغىلى» بولىدىغانلىقى شۇنداقلا «ئىپتىدائىي ھالەت»كە قايتىپ نوقۇل ھالدا ئىپتىدائىي ھالەتتىكى چۆل-جەزىرىلەرنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:«مېنىڭچە، سىز دالىغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن ئۆزىڭىزمۇ تۇيمىغان ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن مەنزىرىلەرنى كۆرۈشكە ئىنتىلىدىغان، قۇياشنىڭ ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈپ چىققانلىقىنى كۆرگىڭىز كېلىدىغان بولۇپ قالىدىكەنسىز، لېكىن بۇ مەنزىرىلەرنى بىزنىڭ زامانىۋىلىققا تولغان شەھەر تۇرمۇشىمىزدا ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.»

كارېننىڭ پالەچ بولۇپ قالغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىكى بولسا 1997-يىلى قول خوتلۇق ۋېلىسپىت مىنىپ قازاقىستاندىن پاكىستانغىچە بولغان يېپەك يولى بۆلىكىنى ئايلىنىپ چىقىش بولغان. بۇ قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىك سەپىرى يەنە كارېننىڭ ھازىرغىچە ئەڭ پەخىرلىنىدىغان بىر قېتىملىق ساياھىتى ئىدى. «مەن ھەر قېتىم تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلانغان چېغىمدا ھەر خىل غەم-ئەندىشىلەرگە ھەم قورقۇنۇچقا چۆكۈپ كېتىمەن، چۈنكى سەپەر جەريانىدا سىز ئويلاپمۇ باقمىغان ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، بۇ خىل سەپەر ھەمىشە چەكسىز تەۋەككۈلچىلىككە تولغان بولىدۇ». كېيىن ئۇ تەۋەككۈلچىلىكنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەۋرىشىملىككە تولغان بولىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق ئىشنى ئالدىن پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. لېكىن تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىدىكى ئەڭ قىيىن ئىش بولسا ياخشى بولغان ساغلاملىق ھالىتىنى ساقلاپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىدە ياخشى بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ساقلاش شۇنداقلا يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ناھايىتى مۇھىم.

كارېن 2012-يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەينى چاغدا يەنە تۆت يىلدىن كېيىن رىئودى ژانىيرودا ئۆتكۈزۈلىدىغان مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە ئۆز ماھارىتىنى قايتا نامايەن قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. لېكىن كارېن 2013-يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن مەشىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. 2015-يىلى كۆرۈلگەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئىشنى تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كارېننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىنى توسۇپ قالالمىغانىدى. «مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمنىڭ سەۋەبىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيۋاتىمەن، لېكىن ماڭا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەن بىر نىشاننى بېكىتكەن ئىكەنمەن، چوقۇم بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن، يەنە كېلىپ مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنى ياخشى قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىمغا تولۇق ئىشىنىمەن».

ئۇ يەنە «تەۋەككۈل 79» ناملىق بىر تۈرگە قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر تۈرگە قاتناشقان 9 نەپەر تەۋەككۈلچىنىڭ ھەممىسى قول خوتلۇق ۋېلىسپىت مىنىپ 7 قىتئەنى ئايلىنىپ چىقماقچى. بۇ تۈر ئاساسلىقى خەير-ساخاۋەت ئورگىنىغا ئىئانە توپلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماھىرلارنىڭ قەيسەرلىك بىلەن رىقابەتنى قۇبۇل قىلىشىغا ئىلھام بولاتتى. كارېننىڭ قارىشىچە، بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىزغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ سەۋەب بەدەن ساغلاملىقى بولماستىن بەلكى ئۆزىمىزدىكى قورقۇنچاقلىق ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:«بىزنىڭ كەيپىياتىمىز ئادەتتە ئوي-خىيالىمىز بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزغا زەن سېلىپ قارايدىغان بولساق، ئىچكى دۇنيايىمىزغا ماس ھالدا كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. مەن ئۆز ئىچكى دۇنيايىمغا كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق ئىچكى دۇنيايىمدىكى ئوي-خىياللىرىمنى ئاكتىپ ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇشنى ئاللىقاچان ئۆگىنىۋالدىم. مەن ئۆزىمىزنىڭ ھەر خىل ئۇسۇل ۋە شەكىللەر ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان شۇنداقلا باشقىلارغا ئىلھام-مەدەت بولالايدىغانلىقىمىزغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېلى شېيىق3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن جاسارەتلىك ئايال ئىكەن ئاپىرىن ساڭا

  • ئەلپىدا4 ئاي ئىلگىرى

    ھىلىمۇ پالەچ بولۇپ قاپتىكەن ، بولمىسا ھەممە يەرلەرگە چىقىپ باقىدىكەنتۇق

  • ئوۋچى4 ئاي ئىلگىرى

    ئۆزى مىيىپ بولسىمۇ روھى مىيىپ ئەمەس كىشلەرگە ئالقىشلار بولسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号