باش بەت

نۇسرەتگۈل

5937يوللانما
9مەستانە

شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدە ياشايدىغان نورۋېگىيەلىك قىزنىڭ يالغۇز تۇرمۇشى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 18:23 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نورۋېگىيەلىك قىز ئېمىلىي بىر فوتوگراف. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلىرىنى تارتىش ئۈچۈن 8 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. سۈرەتتىكى ھەر بىر ئورۇنغا ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا بېرىپ باققانىدى.

ئېمىلىي شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدىكى بىر كىچىك ئارالدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئارالدا ئاھالە ناھايىتى ئاز ئىدى. بىراق، ئۇلارمۇ كېيىنچە باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەتتى. ئېمىلىي ئائىلىسىنىڭ يالغۇز پەرزەنتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ پېشانىسىگە يالغۇزلۇق پۈتۈۋېتىلگەندەكلا بىلىنىدۇ. ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئانچە كۆپ باشقۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۆزى قىزىققان ساھە بويىچە ئىزدىنىشىگە يول قويىدۇ.

يېتىلىش مۇھىتى سەۋەبىدىن ئېمىلىي ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ھاياتلىق توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدى. كېيىنچە فوتوگرافلىق بىلەن ئۇچرىشىپ، كامېراسى ئارقىلىق ئوي-پىكىرىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشتىكى يالغۇزلۇقنى باش تېما قىلغان بولۇپ، بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يالغۇز ئۆزىلا بار.

ئېمىلىينىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئادەمگە خۇددى ۋاقىت توختاپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، شۇنداقلا چوڭقۇر ئويغا پاتقۇزىدۇ.

ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئۆزىگە نۇرغۇن ئىلھام ئاتا قىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈشلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھازىر ئېمىلىي گەرچە لوندوندا تۇرسىمۇ، ئەمما پات-پات ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جايغا بېرىپ يالغۇز تۇرۇپ كېلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىرخىل ياقتۇردۇم ،خىياللىرىم يىراقلارغا كەتتى .

  • ئەسكى1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنداق يالغۇز يۈرگىچە مەن بىلەن تونۇشۇپ قالسا بولاكەن

  • ئالما1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ تۇنۇشقۇم كلدى مەن ياكتۇردۇم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号