باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2625يوللانما
8مەستانە

پېرۇ ھۆكۈمىتى ۋېنسۇئېلانىڭ پېرۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 18:02 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاۋغۇست پېرۇنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھۆكۈمەتنىڭ ۋېنسۇئېلانىڭ پېرۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالفېردو مارارونى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىش ۋاقتىنىڭ بەش كۈن ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ۋېنسۇئېلا مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ «دېموكراتىك تەرتىپنى ئۈزۈپ قويغان» لىقىغا قارشى تۇرۇشكەن.

پېرۇ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى قارارنى جاكارلىغان ھەمدە پېرۇنىڭ مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ لىما باياناتىغا تاپشۇرغان ئېتىراز بىلدۈرۈش نوتىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، چۈنكى مەزكۇر نوتىدا« قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سۆزلەر» باركەن. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، پېرۇ ھۆكۈمىتى ۋېنسۇئېلادا دېموكراتىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىكەن.

8-ئاۋغۇت، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى پېرۇنىڭ لىمىدا ئېچىلغان، يىغىندا 17 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ھەممىسى مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ «دېموكراتىك تەرتىپنى ئۈزۈپ قويغان» لىقىنى بىردەك ئەيىپلىگەن، شۇنداقلا ۋېنسۇئېلا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ۋېنسۇئېلا دۆلەت مەجلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋېنسۇئېلا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى سايلىمى ئۆتكۈزگەن، 4-ئاۋغۇست ۋېنسۇئېلا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى رەسمىي قۇرۇلغان. مادۇرو ھۆكۈمىتى مەزكۇر يىغىن ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىشنى ھەمدە ئۆكتىچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى ئۈمىد قىلغان، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئۇلار بۇنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دېگەن.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، پېرۇ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋېنسۇئېلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ «دېموكراتىك پىرىنسىپقا خىلاپ» بىر قاتار تەدبىرلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号