باش بەت

مەستان

245يوللانما
5مەستانە

نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ ۋە سىچۈەندە يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 18:04 4 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرلۇق تورى 9-ئاۋغۇست خەۋىرى، جۇڭگو يەر تەۋرەش قانىلى تورىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىچە، 8-ئاۋغۇست بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇجەيگوۋ ناھىيەسىدە 7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر بولغان. 9-ئاۋغۇست بېيجىڭ ۋاقتى 7دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 11 كىلومېتىر بولغان.

بۇ قېتىم، سىچۈەن بىلەن شىنجاڭنىڭ يەر تەۋرىگەن ۋاقىت ئارىلىقى ناھايىتى قىسقا بولغان، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى رايون ئوخشاشلا يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونغا جايلاشقان، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نېمە ئۈچۈن يەر تەۋرەش يۈز بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك.

يەر تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلمىلىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر خىل يەر تەۋرەش تۈرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىك يەر تەۋرەشنىڭ %90نى ئىگىلەيدۇ. قۇرۇلمىلىق يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى مۇنداق:

پۈتۈن دۇنيانىڭ يەر پوستى ئالتە بۆلەككە ئايرىلغان: ئاتلانتىك ئوكيان بۆلىكى، ياۋرو-ئاسىيا بۆلىكى، ئافرىقا بۆلىكى، ئامېرىكا قىتئەسى بۆلىكى، ھىندى ئوكيان بۆلىكى ۋە ئانتراكتىكا بۆلىكى قاتارلىقلار، بۇ بۆلەكلەر توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەر قېتىم ھەرىكەت قىلغاندا گاھى چوڭ گاھى كىچىك يەر تەۋرەشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككى چوڭ يەر تەۋرەش بەلبېغى بولغان تىنىچ  ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلبېغى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا يەر تەۋرەش بەلبېغىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، تىنچ ئوكيان بۆلىكى، ھىندىستان بۆلىكى ۋە فىلىپپىن دېڭىز بۆلىكىنىڭ قىسىشىغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، يەر تەۋرەش ئۈزۈلۈش بەلبېغى ناھايىتى جانلىق. دۆلىتىمىزدىكى يەر تەۋرەش پائالىيىتى ئاساسلىقى بەش رايوندىكى 23 يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان. بۇ بەش رايون بولسا:1. تەيۋەن ئۆلكىسى ۋە ئەتراپتىكى دېڭىز رايونلىرى؛ 2. غەربىي جەنۇب رايونلىرى، ئاساسلىقى شىزاڭ، سىچۈەننىڭ غەربى ۋە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى؛ 3. غەربىي شىمال رايونلىرى، ئاساسلىقى گەنسۇ-خېشى كارىدورى، چىڭخەي، نىڭشيا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالى قىسمى؛ 4. شىمال رايونلار،ئاساسلىقى تەيخاڭشەننىڭ ئىككى تەرىپى، فېنۋېي دەريا ۋادىسى، يىنشەن-يەنشەن بەلبېغى، شەندۇڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە بوخەي قولتۇقى؛ 5. شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايونلىرى. دۆلىتىمىزدىكى تەيۋەن ئۆلكىسى تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان، شىزاڭ، شىنجاڭ، يۈننەن، سىچۈەن، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەر ھىمالايا-ئوتتۇرا دېڭىز يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان، باشقا ئۆلكىلەرمۇ باغلىنىشلىق يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان.

شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سىچۈەن بىلەن شىنجاڭ بىردەك ھىمالايا تېغى-ئوتتۇرا دېڭىز يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەر تەۋرەش بەلبېغى يەنە «ياۋرو-ئاسىيا يەر تەۋرەش بەلبېغى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىقى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تارقالغان بولۇپ، ھىندونوزىيەدىن باشلىنىپ، جەنۇبىي يېرىم ئارالنىڭ غەربىدىن ۋە دۆلىتىمىزنىڭ يۈننەن، گۈيجۇ، سىچۈەن، چىڭخەي، شىزاڭ رايونلىرىدىن، شۇنداقلا ھىندىستان، پاكىستان، نىپال، ئافغانىستان، ئىران، تۈركىيە ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئازور تاقىم ئاراللىرىغىچە سوزۇلغان. ياۋرو-ئاسىيا ئىككى قىتئەدىن ئۆتۈپ، ئافرىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىغىچە سوزۇلغان.

ياۋرو-ئاسىيا يەر تەۋرەش بەلبېغى قويۇپ بەرگەن يەر تەۋرەش ئېنېرگىيەسى پۈتۈن يەر شارى يەر تەۋرەش ئېنېرگىيەسىنىڭ %15تىنى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىقى تېيىز قاتلامدىكى يەر تەۋرەش ۋە ئوتتۇرا قاتلامدىكى يەر تەۋرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چوڭقۇر قاتلامدىكى يەر تەۋرەش كەمچىل. ئۇنىڭدىن باشقا %5 ئېنېرگىيە دېڭىز قىرى يەر تەۋرەش بەلبېغىدا قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ يەر تەۋرەش بەلبېغىمۇ يېقىنقى زامان يەر پوستى ھەرىكىتى جانلىق يەر تەۋرەش بەلبېغى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ يەنە بىرقانچە بۆلەكلەرگە ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستاننىڭ شىمالىي مۇھىم بىر بۆلەك بولۇپ «ھىمالايا يەر تەۋرەش بەلبېغى» دەپ ئاتىلىدۇ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 2400 كىلومېتىر كېلىدۇ.

شىنجاڭنى مىسالغا ئالساق، شىنجاڭ ھىندىستان قۇرۇقلۇقى ۋە ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقى سوقۇلغان ئالدى گىرۋەك رايونىغا تەۋە. شىنجاڭدا بەش چوڭ يەر تەۋرەش بەلبېغى بار بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ: ئالتاي يەر تەۋرەش بەلبېغى، شىمالىي تەڭرىتاغ يەر تەۋرەش بەلبېغى، جەنۇبىي تەڭرىتاغ يەر تەۋرەش بەلبېغى، غەربىي قاراقۇرۇم تېغى يەر تەۋرەش بەلبېغى ۋە ئالتۇنتاغ يەر تەۋرەش بەلبېغى قاتارلىقلار.

شىنجاڭ رايونى ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇق بىرلەشكەن قىسىمدىكى يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان، بۆلەكلەر ھەرىكەت قىلغاندا يەر تەۋرەش يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىككى رايون خۇددى كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئوخشاش سوقۇلۇشتا ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرايدۇ، يەر پوستى ھەرىكىتى ناھايىتى كەسكىن، ئېنېرگىيەنىڭ توپلىنىشى ھەممىدىن تېز، شۇڭلاشقا يەر تەۋرەشمۇ ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈچلۈك ئۆرلەپ چىققان تاغ تىزمىسى ۋە نىسبەتەن تۆۋەنلىگەن ئويمانلىقنىڭ تۇتاشقان بەلبېغى بولغاچقا، قۇرۇلما ھەرىكىتى قاتتىق، مۇرەككەپ، ئېنېرگىيەنىڭ توپلىنىشى ئوخشاشلا تېز. شىنجاڭدىكى چوڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ جايدا يۈز بېرىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ غەربىي ئۈزۈلگەن بۆلىكىگە توغرا كېلىدۇ. ھىندىستان-پاكىستان ئىككىلەمچى قۇرۇقلۇق بۆلىكى شىمالغا قاراپ ھەرىكەت قىلىپ، دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەكشى بولمىغان سوقۇلۇش، قىسىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز چېگرا ئىچىدىكى تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇب شىمال قىرغىقى ئارىسىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق شۇڭغۇما بەلبېغىنى شەكىللەندۈرگەن، ئاساسلىقى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي قىرىدىكى يايسىمان تاغ ھاسىل قىلىش بەلبېغى، تەڭرىتاغ تاغ ھاسىل قىلىش بەلبېغى ۋە ئالتاي تاغ ھاسىل قىلىش بەلبېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇشۇنداق ئالاھىدە مۇھىت قۇرۇلمىسى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتچانلىق نەتىجىسىدە ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدا غەربىي قاراقۇرۇم، تەڭرىتاغ ۋە ئالتۇنتاغدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق يەر تەۋرەش بەلبېغى شەكىللەنگەن، بۇ ئامىللار يەنە شىنجاڭ رايونىدىكى يەر تەۋرەش ۋەقەلىرىنىڭ «كۆپ تەۋرەش، كۈچلۈك تەۋرەش» ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شىنجاڭنى ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق يەر تەۋرەش رايونىغا ئايلاندۇرغان، شىنجاڭدىكى بۇ ئۈچ ئاساسلىق يەر تەۋرەش بەلبېغى ئىچىدە تەڭرىتاغ يەر تەۋرەش بەلبېغىنىڭ تەھدىت كۈچى ئەڭ زور.

باش سۈرەت تاللاش x
  • زامان2 ئاي ئىلگىرى

    تىلسىم ماڭىمۇ شۇنداق دەيتتى،،،،،

  • كۆكنۇر2 ئاي ئىلگىرى

    يە تەۋرەش دىگەن ئەل مېساقتېن با تەبيەت ھادېسسې ،

  • تىلسىم2 ئاي ئىلگىرى

    كىچىگىمدە رەھمەتلىك بوۋام يەر ئاستىدا ناھايتى چوڭ بىر كالا بار ، يەرنى بىر مۈڭگۈزدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ ، بىرسى تېلىپ كەتسە يەنە بىرسىگە ئالماشتۇرىدۇ ، شۇ سەۋەپتىن يەر تەۋرەش بۇلىدۇ دىگەنىدى،

  • *قاراكۆز*2 ئاي ئىلگىرى

    ۋەتىنىمىزنىڭ تەبىئى ئاپەتتىن ئامان ئىسەن بۇلۇشىنى ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ خاتىرجەم باي باياشات بۇلۇشىنى تىلەيمىز.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号