باش بەت

ئادىلجان

6283يوللانما
55مەستانە

قۇيۇن ۋە قارا بوران ئىچكى موڭغۇلدىكى كەنتنى تۈزلىۋەتتى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:55 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىچكى موڭغۇل چىفېڭ شەھەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 16 ئەتراپىدا چىفېڭ شەھىرىنىڭ Hexigten خوشۇنى (ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ناھىيەگە تەڭ مەمۇرىي بىرلىك) بىلەن Ongniud خوشۇنى قارا بوران ۋە قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئاپەت ئاساسلىقى ئىككى بازاردىكى تۆت كەنتكە ھۇجۇم قىلغان. سۈرەتتە 8-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چىفېڭ شەھىرى Hexigten خوشۇنى ۋۇتەنشەن كەنتى قارا بوراندىن كېيىن خارابىلىققا ئايلانغان. 

12-ئاۋغۇست سائەت 1:00گە قەدەر، ئاپەتتە بەش ئادەم قازا قىلىپ، 50تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، نۇرغۇن ئۆيلەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. نۆۋەتتە يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى قەدەممۇ-قەدەم قانات يايدۇرۇلماقتا. سۈرەتتە 8-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، Hexigten خوشۇنى ۋۇتەيشەن كەنتىدىكى قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان كەنت ئاممىسىنىڭ ئۆيى.

سۈرەتتە 8-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چىفېڭ شەھىرى Hexigten خوشۇنى ۋۇتەيشەن كەنتى شاخۇتۇڭ كەنت گۇرۇپپىسى قارا بوراننىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئەمما سەل يىراقتىكى ئۆيلەر ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغان. 

سۈرەتتە 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى قارا بوران ۋە قارا يامغۇردا Hexigten خوشۇنى ۋۇتەيشەن كەنتىدىكى يوللار بۇزۇلۇپ كەتكەن. 

سۈرەتتە 8-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چىفېڭ شەھىرى Hexigten خوشۇنى ۋۇتەيشەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆگزىسى بوراندا ئېچىلىپ كەتكەن.

سۈرەتتە 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، چىفېڭ شەھىرى Hexigten خوشۇنى ۋۇتەيشەن كەنتىدىكى دەل-دەرەخلەر بوراندا ئۆرۈلۈپ سۇنۇپ كەتكەن. 

سۈرەتتە 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، چىفېڭ شەھىرى Hexigten خوشۇنى ۋۇتەيشەن كەنتىدىكى ھويلا تاملىرى بوراندا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ماشىنا تاش-كېسەكلەر ئاستىدا قالغان. 

سۈرەتتە 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، Hexigten خوشۇنى ۋۇتەيشەن كەنتىدىكى بوراندا ۋەيران بولغان ئېتىزلار.

سۈرەتتە يەرلىك ھۆكۈمەت، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى تېز سۈرئەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ زىيىنى ئازايتماقتا.

سۈرەتتىكىسى بوراندا سۇنۇپ كېتىۋاتقان دەرەخلەر

 ئاپەت نەق مەيدانى

سۈرەتتە 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، چىفېڭ شەھىرى Ongniud خوشۇنى ماۋشەن شەرقىي يېزىسى شاۋگو كەنتىدىكى تاملار بوراندا ئۆرۈلۈپ كەتكەن، كەنت ئاممىسى كەنت ئېغىزىدا ئاپەت ھەققىدە پاراڭلاشماقتا.

سۈرەتتە: ئاپەت رايونىدىكى ئۆيلەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. 

سۈرەتتىكسى ئاپەت نەق مەيدانى

سۈرەتتە بىر دەرەخ بوراندا يىلتىزىدىن قۇمۇرۇلۇپ كەتكەن

ئاپەت نەق مەيدانى

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号