باش بەت

AbdullahDev

35يوللانما
0مەستانە

قايسى يانفون سىزنىڭ رەسىم تارتىشقا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتكەن؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:07 18 ئىنكاس چۈشتى

قايسى يانفون سىزنىڭ رەسىم تارتىشقا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتشكە سەۋەب بولغان؟ كەرىي روسى (Carey Rose)غا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭ جاۋابى دەل ئالمىنىڭ پەخىرلىك مەھسۇلاتى بولغان iPhone 4s، ئۇ: «مەن ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەمدىلا پۈتتۈرۈپ پىراكتىكانت بولۇپ ئىشقا چۈشكەن ئىدىم، ئەينى چاغدا مەن مەلۇم بىر شىركەتنىڭ خەۋەرلىشىش بۆلۈمىدە رەسىم ۋە فىلىملەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلاتتىم، دەل شۇ چاغدا مەن ھاياتىمدىكى 2-يانفون بولغان iPhone 4sكە ئېرىشتىم، ئۇ مېنىڭ رەسىم تارتىشقا بولغان كۆز قارىشىمنى تەلتۆكۈس ئ‍ۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى» دەيدۇ.

20170812183602715.jpg

كەرىي يەنە ئۆزىنىڭ تۇنجى يانفونى قارا بۆلجۈرگەن (BlackBerry) يانفونى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇز ئىزچىل بۇ كونا يانفونىنى ناھايىتى قالتىس دەپ ئويلاپ كەلگەن، بىراق iPhone 4sكە ئۇچراشقاندىن كېيىن ھەممە نەرسە ئۆزگەرگەن، iPhone 4s بىلەن قارا بۆلجۈرگەننىڭ كۆرسىتىش دەرىجىسىنى سېلىشتۇرغاندا قارا بۆلجۈرگەن iPhone 4sنىڭ خېلى بەكلا كەينىدە قالغان.

20170812183601675.jpg

ئۆزىنىڭ يانچۇقىدا كىچىك بىر فوتو ئاپپاراتنىڭ بولۇشى ھەقىقەتەن قالتىس بىر ئىش. كەرىي ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا تىزىملىتىشقا باشلىغان، كېيىن ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلارغا بىر پارچە ساندىۋىچنىڭ رەسىمىنى تېز سۈرئەتتە تارقاتقان. بۇ كەرىينىڭ iPhone 4sدىن پايدىلىنىپ تارتىپ  ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىغا چىقارغان تۇنجى پارچە رەسىمى، كەرىي يەنە چاقچاق ئارىلاش، ھازىر بۇ رەسىمنى كۆرسە بەلكىم ئۆزىنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى، گەرچە ئەڭ ياخشى بولمىسىمۇ، بىراق «تۇنجى قېتىم» كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

20170812183558829.jpg

iPhone 4sنى تۇنجى بولۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك كامېرا ئىشلىتىلگەن يانفون دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ كۆپلىگەن ئوتتۇرا تىپلىق كامېرالار بىلەن رەقىب بولالايدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۇرۇن VGA كامېرالار ئىنتايىن مودا بولغان، بىراق يانفوننىڭ رەسىم تارتىشى ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك بىز كۆپىنچلىرىمىز داۋاملىق فوتو ئاپپارات ئېلىۋېلىپ رەسىم تارتىمىز، ئەمما iPhone 4s بار بولغاندىن كېيىن بىزگە رەسىم تارتىشتا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن فوتو ئاپپاراتنى ئاستا-ئاستا قويۇپ قويدۇق.

20170812183558861.jpg

iPhone 4sنىڭ رەسىم تارتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى نورمال ئىستېمالچىلارنى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈپەتلىك رەسىم تارتىشقا جەلپ قىلدى، ناۋادا سىزمۇ مۇشۇنداق رەسىملەرنى تارتماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئالىي دەرىجىلىك فوتو ئاپپاراتتىن بىرنى سېتىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ، بۇ كەرىينىڭ «iPhone 4s ئاشۇ ئادەتتىكى فوتو ئاپپاراتلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دەپ قارىشىنىڭ سەۋەبى.

20170812183557524.jpg

مەخسۇس رەسىم تارتىدىغان قوراللار iPhoneدىن كۆپ ياخشى رەسىم تارتالايدۇ، ئەمما بۇ ئالىي دەرىجىلىك كامېرالار بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا نورمال ئ‍ستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال قىلىش دائىرىسىدە ئۇلار كۆپلىگەن يېڭى ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ھەم سۈپەتلىك رەسىم تارتالايدىغان iPhone 4sنى تاللىسا بولىدۇ، بۇ ھەم iPhone 4sنىڭ ئىستېمالچىلارنى يېتەرلىك جەلپ قىلىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى.

20170812183554394.jpg

ئ‍ىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە شەخسي دوستلىقى ئۈچۈن كەرىي تورغا غەلىتە يىمەكلىكلەرنىڭ رەسىمىنى چىقىرىش ئادىتىگە خاتىمە بېرىپ، باشقا نەرسىلەرنىمۇ رەسىمگە تارتىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، كېيىن iPhone ئارقىلىق ئۇ رەسىملەرنى تەھرىرلەپ لايىھەلەشنى ئۆگەندى. ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا كەرىي ئۆزىنى داۋاملىق تەلەيلىك دەپ ئويلايدۇ، چۈنكى ئ‍ۆزىنىڭ يەنە بىر دانە رەقەملىك يەككە لېنزىلىق فوتو ئاپپاراتىدا كەسپى ئىشلىرىنى قىلالايدۇ. بىراق iPhone 4sنى ئىشلەتكەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كەرىي بۇ خىل فوتو ئاپپارات بىلەن ئۇزۇن ئ‍ىش قىلغۇسى كەلمەس بولۇپ قالغان. كەرىي يەنە: «مەن ئۇنى (iPhoen 4s) ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئۇنىڭ ناھايىتى تېز بولغان بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى، ئومۇمىي رەسىمنىڭ ياخىش بولغان سۈپىتى ۋە تورغا تېز سۈرئەتتە ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى بار.» دېدى.

20170812183552608.jpg

كەرىي ھازىرقى بار بولغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ رەسىم سۈزگۈچ ئىقتىدارىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بار بولغانلىقىنى ئ‍ېيتىپ ئۆتتى، بىراق كەرىي يەنە رەسىمنىڭ تېخىمۇ ئىنىچكە بولغان رامكىسى بىلەن تەھرىرلەپ ساقلاش ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئ‍ۆزىنىڭ ئىلگىرىكى كونا ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولسا، ئەينى چاغدا بەكلا چەكتىن ئاشۇرۇپ تەھرىرلىۋەتكەندەك ھېس قىلىدۇ.

20170812183552141.jpg

كەرىي ئاخىرىدا: «مېنىڭ خىزمەت ھاياتىمدىكى فوتوگرافلىق تۇرمۇشۇمدا iPhone 4sنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئاخىردا مەن تۆۋەن باھالىق Moto G يانفونىدىن بىرنى سېتىۋالدىم. بۇرۇنراق بىلىشىم كېرەك ئىدى، مەن ئاللىبۇرۇن يانچۇقتا تۇرىدىغان كىچىك بىر فوتو ئاپپاراتقا مەستانە بولۇپ قاپتىمەن، بىراق Moto Gدىمۇ ئوخشاشلا 8 مىليون پىكسىللىق كامېرا بار بولغان تەقدىردىمۇ، ئ‍ۇنىڭ رەسىم بىر تەرەپ قىلىشى iPhone دىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدىكەن.» دېدى.

20170812183551731.jpg

كۆپلىگەن كىشلەر يانفونغا ئوخشاش قولايلىق فوتو ئاپپاراتقا «خۇمار» بولغان، مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن، رەسىمگە تارتىش كىشلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئايلىنىپ كەتتى، ھەم قارىماققا ئارقىغا چېكىنىدىغاندەك ئەمەس. شۇنداق، بىز ئەقلىيفونلارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغانلىرىغا رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ، ئەمما iPhone 4s ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىرى بار بولغان بىر مەھسۇلات، ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كامېراسى ئىشلىتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كامېراسى بىلەن رەسىم تارتىش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۆلجۈرگەن قىزچاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما تېلفۇننىڭ داڭلىغۇدەك نەرى با

  • مۇتەپەككۇر1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچە نوكىيا بىلەن سونى فوتۇ ئاپراتقا بولغان كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتكەن

  • سانسارا1 ھەپتە ئىلگىرى

    شىياۋمى يانفۇنى نوچى، ئەڭ قولايسىز تېلفۇننى ئايفون دېسە بولىدۇ

  • ئەلى ابدۇل ئەھەد1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەكرەمجان نۇرداش سىز بەك پو ئاتتىڭىزمۇ قانداق ھەرقانچە بولسىمۇ ئالمىدەك ياخشى ئەمەس سامسىڭىز

  • ئەلى ابدۇل ئەھەد1 ھەپتە ئىلگىرى

    one راس دەيدۇ مەنمۇ ئالمىنىڭ سادىق مەستانىسى

  • مەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    مېنىڭ قارىشىم nokia n73 بىلەن ئۆزگەرگەن

  • one1 ھەپتە ئىلگىرى

    پىكسىلى يۇقىرى بۇلۇپ رەسىمگە تارتقانغىلا ھىساپ ئەمەس رەڭنى ئوخشىتالىغىنى ئەڭ قالتىس ھىساپلىنىدۇ ئىشەنمىسەڭلا ئايفۇن بىلەن خالىغان بىر تىلفۇندا رەسىم تارتىپ سىناپ بېقىڭلار باشقىلىرى تېخىمۇ سۈزۈك رەسىمگە تارقاندەك تەسىر بېرىش ئۈچۈن رەڭنى قېنىقلاشتۇرۋىتىدۇ لىكىن ئايفۇن ئۇنداق ئەمەس تىخىمۇ چىن تەبىئى

  • پىنھانە1 ھەپتە ئىلگىرى

    سونىي يانفونىغا يەتمەيدۇ…………………

  • سۈرخان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە سامسۇڭ
    يەنى 2013- يىلى سامسۇڭ s4دىن بىرنى ئالدىم
    كامىراسىمۇ 16مىليۇن پىكسىل، فوكۇس توغۇرلاپ ئىنتايىن سۈزۈك تارىتقىلى بولىتى

  • بىزلەركىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭكىنى شىياۋمى 2 ئەس تىلپۇن تولۇق ئۆزگەرتكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号