باش بەت

مەستان

245يوللانما
7مەستانە

نېمە ئۈچۈن ئايروپىلاندىمۇ يېشىل، قىزىل، سېرىق چىراغلار بولىدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 19:00 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىز پەقەت قاتناش ئالدىراش بولغان تۆت كوچا ئېغىزىدا قاتناش چىرىغىنى كۆرەلەيمىز. قاتناش ساقچىلىرى شۇ چىراغقا تايىنىپ ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارغا قوماندانلىق قىلىدۇ، قاتناش قالايمىقانچىلىقى ۋە قاتناش ھادىسىسى سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنداقتا، ئايروپىلان كەڭ كەتكەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچىدىغان تۇرۇپمۇ نېمىشقا قاتناش چىرىغى ئىشلىتىدىغاندۇ؟

ئوچۇق كېچە ئاسمىنىدا، غوڭۇلدىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كۆكتە قىزىل، يېشىل، ئاق چىراغنىڭ ئاستا ئۇچۇپ ئۆتىۋاتقانلىقىنى بايقىيالايمىز. بۇلار ئايروپىلاندىكى قاتناش چىرىغى. بۇنىڭ رولى ئوخشاشلا بوشلۇقتىكى قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

ئاسمان بوشلۇقى گەرچە شۇنچە كەڭرى بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى زاماندىكى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى تېزلىكى سەۋەپلىك بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت. ھاۋا بوشلۇقىدىكى سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش لىنىيەسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچقۇچىلار ئاسمان بوشلۇقىدا چوقۇم تۆت ئەتراپنى ئىنچىكە كۆزىتىشى كېرەك. ئۇچقۇچىلارنىڭ ئەتراپتا ئايروپىلان بار-يوقلۇقىنى ئاسان بايقىۋېلىشى، خالىغان ۋاقىتتا باشقا ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش يۆلىنىشىنى ئىگىلىشى ئۈچۈن، كېچىدە ئۇچقاندا، ئايروپىلاننىڭ ئىككى قانىتى ۋە قۇيرۇقىدا جەمئىي ئۈچ دانە ئۇچۇش چىرىغى ياندۇرۇپ قويۇلىدۇ. قىزىل چىراغ دائىم ئايروپىلاننىڭ سول قانىتىغا ئورنىتىلىدۇ، يېشىل چىراغ ئوڭ قانىتىغا، ئاق چىراغ بولسا قۇيرۇق قىسمىغا ئورنىتىلىدۇ. ئۈچ دانە چىراغنى داۋاملىق ياندۇرغىلى، ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ياندۇرغىلى بولىدۇ.

كېچىدە ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلان ئۇچۇش چىرىغىنى ياندۇرغاندىن كېيىن، ئۇچقۇچىنىڭ ئەتراپنى كۆزىتىشى قولايلىقلىشىدۇ. ئەگەر ئۇچقۇچى يەنە بىر ئايروپىلاننىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئېگىزلىكتە ئىكەنلىكىنى بايقىسا، شۇنداقلا پەقەت قىزىل، يېشىل ئىككى دانە چىراغنىلا كۆرەلىسە، بۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۇدۇلدىن ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، سوقۇلۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، چوقۇم ئامال قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇش زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر پەقەت بىرلا چىراغ نۇرىنى كۆرەلىسە، قارشى تەرەپنىڭ ئوڭدا ياكى سولدىلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر ئۈچ دانە چىراغ نۇرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرەلىسە، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى بوشلۇقتا ياكى تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا خەتەرگە يولۇقمايدۇ.

ئەلۋەتتە، ھازىرقى زامان ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ئەھۋال ئاستىدا، پەقەت ئۇچۇش چىرىغىغا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ. مەسىلەن، ھاۋارايى ناچار ۋاقىتتا، بۇلۇت، تۇمان بار ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ھازىر «ئايروپىلان يېقىنلىشىش كۆرسەتكۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۈسكۈنە بار بولۇپ، ئۇچقۇچىلارغا ياردەملىشىپ يېقىنىلىشىپ كېلىۋاتقان ئايروپىلاننى بايقىيالايدۇ. بۇ خىل ئۈسكۈنىگە كۆرسەتكۈچ چىراغ ئورنىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايروپىلاندىكى رادار ئارقىلىق ئەتراپقا توختىماي رادىئو دولقۇنى تارقىتىدۇ، باشقا ئايروپىلانلار يېقىنلاشقاندا، رادار دولقۇنى قايتىپ كېلىپ كۆرسەتكۈچ چىراغنى ياندۇرىدۇ. ئوخشىمىغان كۆرسەتكۈچ چىراغدىن كېلىۋاتقان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش يۆلىنىشى ۋە ئارىلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号