باش بەت

زورىگۈل

5748يوللانما
30مەستانە

ج خ ئورگىنى جيۇجەيگوۋدىكى يەر تەۋرەشتە پىتنە ئۇچۇر تارقاتقان تورداشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 19:02 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8-ئاۋغۇست سىچۈەننىڭ جيۇجەيگوۋ ناھىيەسىدە 7 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئاز ساندىكى تورداشلار ئىنتىرنېتتا يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، قورقۇنچ پەيدا قىلدى. ج خ مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، سىچۈەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردا دەرھال تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى توقۇغان، تارقاتقان بىر تۈركۈم تورداشنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە 4 ئادەمگە قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلدى، دېلو ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق تورداش چېن X، يىن Xنىڭ ئۈندىدار توپىدا «جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى سىچۈەن تارماق ئىدارىسى»نىڭ نامىنى سۈيئىستېمال قىلىپ پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىپ «9-ئاۋغۇست سەھەر سائەت ئۈچتە شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا قالدۇق يەر تەۋرەيدۇ» دېگەنلىكى، تورداش جىن X «جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورى»نىڭ نامىنى سۈيئىستېمال قىلىپ ئۈندىدار توپىدا «8-ئاۋغۇست سائەت 21دە شەنشىنىڭ خەنجوڭ شەھىرى لاۋجۈن بازىرى جىنجەي كەنتى ئەتراپىدا 6.5 بال يەر تەۋرىدى» دېگەنلىكى، تورداش چى X ئۈندىدار توپىدا «ئابا رايونىدا 8.7 بال يەر تەۋرەيدۇ» دېگەنلىكى ئېنىقلانغان. ج خ ئورگانلىرى يۇقىرىدىكى 4 تورداشنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ جيۇجەيگوۋدىكى يەر تەۋرەشتىن پايدىلىنىپ توردا ئىئانە توپلاش نامىدا ئالدامچىلىق قىلغانلىقى، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق شىلىۋېلىش قىلمىشىغا نىسبەتەن ج خ ئورگىنى ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، تەكشۈرۈپ زەربە بېرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ.

ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى مۇھىتىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تورنىڭ قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. تەبىئىي ئاپەتتىن پايدىلىنىپ قەستەن پىتنە-ئىغۋا توقۇپ تارقىتىش، ئالدامچىلىق قىلىپ بايلىق يىغىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پىتنە-ئىغۋا تېرىماي، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەي، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي، پىتنە-ئىغۋانى بايقىغاندا ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلىشىنى، ساغلام تور مۇھىتى ۋە ياخشى جەمئىيەت تەرتىپىنى ئورتاق ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىھمان2 ئاي ئىلگىرى

    ئاپەتتە بولاۋاتسا دۆلەت بىلەن بىرسەپتە تۇرماق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قالايمىقان قىلغاننى ھەم ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ خەقنىڭ پۇل مىلىنى ئالداپ ئىئانە يىققانى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىۋەتسە بولىدۇ زادى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号