باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2920يوللانما
33مەستانە

خۇنەن يۆياڭدا ياغقان قاتتىق يامغۇردا بىر توغاننى يار ئېلىپ كېتىپ، 700 ئادەم جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 19:14 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇخبىرنىڭ خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ ناھىيەلىك كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش-قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇر ۋە تاغ سىيرىلىشنىڭ تەسىرىدە، سائەت 10:00دا يۆياڭ ناھىيەسىدىكى بىر توغان گەۋدىسىدە 10 مېتىردەك ئۇزۇنلۇقتا يار شەكىللەنگەن. ئۆركەشلىگەن كەلكۈن تۆۋەن ئېقىنغا شىددەت بىلەن ئېقىشقا باشلىغان. يار ئېلىپ كەتكەن توغاننىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى جاڭگۇيىڭ بازىرى فېڭشۈي كەنتىدىكى 700دىن كۆپرەك ئامما جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان، نەچچە ئون كورپۇس بىنانى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن، نۆۋەتتە شۇ جايدىكى دائىرىلەر خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەشكىللەۋېتىپتۇ.

يۆياڭ ناھىيەلىك كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش-قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يار ئېلىپ كەتكەن توغان شياۋجيادوڭ توغىنى بولۇپ، شۇ جايدىكى سىغىمى 40 مىڭ كۇپ مېتىر كېلىدىغان تايانچ توغانكەن. بۈگۈن سائەت 6:00لەردە، توغان چۈشۈرگىسىنىڭ يېنىدىكى تاغ سىيرىلىپ چۈشۈپ، سىيرىلما چۈشۈرگىنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغان، شۇنىڭ بىلەن كەلكۈن توغاندىن تېشىپ چۈشكەن، ئاخىرىدا توغاننى يار ئېلىپ كەتكەن. بۇ مەسئۇلنىڭ دېيىشىچە تۆۋەن ئېقىندىكى 700 دىن كۆپرەك ئادەم توغاننى يار ئېلىپ كېتىشتىن بۇرۇن تارقاقلاشتۇرۇلۇپ بولغانىكەن، نۆۋەتتە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

11-ئاۋغۇستتىن 13-ئاۋغۇستقىچە، خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھەرنىڭ پىڭجياڭ ناھىيەسى، يۆياڭ ناھىيەسىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، قىسمەن جايلاردا ئالاھىدە قاتتىق يامغۇر ياغقان. مەنزىرىلىك رايون جاڭگۇيىڭ كەنتى قاتارلىق كۆپلىگەن جايلارنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن. قىسمەن جايلاردا سۇ بېسىپ كېتىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولغان، كۆپلىگەن يوللار بۇزۇلۇپ كەتكەن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت زور مىقداردا ئادەم ۋە ماددىي كۈچ تەشكىللەپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان، چاڭشا شەھەرلىك كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتى قاتارلىق ئەل ئىچى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرىمۇ ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىشكە يۈرۈپ كەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号