باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8099يوللانما
33مەستانە

جاۋ ۋېي بىلەن ما يۈننىڭ مۇناسىۋىتى راستىنلا ئالاھىدىمۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 21:43 15 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مەست ئادەم راست گەپ قىلىدۇ، دېگەن گەپكە ئىشىنىشى مۇمكىن. بىراق يۇقىرى ئابرويغا ئىگە چولپانلار ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، يەنە قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىغاندۇ؟ يېقىندا جاۋ ۋېي مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ بالىغا قارىسام غېرىبلىق ھېس قىلمايمەن دېگەندەك بىر گەپنى قىلدى، بۇ زادى قانداق گەپ! ئالدىنقى مەزگىللەردە، جاۋ ۋېي «ئايرىلىپ كېتىش» تېمىسىدىكى مىكرو بىلوگنى ئاشكارىلىغاندا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنى يولدىشى خۇاڭ يوۋلوڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغانىدى. ئۇنداقتا، بۇ قېتىم جاۋ ۋېينىڭ مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىنكى دېگەن گەپلىرى شۇ قېتىملىق مىكرو بىلوگ بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟

ئۇنداقتا، جاۋ ۋېي مەست بولغاندىن كېيىن، زادى نېمىلەرنى دېدى؟ تۆۋەندىكىسى، ئۇنىڭ مىكرو بىلوگىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:

مەن مەست بولۇپ قالدىم، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئەڭ سادىق مەستانىلىرىملا بۇنى بىلىدۇ، چۈنكى، ئاخىرى، ئەتە ئۆيۈمگە قايتسام، غېرىبلىق ھېس قىلمايمەن (ئۆيگە قايتىپ بالامنى باقسام)، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان تاراتقۇلارغا بەكلا ئۆچ بولدۇم، سىلەر ھەممىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۈچۈن مەنپەئەت تېمىسىنى، دۇنيانى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، چاكىنىلاشتۈرۋېتىسلەر! دۇنيا پاكىز بولسا بىز تېخىمۇ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيمىز ئەمەسمۇ؟ بەلكىم بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئۇنچىلىك قىممىتى بولمىغاچقا، ئادەتتىن تاشقىرى باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، بىراق نېمە ئۈچۈن بىز ئاددىي بولساق بولمايدۇ، ئاكتىپ ئېنىرگىيە دەل بىز ھەقىقىي ئېھتىياجلىق ئوكسېگىن.

ئۇ قارىماققا مەست بولۇپ قىلىپ، ئىچ-باغرىنى تۆكىۋالغاندەك قىلاتتى. مىكرو بىلوگ ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ ھەممىسى بەس-بەستە ئىنكاس قايتۇرۇشۇپ: «سىزنىڭ مۇشۇ ھالىتىڭىزنى ياخشى كۆرىمىز، سەنەم»، «مەيلى قانچىلىك مەدھىيە ۋە كەمستىشىلەر بولسۇن، بىز يەنىلا سىزنىڭ ئارقىڭىزدا»، «توغرا دەيسىز، بىز ھەممىمىز تۈز كۆڭۈللىكىڭىزنى ياخشى كۆرىمىز»، دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە، جاۋ ۋېي ھەقىقەتەنمۇ راستچىل چولپان، يەنە كېلىپ مەيلى ئادەمگە بولسۇن ۋە ياكى ئىشلارغا بولسۇن ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. قاراڭ، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە، ئۇنىڭدا، خۇاڭ شياۋمىڭدەك چولپانلار بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى ما يۈندىن ئىبارەت سودا ساھەسىدىكى چوڭاممۇ بار.

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جاۋ ۋېي بىلەن ما يۈن مۇناسىۋىتىنىڭ ئادەتتىكىدەك ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ما يۈن جۇڭگونىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بايلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن داڭلىق دەرىجىسى ھەتتا چولپانلارنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. جاۋ ۋېي نوپۇزلۇق ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن چىراي دېسە چىرايى، قابىلىيتى دېسە قابىلىيىتى بولغاچقا، تاماشادىمۇ خېلىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ رېژىسسورلۇققا ئۆستۈرۈلدى. يەنە كېلىپ جاۋ ۋېينىڭ يولدىشى خۇاڭ يوۋلوڭمۇ ما يۈننىڭ يېقىن دوستى، ئىككەيلەننىڭ ھەمكارىلىقى قوش مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەن گەپ!

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، جاۋ ۋېي ياتلىق بولغان خۇاڭ يوۋلوڭنى ئۇنىڭ يېقىن دوستى ۋاڭ فېي تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ زەردار ئائىلىگە ياتلىق بولغىنىغىمۇ 9 يىل بولدى. يەنە كېلىپ ئۇ تاماشادىكى داڭلىقلىق دەرىجىسى، خواڭ يوۋلوڭنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەمدە ئىقساد چەمبىرىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىمۇ خېلى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگودىكى «ئايال بۇفېت» شەرىپىگە ئېرىشتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ما يۈنمۇ ئىزچىل كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشنى پىلانلاۋاتقاچقا، جاۋ ۋېي نەق ۋاقىتىدا بىر پۇرسەتكە ئېرشىتى.

ما يۈن ئىزچىل كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە دىققەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ كەلگۈسى ئىستېمالى تېخىمۇ كۈچىيىدىغان بولۇپ، جاۋ ۋېي بىلەن ھەمكارىلاشسا، ئۇنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە چەمبىرىكىدىكى ئالاھىدە كۈچلۈك بايلىقىدىن پايدىلانسا بولىدۇ، ھازىر ما يۈننىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى خېلىلا كۈچلۈك بولۇپ، جاۋ ۋېينىڭ تۆھپىسىىدىن ھەرگىز ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىراق جاۋ ۋېي 2015-يىلى ئەلى كىنوچىلىقىغا مەبلەغ سېلىپ 2-چوڭ پايچىككە ئايلاندى؛ شۇنداق قىلىپ، جاۋ ۋېينىڭ خۇسۇسىي بايلىقىمۇ مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپىيىپ، بىراقلا جۇڭگو زەردارلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.

جاۋ ۋېي ئىلگىرىكى پاسسىپ خەۋەرلەرگە قارىتا، ئىزچىل ئۆزىنى ئاقلاپ، ئاكتىپلىق بىلەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇپ، كىشىلەرگە ئاكتىپ ئىنىرگېيەلىك ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ كەلدى. بۇ جاۋ ۋېينىڭ ب د ت خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى پائالىيتىگە قاتناشقان تۇنجى كۈنى ئېلان قىلغان مىكرو بىلوگى بولۇپ بىردەك تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

جاۋ ۋېي خۇاڭ يوۋلوڭغا ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى، خۇاڭ يوۋلوڭ بىلەن ما يۈن ياخشى دوستلاردىن بولۇپلا قالماستىن، ئوخشاشلا سودا ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن. ئەينى يىلى ما يۈن بىل گەيتىسنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا، خواڭ يوۋلوڭمۇ ھەمدەمدە بولغان. ما يۈنمۇ ئۆزىنى جاۋ ۋېينىڭ مەستانىسى دېگەن. جاۋ ۋېينىڭ قېينئاتىسىنىڭ 80 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىدىمۇ ما يۈن قاتناشقان. بۇ جاۋ ۋېينىڭ مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان سۈرىتى بولۇپ، ئىككەيلەن بىرلىكتە رەسىم سىزىۋاتقانىدى. قاراشتىنلا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئادەتتىكىدەك ئەمەسلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

مەيلى تاماشادىكى «شياۋ يەنزى» بولسۇن ياكى سودا ساھەسىدىكى جاۋ ۋېي بولسۇن، مەن ھەر ئىككىلىسىنىلا قوللايمەن. چۈنكى ئۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ «سەنىمى». بولۇپمۇ توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ جەزبىدارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بەزى تورداشلار ئۇنىڭ گىرىمسىز ھالىتىدە بىر ئائىلە كىشلىرى بىلەن بىرلىكتە غىزالانغاندىكى سۈرىتىنى تارتىۋالغان.

تاماشادىكى چولپانلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن 2-پەرزەنتلىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئاز بولمىغان تورداشلارمۇ جاۋ ۋېينىڭ قاچان 2-پەرزەنتلىك بولىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشتى. نېمىلا دېگەنبىلەن، ئىقتىدارلىق ئانا جاۋ ۋېي ئۈچ تۆت بالىنىمۇ ئانچە جاپا تارتمايلا بېقىپ كېتەلەيدۇ ئەمەسمۇ! يەنە كېلىپ قىزىغا ھەمراھ بولىدىغان بىرسىنىڭمۇ بولغىنى ياخشى. گەرچە بۇنىڭغا قارىتا، جاۋ ۋېي گەپ قايتۇرمىغان بولسىمۇ، بىراق تورداشلار ئۇنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانغا ئوخشايدىغان سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىدى.

ئەسلىدە، تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى سۈرىۋاتقان جاۋ ۋېينى سەمىرىپ كەتتى دەپ ئويلاپ يۈرسەك، نەتىجىدە ئۇ كەڭرى كۆينەك ۋە ئادەتتىكى تەنھەرىكەتچىلەر ئايىغىنى كىيىپ، سەكرەپ-تاقلاپ يۈرگەن قىزىغا قارىتا ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماي، پەقەت ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ نەرسە يېگۈزگەندىكى ئېيتىھاتچان ھالىتىمۇ كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي قالمايتتى.

ئۇنداقتا، سىلەر جاۋ ۋېي بىلەن ما يۈننىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىلەر؟

جاۋ ۋېينىڭ خواڭ يوۋلوڭغا ياتلىق بولۇشى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ پۇلىنى كۆزلىگەنلىكتىنمۇ؟



باش سۈرەت تاللاش x
  • بەرلىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    سەيلانە بىلەن ئۇچقۇن نۇرداش مەن سىلەرنىڭ پىكىرىڭلارنى قوللايمەن،ئىشقىلىپ مەن جاۋۋېيغا ئامراق.

  • يۇلتۇزلۇق ئاسمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئۇچقۇن بىلەن سەيلانەنىڭ پىكىرنى قوللايمەن

  • سەيلانە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىنكاس سۇپىسىدىكى دوسلار مەن يىڭى قۇشۇلدۇم تۇنجى ئىنكاس قايتۇرشۇم خەۋەرنىلا كۆرۈپ بۇ ئىنكاسلارنى پەقەت كۆرۈپباقمىغانكەنمەن قوللاپقۇياسىلەر مەنمۇ جاۋۋېينى قىسقىسى مەلىكە خۇەنجۇنىڭ قوللىغۇچىسى جاۋۋېي پۇلنى كۆزلىمەيدۇ ھەممىسىنى گۆرىگە ئەكىرىپكەتكىلى بولمايدىغىنىنى شاۋيەنزى بىلىدۇ ئۇنچىلىك ئەقىل ساپا ئۇنىڭدا كەم ئەمەس دۆت بولسا مۇنەتىجىنىڭ ئىگىسى بولماستى نامرات بىرسىنى تاپسا ئەرنى پۇلغا سېتىۋاپتۇ ياكى ئېرى جاۋۋېينى ياخشى كۆرمەيدۇ پۇلىسىنى ياخشى كۆرىدۇ دەيتتىڭلار ھەقاچان جاۋۋېي ئەڭ قالتىس چولپان شۇڭا مايۈندەك ھەممە چولپانلار يېقىنلىشىشنى ئويلايدىغان زەردارمۇ ئۇنىڭ مەستانىسى ھەم يېقىن دوستى ئۇ توي قىلاي دىسە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مايۈنگە ئوخشاش بايلار جاۋۋېي دۇرۇس يول بىلەن ئۆز كۈچىگە تايانغان مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى شۇڭا تاماشادىكى ھۆرمىتى ئوبرازى ئالاھىدە ياخشى كەينىدىن چىقىدىغان ئۆسەك سۆزلەرمۇ ئۇنى بەك قالتىس بىلىدىغان ئىچى تار ئاق نانچىلارنىڭ ئىشى مۇشۇ نەچچە يىلدا ئۇ تاماشادا سورۇنىدا ئاز پەيدا بولدى ئىكرانغا چىقسىلا كۈندە نامىنى چىقىرىشنى ئويلايدىغان دائىم ئىكراندا با چولپانلاردىن نەچچە ھەسسە قارشى ئېلىندى جۇڭگۇچە ئاشخانىنىڭ كۆرۈلۈش نەتىجىسى بۇنىڭ ئىسپاتى نىكاھى بەخىتلىك بولمىسا نىمبوپتۇ بۇ شەخسى ئىشى توققۇزى تەل ئادەم باما كېيىن ئىزىغا چۈشە ئامراق ئەر خوتۇنلار ئارسىدىمۇ بەزىدە بۇلىدىغان ئىشلار سەي قورۇساقمۇ چۆمۈچ قازانغا تىگىپ كېتىدۇ ئۇنداق ئەمەسمۇ يا تۇرمۇش قۇرغانلار بىلىدۇ شۇڭا ياقتۇرمىساڭلار كۆڭۈل بۆمىسەڭلارمۇ بۇلىدۇ

  • قەدىرنىسە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇچقۇننىڭ گېپى توغرا خىلىنى تېپىپتۇ شۇ مايۈن جاۋۋېي ئىككىلىسى بىرە ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلار ئەمەس ۋاڭ جىيەنلىن دىگىنى بىلەنمۇ قولتۇقلىشىپ دادا بالىدەك سۆرەتكە چۈشۈپتۇ يېقىن دوستى سودىدىكى شېرىكى بولغاندىكىن يېقىندۇ مايۈن ئۆزىنى جاۋۋېينىڭ مەستانىسى دەپتۇغۇ شۇنچىلىك ئىشلارنى يامىنىغا بۇرماڭلار

  • گۈزەل1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالدى با كەينى يوق بۇ خەۋەرنى نىم دىسەم بۇلا ئەمدى

  • ئۇچقۇن1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ چە جاۋۋىيدەك داڭلىق چولپان ھەم زەردار سودىگەرنىڭ باي بىلەن توي قىلىشى ناھايىتى نورمال ئىش، ئۇ مۇشۇ ھالىتىدە ئەلۋەتتە نامرات بىلەن توي قىمايدۇدە، چۈنكى بۇنداق داڭلىق شەخىسنىڭ مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدىمۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش زەردار ھەم داڭلىق شەخىسلەر بولىدۇدە، پۇلىنى دەپ توي قىمايتتىم دىگەن بىلەنمۇ، ئۇنىڭغا پۇلى يوق نامرات بىلەن بادى كەلدى قىلىپ چۈشۈنۈشكىدەك پۇرسەت نەدە تۇرۇپتۇ، شۇڭا مىنىڭچە پۇلنى دەپ توي قىغان دىيىش تازا بىمەنىلىك، جاۋۋىيدا پۇل كەممىتتى!

  • ھەييار1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھاھا،،،ھا تىمتاس ئاداشنىڭ جاۋۋېيدا بىر ئۈچى با فەن بىڭ بىڭغا ئاشىق بولغاندىكىن چۈشىنىشكە بۇلىدۇ نىمىلا دىگەن بىلەن ھېچقايسى ئايال چولپان جاۋۋېيدىن بىرىنچىلىكنى تارتىۋالالمىدى تاماشادىكى ئورنى ياكى سودا ساھەسىدىكى ئورنى نىمە مەخسەتتە تەككىنىگە كەلسەك ئېرى جاۋۋېينى ئېلىش ئۈچۈن تەيۋەندىكى بىرىنچى گۈزەل سانىلىدىغان لايىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئايرىلىش ھەققى بەرگەن جاۋۋېيمۇ كەلگۈسىدىكى ئېرىنىڭ ھەرتەرەپتىن ياخشى بۇلىشىنى ئويلايدۇ پۇلىنى كۆزلىمىگەن دىيىشكىمۇ بولماس

  • مامكاپ1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمانداق قالايمىقان گەپلەربۇ يىكاتىرىنا دىگەن ئىنكاسچى ئۆتكەندە مىنىڭ ئىسمىمدىن پايدىلانغىنى سىز كەنسىز ھە ئەمدى بىلىۋالدىم ماۋۇ ئۇز سۇلتاندىنمۇ پىكىرى باشقا باشقا ئوخشىمايدىغاندىن يەنە پەيدا بوپقالدى بولدىلا ئارلاشماي ئاجرىشىش بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى ئىشى ئەمەس ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەممە ئايالغا ئوخشاش جاۋۋېينىڭ تۇرمۇشىمۇ خەۋەردىكىگە ئوخشاش ئەمەستۇ چولپاننىڭ تۇرمۇشى بولغاندىكىن كۆتۈرىدۇ ئىشقىلىپ مەن ئۆچمۇ ئەمەس ئامراقمۇ ئەمەس

  • 香奈儿1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچىمۇ شۇنداق پۇلنى كۆزلىگەنلىك قايسى بىر چولپان پۇلى يوق نامراتنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ ،شانشۆھرەت يۈز ئابروي باشقىلار غا كۆز كۆز قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ باينى تاپىدۇ دە ،بولمىسا تىمتاس دىگەندەك جاڭ زىيىنىڭ كەينىدىن پالاقشىپ يۈرەمتى .

  • ئۇز سۇلتان1 ھەپتە ئىلگىرى

    جاۋۋېي ھەقىقەتەن ھەرتەرەپتىن قالتىس مايۈن بىلەن يېقىن دوس قايسى بىر ئالاھىدە ئەمەس مايۈندىن باشقا كاتتا بايبولامدۇ چولپان بۇلامدۇ ھەممىسى بىلەن يېقىن بۇ ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئۇستا ئەقىللىقلىقىدىن ئۇنىڭغا بېسىم قىلىدىغان ھەددىدىن-زىيادە ھەممەئىشقا چېتىۋالىدىغانلاردىن ھەجەپ بىزار بولاۇم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号