باش بەت

زورىگۈل

6175يوللانما
9مەستانە

سامسۇڭ شىركىتى سىچۈەن ۋە گەنسۇ ئاپەت رايونىغا 10 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 20:00 25 ئىنكاس چۈشتى

پەن-تېخنىكا تورى 12-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ جۇڭگو شىركىتى 11-ئاۋغۇست سىچۈەن ئۆلكىسى جيۇجەيگوۋدىكى 7.0 بال يەر تەۋرەش ۋە گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى كەلكۈن ئاپىتى رايونلىرىغا ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتىگە 10 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى ھازىرغىچە قوبۇل قىلغان ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىكەن.

سامسۇڭنىڭ جۇڭگو رايونى باش دېرىكتورى جاڭ يۈەنجى: «جۇڭگو سامسۇڭ ئاپەتتىن پەيدا بولغان ھاياتىي، مال-مۈلۈك زىيىنىدىن چوڭقۇر ئازابلاندى، جۇڭگو خەلقى بىلەن قىيىن كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزىدۇ» دېدى.

جۇڭگو سامسۇڭ بۇرۇن سىچۈەن ۋېنچۈەن، يائەن ۋە چىڭخەينىڭ يۈشۈ ناھىيەسى، يۈننەن لۇديەن قاتارلىقلاردىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن جەمئىي 130 مىليون يۈەن ئىئانە قىلغان. سامسۇڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم قىلىشتىن باشقا، 2005-يىلى «جۇڭگو خەلقى ياخشى كۆرىدىغان كارخانا بولۇش، جۇڭگو كارخانىلىرىغا تۆھپە قوشۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، مائارىپنى قوللاش، جەمئىيەتتىكى نامراتلارغا ياردەم بېرىش، مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساھەدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈرىنى يولغا قويغان. 2016-يىلى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كارخانىلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى CSR رەت تەرتىپىدە 4-ئورۇندا، چەتئەل كارخانىلىرى ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرغان، بۇ سامسۇڭنىڭ ئۇدا 4-يىلى بۇ شەرەپكە ئېرىشىشى.

جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى جۇڭگو سامسۇڭ بىلەن بىللە ئېھتىياجنى ئاساس قىلىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىگە ئۈنۈملۈك قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئالدىنقى كۈنى ئالما شىركىتىمۇ سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى رايونىغا يەتتە مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ئىئانە قىلغان ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەسكى1 ھەپتە ئىلگىرى

    تاركانجان ، ئالما سامسۇڭ شېركەتلىرىمۇ دۆلىتىمىزگە باج تاپشۇرىدۇ ، بىلىپ قىلىڭ ، شۇلار باج تاپشۇرۇپمۇ يەنە ئىئانە قىپتۇ ئەينا،

  • تاركان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوپپو ۋىۋو دىگەن لەر ھەريىلى دۆلىتىمىزگە نۇرغۇنلىغان باژتاپشۇردۇ بۇ باژلار خەلىق پاراۋانلىقى ئىشلىرغا ئىشلىتىلدۇ ئۇلار تاپسا بىزگە پايدىسى بار ، ئالما سامسۇڭ تاپسا ئامرىكا بىلەن كوريەگە پايدىسى بار

  • ئەسكى1 ھەپتە ئىلگىرى

    يا پانا سىرداش دىگەن تورداش ، ئىئانىنى ئۆزەڭ قىلغاندەك سۆزلەپ كېتىپسە ، يەنە تېخى ئىككى قېتىم يوللاپ

  • كىچىك جوبىس1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئئانە قىلسا ئۇزىنىىڭ پۇلى بىكاچىلار

  • قەيسەر بودەك1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۈرخان چىقە بۇياققا ،ماختىمامسە سامسۇڭنى ،گۈل قەقەلىرىڭ ئېچىلىپ كەتكەندۇ پ

  • ئارمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىرنىڭ دولىتىمىزنىڭ خواۋې ، ئوپپو ۋىۋە دىگەن لە يوقمۇ مەن كورمۇدۇممۇ

  • تەمكىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەمدى شاۋمىي oppo vivo دەك لەر چىقىپ ماۋۇنىڭدەك ئىئانە قىلالمىسىمۇ ئازىراق كۆڭلىنى بىلدۇرەمىكىن دەيمەن ئۆزەمچە بۇمۇ ئىستىمالچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ ئۆزىگە ماھىل قىلىشتىكى كۆرۇك بوپ قالدى

  • ھوي1 ھەپتە ئىلگىرى

    توۋا ئىئانىنىمۇ سىلىشتۇرغان باما

  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوپپو ۋىۋو شاۋمىلار ئىئانە قىلماپتىغۇ . ئىشلەتمىسەك بولغۇدەك كۆزى كىچىكلەرنىڭ تىلفۇنىنى

  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    سىرداش ئىككى شىركەتنى سېلىشتۇرۇپ كىتىپسە سەنچۇ سەن قانچىلىك ئىئانە قىلالىدىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号