باش بەت

مەستان

245يوللانما
5مەستانە

ئاندىرويىد 8.0 رەسمىي نۇسخىسىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى بېكىتىلدى: 21-ئاۋغۇست

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 21:24 8 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاندىرويىد 8.0 رەسمىي نۇسخىسىنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى نۇرغۇنلىغان ئاندىرويىد مەستانىلىرى دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم نۇقتا. ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن قارىغاندا، مۇشۇ ئايدا گۇگول چوقۇم ئېلان قىلىدۇ. بايىلا مەشھۇر ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى evleaks ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئاندىرويىد 8.0 رەسمىي نۇسخىسىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا 21-ئاۋغۇستقا بېكىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

21-ئاۋغۇست ئامېرىكىنىڭ كۈن تولۇق تۇتۇلىدىغان كۈنى، بۇندىن بۇرۇن باش تەھرىرىمۇ بىشارەت بېرىپ، گۇگولنىڭ كۈن تۇتۇلىدىغان كۈندە ئاندىرويىد 8.0 رەسمىي نۇسخىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا كىشىلەرنىڭ ئېسىدە چوڭقۇر قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ئاندىرويىد 8.0 رەسمىي نۇسخىسىنىڭ خىزمەتلىرى ئاساسەن پۈتۈپ قالغان بولۇپ، رازى بولغۇدەك بىر كۈننى تاللاپ ئېلان قىلىشلا كەم قالغانىدى. ئاندىرويىد 8.0گە ئۆرلەشنى پىلانلاۋاتقان ئابونېنتلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېڭى سېستىمنىڭ بەكرەك يۇقىرى كۆتۈرگىنى ئىشلەتكەندىكى ھېسسىيات بولۇپ، مەسىلەن گۇگول نۇرغۇن زېھىن سەرپ قىلىپ، ئاندىرويىد 8.0نىڭ توكى پايلاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئەۋزەللەشتۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، گۇگول ئاندىرويىد 8.0نىڭ سېستىما سۈرئىتىنى ئاشۇرغان، مەسىلەن ئەپنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى ئىككى ھەسسە تېزلەشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 8.0 سېستىمىسىغا يېڭىدىن نۇرغۇن ئىقتىدارلار قوشۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سامۇراي2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرئەت ئىككى ھەسسە ئاشىدىغان ئىش بولارمۇ زادى ؟ ئۇ چاغدا قەتئىي ئامال يوقكەندە باھانە ئىزدەشكە ... مەن قوللايمەن !

  • سارسان2 ئاي ئىلگىرى

    شاۋمى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى شاۋمى 4C
    كە ئاندىروئىد يەتتىنى ئەۋەتىپ بولدى يېڭى نەشىرگە بۇنىمۇ ئىلەن قىپ ئىككى ئايلەدا شاۋمى قاچىلاپ بۇلدۇ ئەھچان تىلفۇنلارغا

  • خۇتەنلىك2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ تىلفۇنۇم 7.0غۇ ماناتىزراق چىقسا بۇلاتتى8.0

  • nur1462 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ سەنشىڭ s7 تېلپۇنۇم قوللاما بۇ 8.0سېستىمىنى بىلىدىغانلا جاۋاپ بىرىڭلا

  • نەبى2 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ ئاۋال گوگىلنىڭ ئۆزىنىڭ pixel تىلفۇنلىرى يىڭىلىندۇ ئاندىن كىيىن 1 يىلغىچە ئۇ بۇ يانفۇنلارغا ماسلاشتۇرۇلۇپ قاچىلىندۇ

  • سەرسان روھ2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ 8,0سىستىمىنى ھەممە يانفۇنغا يىڭلاپ ئىشلەتكىلى ۈولدىكەن دەپ ئاڭلىغان راس ئاشۇنداق بولسا ساز بولغان بوللاتتى!

  • تەكلىماكان2 ئاي ئىلگىرى

    ئاندىرويىد 7.0مۇ كەپ بولاممايۋاتسا

  • بانكىر2 ئاي ئىلگىرى

    گوگۇل شىركىتى ئىلان قىلغان بىلەن يانفون ساتقۇچى شىركەتلەر ماسلاشتۇرۇشقا بىرمەزگىل ۋاقىت كىتىدۇ، كىلەر يىلى بايراقدار يانفونلار ئالدىن قاچىلالىشى مومكىن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号