باش بەت

نۇسرەتگۈل

9510يوللانما
158مەستانە

ھىندىستاندا ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يوقنىڭ ئورنىدا، قىزلار كىچىك تۇرۇپلا ياتلىق قىلىنىدۇ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 19:40 13 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۇزۇندىن بۇيان ھىندىستان ئاياللىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى. قىزلار كەچلەردە سىرتقا چىقسا خارلاش، ئۇرۇش، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق، ھەتتا ئۆلتۈرۈش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.

ھىندىستاندا ئاياللارنى كەمستىش ئېغىر بولغاچقا، يۇقىرىقىدەك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇ ئىشلارنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتىشقا، ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا پېتىنالماي كەلدى.

بىر قېتىم ئامېرىكىدا تۇرىدىغان بىر ھىندىستانلىق ئايال ھىندىستانغا بارغاندا بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغاندا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئەيىبلەپ «دۆلەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك» دېگەننى باھانە قىلىپ توسۇۋالغان.

ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلىق كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ھىندىستان سىياسىي ساھەسىدە ئاياللارنىڭ خېلى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئانچە تۆۋەن بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايدۇ. بىراق، بۇ داڭلىق سىياسىيونلار سابىق ئەر سىياسىيونلارنىڭ ئايالى ياكى قىزى. ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى بولمىسىمۇ ئاشۇ ئارقا تىرىكىگە تايىنىپ پۇت تىرەپ تۇرىدۇ. بۇ ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ ئەسلىدىلا ئەرلەرنىڭ مۈلۈكى ئىكەنلىكى، ئورنىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بولۇپمۇ ھىندىستان يېزىلىرىدىكى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك دەرىجىدە تۆۋەن.

ئەنگىلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پىرادېش ئىشتاتى دېل كاندېر رايونىدىكى نەچچە مىڭ دېھقان تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئايالىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىش جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان، مەملىكەتلىك ئاياللار كومىتېتى مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ بۇ ئىشقا ئارىلاشقان.

ھىندىستانلىق ئەرلەر ھەر قېتىم ئۆيلەنگەندە مەلۇم مىقداردا مال-مۈلۈككە ئىگە بولىدۇ. 

ھىندىستاننىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى قاراڭغۇ كوچىلاردا يەنە پاھىشىخانىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كىچىك قىزلار مەجبۇرىي سېتىلىپ مۇشۇ جايغا ئېلىپ كېلىدۇ.

كۆپ ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ساقچىلارنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلار يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى باشقا جايغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دىلبەر دل2 ئاي ئىلگىرى

    ئايللارنىڭ ئۇرنى قانچە بۇلغانچە دۇلەتمۇ يۇكسەلمەي كەينىگە دەسسەيدىغان ئۇخشايدۇ

  • سادا2 ئاي ئىلگىرى

    ئاياللارنى بۇنداق خارلاۋەرسە ھامان بىر كۇنى ئايالسىز تۇللۇقتا قېرىپ ئۆلۇپ كېتىدۇ ما ھىندىلار ئۆتنە جاھان بۇ

  • پىنھانە6 ئاي ئىلگىرى

    باسقۇنچىلىق قىلىشىنى توسقىلى قويماي ،بۇ دىگەن مىللىي ئۆرۈپ ئادەت دىگىنىگە قارىغاندا،شۇ ئاياللارمۇ ئويۇنچى ئوخشايدۇ تولا زىرىكىپ قالىدىغان .

  • شامال6 ئاي ئىلگىرى

    نەدە تۇگەيدۇ بىر كۈندە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 68 باسقۇنچىلىق دىلوسى يۇز بىردىكەن بىز شۇكرى دەيلى بىزنىڭ دۆلىتىمىز تىنىچ

  • قۇملۇق قىزى6 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداقتا كىنۇلىرىدىكى ئاپىلىرىنى ئىلاھقا ئۇخشىتىدىغان ئايالىنى بەك ھۈرمەتلەپ كىتىشلىرى يالغانكەندە

  • گېنىرال6 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدى ھىندىستاندا باسقۇنچىلىققا قارشى تۇرسا ئۇ ئۆرۈپ-ئادەتكە قارشى تۇرغانلىق بولامدىكىنە ۋاي توۋا شۇ خەخلەرنى ئاپىسى تۇغققاندۇ ھە

  • كىچە6 ئاي ئىلگىرى

    دولىتىمىز بەك ياخشى قىز ئاياللار شۇكرى قىلىڭلار

  • شامال6 ئاي ئىلگىرى

    ھىچقانداق يەر بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە يەتمەيدۇ قانۇن ئادىل ئاياللارنى باللارنى بار كۈچى بىلەن قوغدايدۇ ھىچكىم ھىچكىمنى بوزەك قىلامايدۇ قەدرىنى قىلساق بۇلدۇ

  • يىگانە6 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇخەۋەرنى كۆرۈپ دۆلتمگە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى ،ياشسۇن ۋەتىنىمىز ،،،بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلۋاتقان ھەرقايسى خەلىق ساقچىلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ،ياشىسۇن جۇڭگو

  • *قاراكۆز*6 ئاي ئىلگىرى

    بۇلارنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىدىن ھۇزۇرلانسام بۇلدى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号