باش بەت

ئادىلجان

5721يوللانما
4مەستانە

ۋولكىسۋاگېن كالىفورنىيە XXL ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 21:53 0 ئىنكاس چۈشتى

ماشىنا ئائىلىسىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ۋولكىسۋاگېن ئورگان تەرەپ كالىفورنىيە XXL ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ قىسمەن ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، بۇ بىر ئۆي ماشىنا بولۇپ، ئۇنى بىر «ھەرىكەتچان ئۆي» دېيىشكە بولىدۇ. ئورگان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن. 

ۋولكىسۋاگېن كالىفورنىيە XXL ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئەڭ يېڭى Crafter سۇپىسىدا ياسالغان بولۇپ، بۇ ماشىنىنىڭ گەۋدىسى ئازراق ئېگىزلىتىلگەن ھەمدە تورۇشى قايتىدىن لايىھەلەنگەن، ھەتتا پارقىراق تاختىمۇ قوشۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا قوش رەڭلىك گەۋدىسىمۇ بۇ ماشىنىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. ۋولكىسۋاگېن T6 سۇپىسىدا ياسالغان يېڭى بىر ئەۋلاد كالىفورنىيە camperغا سېلىشتۇرغاندا بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى بوشلۇقى تېخىمۇ چوڭايتىلغان بولۇپ، كۈندىلىك بۇيۇملارنى تولۇق سىغدۇرالايدۇ. 

ئەمما نۆۋەتتە ۋولكىسۋاگېن بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈش سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلمىدى، ئىچكى كۆرۈنۈش لايىھە چېرتىيوژىدىن قارىغاندا، بۇ ماشىنىدا قوش ئوچاق، يۇيۇش كۆلچىكى، توڭلاتقۇ، ئىشكاپ، ئاسما ئىشكاپ قاتارلىقلار بولغاندىن باشقا، يەنە مۇستەقىل مۇنچا سەپلەنگەن، ئۈستى قىسمى بولسا ياتاق ئۆي بولۇپ، ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر كارۋات سېلىنچىسىنى سىغدۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ماشىنىنىڭ يان تەرىپىدە ئۇزىراپ-قىسقىرايدىغان ئېكران ئورنىتىلغان، يولۇچىلار ماشىنا سىرتىدا ئارام ئالالايدۇ ھەمدە تەبىئەت مەنزىرىسىدىن بەھر ئالالايدۇ. 

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە بۇ ماشىنىغا 2.0TDIلىك دىزېل ماتور سەپلەنگەن، ئەمما نۆۋەتتە ئورگان تەرەپ بۇ ماشىنىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ياكى چىقارمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号