باش بەت

AbdullahDev

78يوللانما
1مەستانە

شياۋمى تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق تەرەتدان ئېلان قىلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:41 34 ئىنكاس چۈشتى

ھەر كۈنى يېڭى ئۆزگىرىشلەر، يېڭى «قارا تېخنىكا»لار مەيدانغا كەلمەكتە. شياۋمى 10-ئاۋغۇست مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھاۋا تەڭشىگۈچتىن باشقا يەنە بىر ناھايىتى قالتىس ئۈسكۈنە ئېلان قىلدى.

20170812203900156.jpg

شياۋمى ھاجەتخانا ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى

سىز ئەسلا ئويلاپ باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، يانفون ياسايدىغان بىر شىركەت قانداقلارچە ھاجەتخانا ساھەسىگە يۈرۈش قىلىدۇ؟ سىز يەنە ئويلاپ باقمىغان، ئۆيىمىزدىكى ھاجەتخانىنىڭ تەرەتدان ئەمدى ئىنتېرنېت دەۋرىگە قەدەم قويدى. تېخىمۇ ئويلاپ يېتەلمەيدىغىنىڭىز نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھاجەتخانىغا تازىلىق قەغىزى كۆتۈرۈپ كىرىدىغان ئىشلار، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئاخىرلاشقاندەك قىلىدۇ.

10-ئاۋغۇست شياۋمى تۇنجى ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەتدان قاپقىقىنى ئېلان قىلدى، گەرچە دۇنيا بويىچە تۇنجى ئىجاد قىلىنغان بولمىسىمۇ، بىراق شياۋمىنىڭ بۇ ساھەگە يۈرۈش قىلىشى دۆلىتىمىزنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەتدان دەۋرىگە تېخىمۇ تېز باشلاپ كېرىدۇ. ئېلگىرى بەزى كىشلەر بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەتداننى ناھايىتى قىزغىن ھالدا ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىپ سېتىۋالغان، باھاسى بەكلا قىممەت، دۆلىتىمىزدىكى نورمال كىشلەر ئىشلىتەلمەيدۇ. بىراق ئەمدىلىكتە دۆلىتىمىز ئۆزى ئىشلەپ چىقاردى، باھاسى پەقەت نەچچە يۈز يۈەنلا، ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى.

20170812203900388.jpg

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەتدان قاپقىقى قانداق بولىدۇ؟ تەرەتداننىڭ ئىچىگە ئ‍ۆزەك، مېخانىكلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە ھەرخىل سېنزورلار ئورنىتىلىپ،  ئاخىردا تورغا ئۇلىنىپ، تەرەتداننى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىم شياۋمى ئېلان قىلغان مەھسۇلات جۇڭگو ياشلىرىنىڭ 1-ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەتدانى.

20170812203859741.jpg

كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بەش چوڭ ئىقتىدار

شياۋمى ئېلان قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەتداننىڭ زادى قانداق ئىقتىدارلىرى بار؟

1. ئاپتوماتىك ئىسسىتىش:

تەرەتداننىڭ قاپقىقى ئاپتوماتىك ئىسسىيدۇ، قىشتا تەرەتداندا ئولتۇرۇپ كاسسىڭىز توڭلاپ ئۇيۇشۇپ قالىدىغان ئوڭايسىز ئەھۋاللار قايتا يۈز بەرمەيدۇ، يەنە كېلىپ سۈپىتى ياخشى تەرەتدان يېپىنچىسنى سېتىۋېلىشڭىزنىڭ ئورنى يوق.

2. سۇ ئارقىلىق تازىلاش:

ھاجەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تازىلىق قەغىزى ئارقىلىق سۈرتۈشنىڭ ئورنىغا ئەرلەر ۋە ئاياللارغا ماس ھالدا سۇ ئارقىلىق تازىلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، تۆت خوتلۇق سۇ بېسىمىنى تەڭشەش، سۇ پۈركۈش ئورنىنى خالىغانچە تەڭشەش، قايتىلاپ تازىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار بار.

3. باكتېرىيە سۈمۈرۈش:

نازۇكلۇق دەرىجىسى 15~20 مىكرومېتىر بولغان باكتېرىيە سۈمۈرگۈچ بار بولۇپ، لاتقا، تۆمۈر دېتى قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى تازىلاش رولى بار، سۇ پۈركىگەندە تېخىمۇ پاكىز. يەنە كېلىپ تەرەتداننىڭ سۇ يولىغا يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن.

4. ئ‍ۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق ۋىرۇس يوقىتىش:

سۇ پۈركۈپ تازىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە تېخى ئ‍ۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق ۋىرۇس يوقىتىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويغىلى بولىدۇ، پاكىز قۇرۇتۇپ ھەممە ئورۇنلارنى تازىلايدۇ.

20170812203900311.jpg

يەنى ئىللىق تەرەتدان ئۈستىدە ئولتۇرىىسىز، ھاجەتنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق سۇ پۈركۈپ تازىلايسىز، ئ‍ۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق ۋىرۇس تازىلاش ئارقىلىق ھەممە تەرەپتىن تازىلايسىز، ئاندىن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىسىز-دە، سۇ ئاپتوماتىك چۈشىدۇ.

20170812203904316.jpg

تازىلىق قەغىزى بىلەن خوشلىشىش

بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەتدان بار بولسا پۈتۈن جەرياندا تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىلمەيدۇ، قول ئارقىلىق سۈرتۈلمەيدۇ، يۇقۇملۇق باكتېرىيەلەر بولمايدۇ. بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، تارىختىن بۇيان نەچچە مىڭ يىللىق بولغان «قول بىلەن سۈرتۈش» ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىندى. ئىلگىرى تازىلىق قەغىزى بىلەن تازىلىغاندا %90 كىشى پاكىز تازىلانمايدىغانلىقنى ئېيتقان، ئەمدىلىكتە تازىلىق قەغىزى ئىشلەتمىسەكمۇ بولىدۇ، ئاپتوماتىك تازىلىنىدۇ، ئىللىق، بىخەتەر، پاكىز، خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قەغەز ئارقىلىق تازىلاش دۆلىتىمىزدە %40 ئادەمنىڭ مەقەت كىسلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشتەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بىراق ياپونىيەدە بۇ نىسبەت %0، چۈنكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن سۇ ئارقىلىق تازىلاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىپ بولغان، ئەمما ھازىر سۇ ئارقىلىقلار تازىلاش ئەمەس، ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق ۋىرۇس تازىلاش، ئىسسىتىش، تېمپراتۇرىسىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشەش قاتارلىق بولغان بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولغان ئۇسۇللار بار.

20170812203859351.jpg

شۇنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇ، كەلگۈسىدە شياۋمى تەرەتدانى چىراي پەرىقلەندرۈش سېنزورلىرى ئارقىلىق، ھاجەتكە كىرگەن ئادەمنى پەرقلەندۈرۈپ، ھاجەتكە ئولتۇرغان قېتىم سانىنى ئاساس قىلىپ، ئىشلەتكۈچى بەدىنىنىڭ ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ دالاش ۋە سۇغۇرتا ساھەلىرىگە يۈرۈش قىلىدۇ.

ئاخىردا قىستۇرۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك يېرى بولسا، پەن-تېخنىكا يەنە بىر قېتىم ئىنسانلارغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى. بىراق ھەربىر مەيدان يېڭىلىقنىڭ ئالدى-كەينىدە كىشىنى يىغلىتىدىغان ۋە كۈلدۈرىدىغان ئىشلار بار. قەغەز ياساش شىركەتلىرى دەل بۇنىڭ مىسالى، ئۇلار ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارغا بۇنداق خىرىس ئېلىپ كەلگىنى بىر يانفون ياساش شىركىتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىردىئان يڭى ئىنىرگىيەلىك سۇ ساپلاشتۇرۇش ماشىنىسى2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ياخشى مەھسۇلات ئقتىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ . سۇنى ئستىدۇ ،دىزىنفكسىيەلەيدۇ ، ئولتۇردىغان ئۇرنى ئسسىيدۇ ، پاكىز يۇيدۇ ،قۇرتۇدۇ ، ئەر ،ئايال دەپ ئايرىم يۇيدۇ .يىراقتىن كونتۇرۇل قىلغىلىمۇ بولىدۇ ، ئشتاننى ئتىتپ قويمايدۇ باشقا ئشنىڭ ھەممىنى قىلدۇ . ئالدىغانلار بولسا ئالقىلقشىڭلار 9 يىل بولدى مۇشۇ ئشلارنى قىلۋاتىمىز

  • باتۇر2 ئاي ئىلگىرى

    يەنىلام داڭگال ياخشى

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق2 ئاي ئىلگىرى

    ئاقسۇنىڭ نەرىدە ساتىدۇ بىلدىغانلا دەپ بەرسەڭلا ئالاي دىگەن

  • ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق تەرەتدان بارلىققا كەلگىلى خېلى بولدىغۇ ،بىر دوستۇم ئۆيىگە ئاپتىكەن ،ئىشلىتىپ باقمىدىم لىكىن

  • يۈسۈپجان2 ئاي ئىلگىرى

    ئادەتتە مەنمۇ سۇ ئىشلىتىمەن،مىنىڭچە ياخشى مەھسۇلاتكەن،مەنغۇ شىياۋمى ھەۋاسكارى ئەمەس،باھاسىنى نەچچە يۈز يۈەنلا دەپتىغۇ ئەينا.

  • نەبى2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي بۇ ھاجەتخانلار چىقىپ بولغىلى 2 يىلدىن ئاشتى شاۋمى ئەمدى چىقىرىتۇ تاۋباۋلاردا بەك كۆپ بۇنداق تەرەتدان

  • مەن2 ئاي ئىلگىرى

    سۇ بىلەن تازىلاپ بولغاندىن كىيىن ئىسسىق شامال بىلەن قۇرۇتسا بۇ بوپ قويغىدەك

  • مەن2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ مەھسولات كېڭىيەلمەيدۇ،سۇ بىلەن پاڭىزلىسىمۇ يەنە قەغەز بىلەن نەملىكنى يۇقاتمىسا بولمايدۇ

  • چىن دىل2 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭ بىر تونۇشۇم ياپونىيىدىن 2000 دوللارغا بىرنى ئەكەپتىكەن ، بۇنداق تەرەتداندىن

  • مىردىئان يڭى ئىنىرگىيەلىك سۇ ساپلاشتۇرۇش ماشىنىسى2 ئاي ئىلگىرى

    بىز 2009 يىلى ئەكىرىپ بازارغا سالغان ،ئۈنۈمى تازا ياخشى ئەمەس . كۈنەلمەي قالدۇق دىگەن ئنكاس بىلەن كۆپ قىسمىنى قايتۇرۋالدۇق ،كوريەنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号