باش بەت

زىيارەت

895يوللانما
7مەستانە

نېيمار بىرازىلىيە باج ئىشلىرى ئىدارىسىغا 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باج تاپشۇرماقچى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:32 4 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىلى نېيمار بىرازىلىيەدە باجدىن قاچقان دەپ قارىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورۇنلىرىنىڭ كېسىم چىقىرىشىغا ئۇچرىغان، نېيمارنىڭ ئادۋۇكاتى مۇشۇ ھەپتىنىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلىپ، بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى نېيمارنىڭ 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باج قەرزىنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نېيمارنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نېيمار بۇ قېتىمقى جازالاشنى قوبۇل قىلغان، ھەمدە بىرازىلىيە باج ئىشلىرى ئىدارىسىغا 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باجنى تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دەسلەپتە نېيمار 59.44 مىليون باج تاپشۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما كېيىنچە قانۇن يۈرگۈزۈش ئورۇنلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشى ۋە نېيمارنىڭ ئادۋۇكاتلار قوشۇنىنىڭ كەسكىن تالىشىشى نەتىجىسىدە بەلگىلەنگەن باج قەرزى سوممىسى يۇقىرى نىسبەتتە تۆۋەنلىتىلگەن. نېيمارنىڭ ئادۋۇكاتى مۇنداق دېگەن: «گەرچە نېيمار بۇ بەلگىلەنگەن باج قەرزى سوممىسىنىمۇ تۆلەشنى خالىمىغان، بۇ ئىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 3 يىل ۋاقىت بولدى، نېيمارنىڭ ھازىرقى كۆز قارىشى بولسا، بۇ ئىشنى تېزراق بىر تەرەپ قىلىش بولغاچقا بۇ قارارنى چىقاردى، ھېلىمۇ بۇ ئىشلار بەك قالايمىقان بولۇپ كەتتى». نېيمارنىڭ مەسلىھەتچىسىمۇ بۇ ئىشقا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نېيمارنى ئەيىپلەشمۇ بىر خىل ئالدىراپ-تېنەپ چىقىرىلغان قارار بولدى، بۇ ئۇنىڭ ئوبرازىغا نىسبەتەن يامان تەسىر پەيدا قىلدى، ھەممىگە ئايان، نېيمار ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا بەك دىققەت قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇندىن كېيىن قاتتىق ئىھتىيات قىلىپ، بۇ ئىشلاردىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك».


باش سۈرەت تاللاش x
  • 71382 ئاي ئىلگىرى

    نېيمارنىڭ نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ،نېيمار پۇل ئۈچۈن پارىژغا كەتتى بۇ ئېنىق،باجدىن قېچىشى ئۇ نېيمارنىڭ ئىشى ما ئۈستىدىكى ئىككى لايغەزەل گەپنىڭ چىرايلىقى بىلمىگەنكىن ئولتا

  • *قاراكۆز*2 ئاي ئىلگىرى

    قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقۇدۇ دەپ بارىسېلۇنادىن ۋاقتىدا كەتكىنى ياخشى بۇلدى.بۇنىڭغا ھەممىنى ئۇگۇتۇپ بۇلاپتىكەن.

  • ساكۇراگى2 ئاي ئىلگىرى

    بوپتۇ قارىۋاي ، باجنى تۆلىۋىتىپ ئەمدى باج ئۇغۇرلىما پارىژ ناھايتى پاكىزە جاي ، ئۇ يەدە ساڭا باج ئۇغۇرلاشنى ھەم ئارتىسلىقنى ئۆگەتمەيدۇ ھى ھى ھى

  • شامال2 ئاي ئىلگىرى

    بارسىلونادىكى ۋاقتىدا مىسسىنىڭ ئېزىقتۇرشى تەسىردە باج ئۇغۇرلىغان بىلەن ئەمدى پارژدا مىسسى يوق بۇندىن كېيىن نىمار باج ئۇغۇرلىمايدۇ دېسەم دېمىسەم نىمار مىسسىغا ئەگەشكىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号